جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 23-ماي تېلگراممىسى: ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 22-ماي ئىران پايتەختى تېھراندا، ئىراننىڭ غەربىي جەنۇب شەھىرى خوررامشاھر شەھىرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىمدا ئەڭ يېڭى ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللار ئېلان قىلىندى.ئىگىلىنىشىچە، خاتىرلەش مۇراسىمىدا، جەمئىي ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن بەش ھەربىي كېمە كۆرسىتىلگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچى قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى، ئىككىسى سۆرەش پاراخوتى ئىكەن.بۇندىن بۇرۇن، ئىران ھەربىي تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، خوررامشاھر شەھىرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئىران قۇرۇقلۇق قىسىملىرى بۈگۈن ئىسپاھان ئۆلكىسىدە ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزىدۇ، ھەمدە مانۋېردا بىر تۈركۈم ئۆز دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى قوراللار سىناق قىلىنىدۇ، دېگەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号