جۇڭگو ئىقتىسادى ئامېرىكىدىن نېمىشقا ھالقىپ كېتەلمەيدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

لوندوندىكى %85 گە ..
جۇڭگونىڭ ھەربىي ..
جۇڭگودا مىليون د..
كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئايرىۋاشلىنىش باھاس..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
تارىم نېفىتلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتى..
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە ي..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..

 
جۇڭگو ئىقتىسادى ئامېرىكىدىن نېمىشقا ھالقىپ كېتەلمەيدۇ
جۇڭگو ئىقتىسادى ئامېرىكىدىن نېمىشقا ھالقىپ كېتەلمەيدۇ 
       [ ئامېرىكا «فوربېس» قوش ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 30-مارت ماقالىسى]   جۇڭگو ياپونىيەدىن ھالقىپ دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى. شۇڭا كىشىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن جۇڭگو جەزمەن ئامېرىكىدىن دۇنيادىكى «بىرىنچى»لىك ئورۇننى تارتىۋالىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى. ياپونىيە نومۇرا ئاكسىيە شىركىتىمۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئون يىلدىن كېيىن ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى. ئىقتىسادشۇناس روبېرت ۋوگېل : 2050-يىلىغا بارغاندا جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ٪40 ىنى، ئامېرىكا ئىقتىسادى بولسا ئاران ٪14 نى ئىگىلەيدۇ، دەپ ئالدىن ھۆكۈم قىلدى.
      ئامېرىكىلىقلار ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلىشى كېرەك. لېكىن، خۇددى 20 يىل ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە زومىگەرلىك قىلىشىدىن ئەنسىرگەندەك «جۇڭگو جەزمەن دۇنياغا خوجا بولىدۇ» دېگەن قاراش ئەمەلىيەتتە بەك مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە، مەلۇم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى مەڭگۈلۈك بولمىسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشى نۇرغۇن مۆلچەرنىڭ چىقىش نۇقتىسىدۇر. ئاخىرىدا، تەننەرخ ئۆرلەپ، ئىچكى بېسىم ئېشىپ، ئەسلىدىن بار بولغان چەكلىمە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، ھەتتا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     لېكىن ئامېرىكا دۇنيادىكى كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتا كۆپ پۇرسەتكە ئىگە بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ئورنىنى كەلگۈسى 10، 20 يىلدىلا ئەمەس، ھەتتا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ساقلىيالايدۇ. ئادەتتىكى قاراشلارغا زىت بۇنداق يەكۈننى چىقىرىشتا تۆۋەندىكى بەش سەۋەب بار:
         1. ئەگەر سۇنى «يېڭى نېفىت» دېسەك، ئۇنداقتا جۇڭگو سۇ قىس بولغان كەلگۈسىگە دۇچ كېلىدۇ. «سۇ: بايلىق، ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت ئارىسىدىكى كەسكىن تالاش-تارتىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى سىتېۋ سولومون : جۇڭگونىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە تاتلىق سۇ زاپىسى ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىغا توغرا كەلسىمۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئامېرىكىنىڭ سۇ سەرپىياتى ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتماقتا. لېكىن جۇڭگو سانائەت، يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ بايلىقى ئىستېمالچىلىرى ۋە ھازىر پاكىز سۇنى ئاسانلىقچە ئىشلىتەلمەيۋاتقان ئادەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىغا دۇچ كەلمەكتە، دەپ كۆرسەتتى.
    2. جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى تېز ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە يېتەرلىك بايلىق كەمچىل. 1995-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ چەت ئەل نېفىتىگە تايىنىۋېلىشى ٪60 كە يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇزاقتىن بۇيان كۆمۈر ئېكسپورت قىلىپ كەلگەن بۇ دۆلەت تەدرىجىي ھالدا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بۇ يېقىلغۇنى ئىمپورت قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولماقتا. 
     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا كۆمۈر، تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخى ئېچىلمىغان مىنېرال يېقىلغۇ بايلىقىغا ئىگە. ئەگەر كانادامۇ بۇ ھېسابلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا شەرقتىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.
      3. يېمەكلىك جۇڭگو جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. سۇنىڭ قىسلىقى، ئومۇميۈزلۈك بۇلغىنىش ۋە نىسبەتەن يۇقىرى ئېنېرگىيە تەننەرخى جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چەكلەيدۇ. بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى ئېتىزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. بەزى مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان شال مەمەھسۇلاتى ئۇزاق مەزگىلكىچە كېمىيىشكە دۇچ كېلىدىكەن.
    جۇڭگو ئېغىر كەلكۈن زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئامېرىكا ۋە كانادادىن ياردەم تەلەپ قىلغاندىلا زۆرۈر بولغان يېمەكلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. بولمىسا يېمەكلىك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچلىك تەمىنلىگۈچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
       4. كەلگۈسى ئون يىلدا، جۇڭگودا ياشانغانلارنىڭ تېز كۆپىيىشى ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى چۈشەپ قويىشى مۇمكىن. 2050-يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكا ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىرلا 60 ياشتىن ئاشسا، جۇڭگودا بولسا ٪31 كە يېتىپ، ياشانغانلار 400 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى يوق دېيەرلىك، ياشانغانلارنى باقىدىغان پەرزەنتلەرمۇ كۆپ ئەمەس.
  5 . ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەر بەزىدە دەسلەپكى باسقۇچتا تېز تەرەققىي قىلسىمۇ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئېشىشى ئادەتتە تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتكە يەتمەيدۇ. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى نىسبەتەن نازۇك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، زىرەك ھەم ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان ھىندىستانلىق كارخانىچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇق كارخانىچىلارنىڭ تايىنىۋېلىشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. «ھاكاۋۇر» جۇڭگونىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى بەزى چەت ئەل كارخانىلىرى، ھەتتا بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە سودا شېرىكلىرىنى ئىزدىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
     تۈرلۈك مەسىلىلەر ساقلانسىمۇ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى يەنىلا بۇ دەۋردىكى ئاساسلىق سودا ھادىسىسى بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى، جۇڭگونىڭ دۇنياغا «خوجا بولۇش» ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئېھتىمالىقى ناھايىتى ئاز. بۇ دۆلەتتىكى سىياسىي مەسىلىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان باراۋەرسىزلىك ھادىسىسىدىن چىقىۋاتقانلىقى كىشىلەر ھەمىشە سەل قارايدىغان ئامىل بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
  كەلگۈسى ئون يىلدا نىسبەتەن زور ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدىغىنى ھازىر ئىقتىسادى كاساتلىشىۋاتقان ئامېرىكا بولماستىن، جۇڭگو بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ جۇڭگو بولماستىن، ئۆزى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-31 0:12:21  كۆرۈلۈشى : 455 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682