ئوباما ئىرانغا تور ھۇجۇمى قىلىشقا مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

G219 شىنجاڭ - شىزاڭ..
پولشا 1-1 ئىنگلاند..
شىۋىتسىيەلىك چول..
گانا ساقچىلىرىنى..
ئاۋىئاماتكىغا ئى..
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ..
تۈركىيە نېمە ئۈچ..
تۈركىيە يەھۇدىيل..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
بىن لادىننىڭ قول..
ئوباما ئافغانىست..
ئەر دوغان ئۈرۈمچ..
ئاففانىستان خەلق..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قار..
ئەر دوغان ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى..
تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئ..
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغ..
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈرگەن تا..
بىن لادېننىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئو..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 75 ياشلىق ئىتالىيەنىڭ س..
G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى..
ھايۋاناتلار قوغدىغۇچىلىرى يالىڭاچ نامايىش قىلد..
ئامېرىكىدىكى بىر كۆل بويىدا قانخور «ئالۋاستى» ..

 
ئوباما ئىرانغا تور ھۇجۇمى قىلىشقا مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن

يەرشارى تورى خەۋىرى، ئامېرىكا «نىيويورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى زۇڭتۇڭى بىراك ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاشتۇرۇش ئەسلىھە كومپيۇتېر سىستېمىسى تورىغا ھۇجۇم قىلىش مەخپىي بۇيرۇقىنى تىزلىتىپ، ئامېرىكا تور ئۇرۇشىنىڭ كۆلىمىنى كۈنسېرى كېڭەيتكەن. نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭ تور ھۇجۇمى ئىراننىڭ 1000 غا يېقىن سېنترىفۇگنى بىر قېتىمدىلا پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
بۇ پىلان ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقتىدىن باشلانغان بولۇپ، ئومابا تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە بولغان تور ھۇجۇمىنىڭ قەدىمىنى كۈنسېرى تېزلەتكەن.
2010-يىلى يازدا، بىر پروگرامما خاتالىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بىر ئىچكى پارازىت قۇرت ۋىرۇسى «Stuxnet» كۈتۈلمىگەندە ئىراننىڭ نەتانز يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن چىقپ، پۈتۈن يەرشارى ئالاقە تورى سىستېمىسىغا تارقاپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ تور ھۇجۇمى پىلانىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن، ئەمما ئوباما ئۆزىنىڭ تور ھۇجۇمىنى كۈچەيتىش قارارىنى ئۆزگەرتمىگەن. كېيىنكى نەچچە ھەپتە ئىچىدە، ئىراننىڭ نەتانز يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئارقا-ئارقىدىن ئىچكى پارازىت قۇرت ۋىرۇسى «Stuxnet» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ قېتىمقى زەنجىرسىمان تور ھۇجۇمىدا، ئىراننىڭ 1000 گە يېقىن سېنترىفۇگى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىران 5000 دانە ئۇران قويۇقلاشتۇرىدىغان سېنترىفۇگقا ئىگە ئىدى.
بۇ قېتىمقى زىيانكەشلىك ھەرىكىتى ئىراننىڭ يادرو قورال ياساش تەتقىقاتىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەۋەب بولدى. ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكرى بىردەك بولمىدى. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئەمەلدارىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تور ھۇجۇمى ئىراننىڭ يادرو قورال ياساش ۋاقتىنى 18 ئايدىن ئىككى يىلغىچە كەينىگە سۈرۈۋەتكەن. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاشتۇرۇش سەۋىيىسى قەدەممۇ-قەدەم ئەسلىگە كەلگەن.
خەۋەردە«بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم تور ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ باشقا دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈشى» دېيىلگەن. ئەمما ئوباما، ئەگەر ئامېرىكا تور ئۇرۇش قورالىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بوينىغا ئالسا، بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە، تېررورچىلار ۋە خايكېرلارغا دەستەك بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ كۆپ قېتىم ئەنسىرىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-6-4 13:04:15  كۆرۈلۈشى : 1392 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682