ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلات ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۆزگەردى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

G219 شىنجاڭ - شىزاڭ..
پولشا 1-1 ئىنگلاند..
شىۋىتسىيەلىك چول..
گانا ساقچىلىرىنى..
ئاۋىئاماتكىغا ئى..
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ..
تۈركىيە نېمە ئۈچ..
تۈركىيە يەھۇدىيل..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
بىن لادىننىڭ قول..
ئوباما ئافغانىست..
ئەر دوغان ئۈرۈمچ..
ئاففانىستان خەلق..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قار..
ئەر دوغان ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى..
تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئ..
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغ..
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈرگەن تا..
بىن لادېننىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئو..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 75 ياشلىق ئىتالىيەنىڭ س..
G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى..
ھايۋاناتلار قوغدىغۇچىلىرى يالىڭاچ نامايىش قىلد..
ئامېرىكىدىكى بىر كۆل بويىدا قانخور «ئالۋاستى» ..

 
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلات ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۆزگەردى

\



 شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى چىن دېمىڭ 3-چېسلا، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى كارخانىلىرىنى بىر ئادىل، باراۋەر سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى توسۇق قىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىن دېمىڭ 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ئاستىدا ئىقتىسادىي سۆھبەت يىغىن ئارىلىقىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تەرەپكە ئۆزىنىڭ مۇنداق بىر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، يەنى ئىككى تەرەپنىڭ سەمىمىي ھالدا ھەمكارلىشىپ ياخشى بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىشىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا بولغان باراۋەرسىزلىكلەرنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا، چىن دېمىڭ مۇنداق كۆرسەتكەن: ئىككى تەرەپ سۆھبەت داۋامىدا ئىستراتېگىيىلىك يۇقىرى نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى گېسنىر (Geithner) جۇڭگو ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ دەپ بىلدۈرگەن. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ لەۋزىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا قارىغاندا، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ لىڭ 3-چېسلا ئېلىپ بېرىلغان 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبەت يىغىنى مەزگىلىدە، ھازىر خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى خەلقئارا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەت بولۇشى بىلەن، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەتتاكى دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ئورتاق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېگەن.



\
 

  جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىنى جۇڭگوغا بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورتنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىپ، سودا پاسسىپ بالانسىنى كىچىكلىتىشنى دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىلەش يەنىلا يېتەرلىك بولمىغان.


\
 

 ئىككى دۆلەت بۇ ساھەدە كۆپ قېتىم كېڭەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ماھىيەتلىك بۆسۈش بولمىغان


\

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئىقتىسادىدا گەرچە ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى بولغان بولسىمۇ، لېكىن سودا پاسسىپ بالانسى مەسىلىسى يەنىلا پەسەيمىگەن


\

  
ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ ئىزچىل ھالدا جۇڭگوغا بولغان تېخنىكىلىق مەھسۇلات ئېكسپورتى جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىدۇ دېگەندەك باھانىلەر ئارقىلىق بۇ ساھەدىكى سودىنى چەكلەپ كەلگەن.


 \
 

 جۇڭگونىڭ بىر قىسىم ساھەلەردە ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقى ناھايىتى زور، مەسىلەن 80-يىللاردا سېتىۋېلىنغان ئامېرىكىنىڭ بىر تۈركۈم «قارا بۈركۈت» تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە.


\

  
كىچىك بوش ھوقۇق تۇتقان كېيىنكى مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا ئانچە-مۇنچە قويۇۋېتىش بولغان، لېكىن ئوباما ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ باقمىغان.


\
  

جۇڭگوغا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش بولسا بىر ئىككى بىسلىق بولۇپ، مەسىلەن جۇڭگونىڭ چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان تۈرىنىڭ سىرتىغا تايىنىشى بىر قەدەر يۇقىرى، 80 يىللىرى تاشقى ھەمكارلىقنى توختاتقانلىق سەۋەبىدىن «توشۇش 10 ‹Y-10›» چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلاننى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش تۈرىدە  يەنىلا نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت بولغان.


 \
 
 

نۇرغۇنلىغان دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ساھەلەردىكى يۇقىرى تېخنىكىلار ئەمدى سېتىۋېلىشقىلا تايىنىپ قالسا بولمايدۇ، جۇڭگومۇ چوقۇم بۇ نۇقتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-5-5 13:35:39  كۆرۈلۈشى : 2969 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682