جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 10-ماي تېلېگراممىسى چەتئەل تېلېگراف خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، پات ئارىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى 8-ماي ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئىچكى كابىنىت يىغىنى چاقىردى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، يىغىنى كەيپىياتى كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى مىنىستىرلار ساركوزىغا ئۇزۇنغىچە چاۋاك چېلىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن.ساركوزى ھەر قايسى مىنىستىرلارغا ئۆزىنىڭ يېڭى پرېزىدېنت ھوللاندغا «ئامەت»تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.باش مىنىستىر فىللون يىغىندىن كېيىن مۇنداق دېدى:«ساركوزى 2007-يىلى سايلام رىقابىتىدە بەرگەن ئاساسى ۋەدىلىرىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى، بىز بىر قاتار ئىسلاھاتلار ئارقىلىق فرانسىيىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادى كىرزىس ئارقا كۆرۈنىشىدە تاماملانغان. بۇنى ئادەتتىكى ئادەملەر ئورۇنلىيالمايدۇ». مىنىستىرلار يەنە 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت چوڭ سايلىمى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تاشقى سودا ۋە ساياھەتچىلىك مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، ئوڭ قانات خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشىشىدىن ئىشەنچىسى بار. ئۇ يەنە «بەش ھەپتىدىن كېيىن بىزنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم بېرىدىغان ۋاقتىمىز»دېدى. شۇ كۈنى ھوللاند سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئالى ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ، پارلامېنت سايلىمى ھەمدە زىيارەتكە چىقىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. سايلام كوللېكتىپىنىڭ مەسئولى ھۇقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋىلىش خىزمىتىنىڭ ناھايتتى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، ساركوزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئاپرېن ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھوللاند 15-ماي ساركوزىنىڭ قولىدىن رەسمىي تۈردە پرېزىدېنتلىق ھۇقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ساركوزى بۇندىن بۇرۇن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق بىر سايلام رىقابىتى پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى، شۇندىن ئېتبارەن سىياسى مۇنبەر بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号