سۈرىيەدىكى ھۇلا پاجىئەسى مەسىلىسىدە، رۇسىيە ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولۇپ، سۈرىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا ئېنىق قارشى تۇرۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنى ئۈزۈل-كېسىل ئېنىقلاپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ئېنىقلا يەڭ شىمايلاپ تۇرغان غەربلىكلەرگە بىر داس سوغۇق سۇ چاچقانلىق ھېسابلىنىدۇ. 29-ماي، ئامېرىكىنىڭ باياناتچىسى يەنە رۇسىيىدىن مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلغان، قارىغاندا، بۇ قېتىم ئۈمىد يوققا چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.تېخى يېقىندىلا، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوخشاش بىر كۈندە سۈرىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ چىقارغان.بۇ غەرب ئومۇميۈزلۈك پىلانلىغان بىر ھەرىكەت بولۇپ، بۇ مەلۇم بىر سىگنالدىن يەنى غەرب ئەللىرىنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قوللىنىشىنىڭ قىل ئۈستىدە تۇرغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.ھۇلا قىرغىنچىلىق ۋەقەسى غەربكە يېتەرلىك باھانە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ باھانە يۈزەكى خالاس. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆز قىلمىشىنى قەتئىي ئىنكار قىلدى، غەرب ئەللىرى ئۆز تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىزچىل تۈردە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگۈچىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىنى تارقاتتى. ئەمما قىزىق يېرى شۇكى، بەزى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگۈچىلەر قىرغىنچىلىقنى سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىلمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پاجىئەدە بومباردىمان قىلىشتا قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 20ئادەمگىمۇ يەتمەيدۇ، كۆپىنچىسى نەق مەيداندا «ئېتىۋېتىلگەن»، ھەمدە قوللانغان ۋاسىتە تولىمۇ قەبىھ.........ناۋادا بۇنى داڭلىق رېژىسسور كوروساۋا كۆرگەن بولسىدى، چوقۇم ئۆز كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ فىلىم ئىشلەش ماھارىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلانغانلىقىدىن خۇشال بولغان بولاتتى، ئەمما بۇ بىر مەيدان كۆرۈنۈشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغىنى ئۇچۇقتىن-ئۇچۇقلا يىرگىنچلىك ئىنسان تەبىئىتىدىن ئىبارەت.بۇ ۋەقەنىڭ ماھىيىتى يورۇتۇلمىغانىكەن، غەربنىڭ ئالدىراپ «ھۇلا»پاجىئەسىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشى، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. كۆزى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «ئىنسانپەرۋەرلىك»ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى نىقاب قىلىۋېلىپ، غەربنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدىن پايدىلىنىپ، سۈرىيە بەشىر ھاكىمىيىتىنى«تۇيۇق يولغا قىستاۋاتقانلىقى»نى بىلىۋالالايدۇ.فرانسىيە ھەممىدىن ئاۋۋال مەيدانغا چىقتى، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، «يېڭى ئەمەلدار تەختكە چىقسا يېڭى تەدبىر قوللىنىش لازىم»ئەمەسمۇ، ئەگەر تېخىمۇ يېڭىچە بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنالمىسا، ھوللاندې ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تەجرىبىسىدىكى بوشلۇقنى قانداق تولدۇرالىسۇن؟ھۇلا پاجىئەسىگە زادى كىم مەسئۇل بولىدۇ؟سۈرىيە ھۆكۈمىتى مەسئۇلىيەتتىن باش تارتالمايدۇ، يەنە باشقا ئاشكارىلىغىلى بولمايدىغان قارا قول بارمۇ-قانداق؟ئەمەلىيەت ھەممىدىن ئەۋزەل، ھەقىقىي ئەھۋال ئېنىقلىنىشتىن بۇرۇن، غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچەپ تەنقىد قىلىشى، ئالدىراقسانلىق قىلغانلىقمۇ-قانداق؟پەقەتلا بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئىشقا مەجبۇرلاپ ئىنسانپەرۋەرلىك ماركىسىنى چاپلاپ، بەشىر ھۆكۈمىتىمۇ «دېموكراتىيە» مەسىلىسىدە ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدى. ھەتتا ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، باشقا بەزى ئەللەرنىڭ ئاقىلانە تەلىپىمۇ سۈرىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، ئۆلۈم خەۋپى ئالدىدا تۇرغاننى كۆرۈپ قۇتقۇزمىغان« قولچوماق»دەپ قارالدى.لىۋىيە ۋەقەسى دۇنيا خەلقىگە ھەربىي مۇداخىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇتۇپ قويدى، يەنە بىر لىۋىيىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ غەربتىكى «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكۈچىلەر»نىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بۇ خىل ئېھتىماللىق راستىنىلا ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. خەلقئارا جەمئىيەت پەقەت بۇ خىل ئېھتىماللىقنى توسۇپ قالالايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، «ئىنسانپەرۋەرلىك»مەقسىتىنى ئاساس قىلىپ، تېخىمۇ ئىنسانىيلىققا ئىگە بولمىغان ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号