سەنيا شەھىرىدە بوش قالغان تاۋار ئۆيلەر %85 نى ئىگىلىدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

لوندوندىكى %85 گە ..
جۇڭگونىڭ ھەربىي ..
جۇڭگودا مىليون د..
كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئايرىۋاشلىنىش باھاس..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
تارىم نېفىتلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتى..
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە ي..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..

 
سەنيا شەھىرىدە بوش قالغان تاۋار ئۆيلەر %85 نى ئىگىلىدى
 
شىنلاڭ تورى «مالىيە» قانىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئىشچىلار گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھەرلىك ئۆي- زېمىن سودىسىنى باشقۇرۇش ئورنى بازار بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشچە، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ بوش قېلىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %85 كە يېتىدىكەن، بولۇپمۇ سەنيا شەھىرىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان دېڭىز مەنزىرىسىگە ئىگە بولغان چوڭ شەرقىي دېڭىز، سەنيا قولتۇقى قاتارلىق رايونلاردىكى مەنزىرىلىك تاۋار ئۆيلەرنىڭ بوش قېلىش نىسبىتى ھەتتا %95 ئەتراپىغا يېتىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: خەيكۇ، چيوڭخەي، ۋېنچاڭ قاتارلىق سەككىز ناھىيە- شەھەردىكى ئۆي- زېمىن ئېچىش ئەھۋالىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، ئادەتتە بەزى ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ئۆيلەردە ئادەم ئولتۇرۇش نىسبىتى %2 كىمۇ يەتمەيدىكەن، كۆپلىگەن ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ئۆيلەردە ئادەم ئولتۇرۇش نىسبىتى %20 كە يەتمەيدىكەن، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئاران %40 تىن %60 كىچە بولىدىكەن.
يەرلىك كىشىلەر ئۆي ئالالماسلىق، سىرتتىن كەلگەنلەر ئۇزۇن تۇرماسلىق، ئۆي- زېمىن كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى يۇقىرىقىدەك تاۋار ئۆيلەرنىڭ يۇقىرى بوش قېلىش نىسبىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىۋاسىتە تۈرتكىدۇر. سەنيا شەھەرلىك ئۆي- زېمىن سودىسىنى باشقۇرۇش ئورنى بازار بۆلۈمىدىكى بىر نەپەر خىزمەتچى خادىمنڭ ئېيتىشىچە، سەنيا شەھىرىدىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ يۇقىرى بوش قېلىش نىسبىتى مۇتلەق چىقىمنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تاۋار ئۆيگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ چەكلىك بولۇشى، خەينەندىكى ئۆي- زېمىن كەسپى قۇرۇلمىسىنىڭ ئاددىي بولۇشى، سىرتقا يۈزلىنىش ئالاھىدىلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
بۇ خىزمەتچى خادىم مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە سەنيا شەھىرى «پەسىل قۇشى» تىپىدىكى كىشىلەر توپى تەخمىنەن 350 مىڭدىن 400 مىڭغىچە بولۇپ، شەنيا خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %3.8 تىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ كىشىلەر سېتىۋالغان ئۆينىڭ كۆپىنچىسى قىشلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىستىراھەت قىلىش تىپىدىكى غەيرىي مۇتلەق ئېھتىياجنى ئاساس قىلغان ئۆيلەر بولۇپ، پەسىل خاراكتېرى، دائىم ئادەم ئولتۇرماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىكتۇر.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇنچە كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغان ئۆي- زېمىن كەسپى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇتلەق ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، تاۋار ئۆيلەرنىڭ يۇقىرى بوش قېلىش نىسبىتى شەكىللىنىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى. بۇ خىزمەتچى خادىم مۇنداق بىلدۈردى: سەنيا شەھىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆز يېرىدە خۇسۇسىي ئۆي سېلىش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، مەسىلەن سودا كوچىسى، پىرىستان كەنتى قاتارلىق شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلىغاندىمۇ 10 مىڭ يۈرۈشكە يېقىن تۇرالغۇ بار؛ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۆي ئىسلاھاتى بويىچە سالغان ئۆيى ۋە كوللېكتىپ مەبلىغىدىكى ئۆيلەرمۇ تەخمىنەن 20 مىڭ يۈرۈش كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا كاپالەتلىك تۇرالغۇلارمۇ 10 مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك كېلىدۇ.
بۇ خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان ئۆي باھاسىمۇ سەنيا شەھىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى ئازايتىۋەتمەكتە.
نۆۋەتتە، سەنيا شەھىرىنىڭ ئۆي- زېمىن تەرەققىيات كەسپىدە تۇرالغۇلۇق مۈلۈك مۇتلەق كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تاۋار تۇرالغۇسىنىڭ پۈتۈش مىقدارى تاۋار ئۆيلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %90 ئەتراپىغا يېتىدۇ، تاۋار تۇرالغۇلىرىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى بولسا سىرتتىن كەلگەنلەرگە سېتىپ بېرىلگەن.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-31 0:11:27  كۆرۈلۈشى : 541 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682