دۇنيا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە جۇڭگو ئەيىپلىكمۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

لوندوندىكى %85 گە ..
جۇڭگونىڭ ھەربىي ..
جۇڭگودا مىليون د..
كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئايرىۋاشلىنىش باھاس..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
تارىم نېفىتلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتى..
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە ي..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..

 
دۇنيا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە جۇڭگو ئەيىپلىكمۇ
دۇنيا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە جۇڭگو ئەيىپلىكمۇ
    [ئامېرىكا «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ تور بېكىتىنىڭ 30-مارت ماقالىسى] دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگو ئۆي-زېمىن باھاسىنى تېز ئۆستۈرۈۋەتتى . ئەنخۇي تۇزچىلىق باش شىركىتى 11 مىڭ ئىشچىغا ۋە ھۆكۈمەت تۇز كېنىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت كارخانىسى. بۇ كارخانا ھازىر ئۆي-زېمىن كەسپىدىن ئىبارەت يېڭى ساھەگە قەدەم قويدى. بۇلتۇر بۇ شىركەت ۋۇخۇدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر قېتىملىق يەرنى كىم ئارتۇق سودىسىغا قاتنىشىپ، باشقا ئىككى تەرەققىيات سودىگىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ھازىر «بەيجىنۋەن» دىن ئىبارەت ئالىي ئىمارەتنى سالماقتا.
      ئەنخۇي تۇزچىلىق باش شىركىتى ئۆي-زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بىردىنبىر دۆلەت كارخانىسى ئەمەس. جۇڭگودا دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت، خىمىيە سانائىتى، ھەربىي سانائەت، تېلېگراف ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ماگناتلىرى يەر ئېلىش ئۈچۈن بەس-بەستە يۇقىرى باھا قويۇپ، ئاساسىي كەسپى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئۆي-زېمىن تۈرلىرىگە يۇپۇرلۇپ كىرمەكتە. سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دىڭ يۇڭخېڭ: «بۇ كارخانىلارنىڭ يەر سېتىۋالىدىغان پۇلى كۆپ» دېدى.
       جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۆي-زېمىن كەسپىنىڭ گۈللىنىشىنى قەرز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بولىدىغان ھايانكەشلىك كۆپۈكىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى بۇ دۆلەت شىركەتلىرى ئۆي باھاسىنى ھەدەپ ئۆستۈرۈپ، مەركەزنىڭ يۇقىرىقى تىرىشچانلىقى بىلەن قارمۇ- قارشى يول تۇتتى.
      يەر سودىسى خاتىرىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بېيجىڭدا كىم ئارتۇق سودىسى ئارقىلىق سېتىلغان يەرنىڭ ٪82گە چوڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئېرىشكەن، لېكىن 2010-يىلى بۇ نىسبەت ٪59 ئىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىقتىساد تەتقىقات ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2003-يىلىدىن بۇيان، بېيجىڭدا يەر باھاسى ٪750 ئۆرلىگەن، ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئۆسۈش نىسپىتى بۇ ئۆسۈش نىسپىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆي باھاسىمۇ ماس قەدەمدە ئۆرلەپ، نۇرغۇن شەھەردە ئۆي باھاسى يېقىنقى يىللاردا بىر قاتلانغان. دوكلاتتا : ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئاساسلىقى دۆلەت كارخانىلىرى سەۋەب بولدى، چۈنكى ئۇلار «ئوخشاش بىر پارچە يەرگە باشقا رىقابەتچىلىرىدىن ٪27 يۇقىرى باھا قويغان»، دەپ قارالدى.
       ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئۆي باھاسىنىڭ تېز ئۆرلىشى مەركىزىي ھۆكۈمەت بېكىتكەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش نىشانىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە. يېقىنقى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەن ٪80 تىن كۆپرەك كىشى ئۆي باھاسىنىڭ ئاساسلىقى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر «ئاستىرىتتىن تۈرتكە بولماقتا» دەپ قارىغان.
          بۇ شۈبھىسىزكى، خۇسۇسىي ئۆي-زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئۆي-زېمىن كەسپى دۆلەت مەبلىغى بار تەرەققىيات سودىگەرلىرىگە مايىللىشىدىغانلىقتىن، جۇڭگونىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىنى ئون نەچچە يىل كونترول قىلغان خۇسۇسىي ئۆي-زېمىن تەرەققىيات سودىگەرلىرى ھازىر بۇ ساھەدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولماقتا.
       جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھازىر تېز ئېشىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ ئاستىلاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ھەم كرېدىتنى تىزگىنلەشكە تىرىشماقتا. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ دۆلەت بانكىلىرىنىڭ زىيادە كېڭىيىۋاتقان دۆلەت تەرەققىيات سودىگەرلىرىگە ئۆز مەيلىچە قەرز پۇل بېرىشنى توسۇشقا تىرىشماقتا. بېيجىڭ ئۆي-زېمىن كەسپىدە تەجرىبىسى كەمچىل ياكى تەجرىبىسى يوق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇ يىل مارتتا، گوۋۇيۈەن 78 مەركەز كارخانىسىنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
      لېكىن تەھلىلچىلەر: جۇڭگو ھۆكۈمىتى نەچچە يۈز دۆلەت كارخانىسى ۋە بالا شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ بازار تېپىۋاتقان ئۆي-زېمىن كەسپىگە كىرىشىنى ئاسانلىقچە توسالمايدۇ، دەپ قارىماقتا. مۇتەخەسسىسلەر: بېيجىڭنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى 125 كارخانىنىڭ يەنە ٪90 تىن كۆپرەكى ئۆي-زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، يەرلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ باشقا نۇرغۇن تەرەققىيات سودىگەرلىرىنى كونترول قىلىۋالدى، دېدى.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-31 0:13:14  كۆرۈلۈشى : 422 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682