نۇر بەكرى ئۆمەك باشلاپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

G219 شىنجاڭ - شىزاڭ..
پولشا 1-1 ئىنگلاند..
شىۋىتسىيەلىك چول..
گانا ساقچىلىرىنى..
ئاۋىئاماتكىغا ئى..
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ..
تۈركىيە نېمە ئۈچ..
تۈركىيە يەھۇدىيل..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ب د ت نىڭ سۈرىيەد..
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگ..
بىن لادىننىڭ قول..
ئوباما ئافغانىست..
ئەر دوغان ئۈرۈمچ..
ئاففانىستان خەلق..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قار..
ئەر دوغان ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى..
تايلانتتا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىغان ئ..
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دىندىن خالىي سىياسەتنى يولغ..
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈرگەن تا..
بىن لادېننىڭ 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئو..
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، 75 ياشلىق ئىتالىيەنىڭ س..
G219 شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىدا قاتناش باشلاندى..
ھايۋاناتلار قوغدىغۇچىلىرى يالىڭاچ نامايىش قىلد..
ئامېرىكىدىكى بىر كۆل بويىدا قانخور «ئالۋاستى» ..

 
نۇر بەكرى ئۆمەك باشلاپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى

ئاپتونوم رايونىمىز مىسسۇرى ئىشتاتى بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى
 
    ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ : جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شۇ جاي ۋاقتى 11–ئاپرېلدىن 16–ئاپرىلغىچە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى . جېففىرسۇن شەھىرىدىكى مىسسۇرى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت بىناسىدا نۇر بەكرى ئىشتات باشلىقى جېروم نېكسون بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد–سودا، يېزا ئىگىلىكى ، ساياھەتچىلىك ، مائارىپ، ئېنېرگىيە ۋە پەن–تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ قاتلاملىق ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.

   ۋەكىللەر ئۆمىدىكىدىلەر ئامېرىكىدىكى مەزگىلدە جۇڭگونىڭ لوس–ئانژېلىستىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى چيۇ شاۋفاڭ ، مۇئاۋىن باش كونسۇلى بيەن لىشىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم شۇ جايدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن دوستلىشىپ ، ئۇلارغا شىنجاڭنى تونۇشتۇردى ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
   كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى 12–ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى نۇر بەكرى بىلەن جېروم نېكسون كەڭ كۇشادە ، ئىجادىي سۆھبەتلەشتى .
 نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2–ئايدا جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ھەمكارلىق ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى . شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىم ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، يەرلىك ھۆكۈمەت قاتلىمىدىن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلدى . تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتكە كېلىشتىن ئىلگىرى ، مەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى لو جياخۇي بىلەن سۆھبەتلەشتىم . لو جياخۇي جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مىسسۇرى ئىشتاتى بىلەن دوستانە رايون–ئىشتات مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلاشقانلىقىنى ئالقىشلىدى ھەم ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

   نۇر بەكرى مۇنداق دېدى : بۇلتۇر 7–ئايدا جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان باش ئىشتابى مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى بادىي ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش توغرىسىدا ھەمكارلاشتى . بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، خىزمەتلەر مول ئۈنۈملۈك بولدى ، ھەمكارلىق تۈرلىرى ساغلام ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى ، ھازىر شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى تاللانغان كۆمۈر بازىسىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ . ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد- سودا ئىشلىرىدىن باشلانغان ئالاقە، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى، ئالاقە–ھەمكارلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى. دوستانە رايون–ئىشتات مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن ئىككى جاينىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
   نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، جۇغراپىيەلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو شىنجاڭ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە رايون - ئىشتات مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىقتىساد–سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى ، مائارىپ ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرى ئارىسىدا ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئەلئارا ئالاقىسى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
   جېروم نېكسون ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى . ئۇ مۇنداق دېدى : مىسسۇرى ئىشتاتى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق جۇڭگو–ئامېرىكا ئارىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بادىي ئېنېرگىيە شىركىتى ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئەمەلىي ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا پۇختا ئاساس سالدى، كەلگۈسىدىكى ئالاقە، ھەمكارلىق ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بېرىش - كېلىش قىلىشىنى ۋە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن جېروم نېكسون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى جېئورجىنا نېكسون ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە زىياپەت بەردى.

   بادىي ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ئىمزالىغان تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنىڭ بىرى . شىنجاڭغا تۇنجى بولۇپ ماكانلىشىپ كۆمۈر ئېنېگىيە بايلىقىنى ئېچىشقا قاتناشقان چوڭ تىپتىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى −− بادىي شىركىتى جۇڭگو شىنجاڭدا جۇڭگو بويىچە ھەتتا دۇنيا بويىچە 1–دەرىجىلىك زامانىۋى كۆمۈر كان ئاچىدۇ. نۇر بەكرى ئۆمەكتىكىلەرنى باشلاپ سان لۇئىس شەھىرىگەكېلىپ، بادىي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بويسې بىلەن كۆرۈشتى، شىركەت ئىشتابىنى زىيارەت قىلدى ، شىركەت ئاسىيا رايونىنىڭ لېدىرى خې گېتاۋ قاتارلىقلار بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ھەمكارلىشىپ ئېچىش تۈرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى .ھازىر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى پىلانلاپ ، ياخشى يولغا قويۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .

خەۋەر مەنبەسى : مىسرانىم تورى

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-5-3 14:44:01  كۆرۈلۈشى : 814 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682