جۇڭگولۇق بايلارنىڭ ھارام كىرىمى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

لوندوندىكى %85 گە ..
جۇڭگونىڭ ھەربىي ..
جۇڭگودا مىليون د..
كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئايرىۋاشلىنىش باھاس..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
تارىم نېفىتلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتى..
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە ي..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..

 
جۇڭگولۇق بايلارنىڭ ھارام كىرىمى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ
        [ئامېرىكا «ھەپتىلىك ئاخبارات ژۇرنىلى» تور بېكىتى  28-مارت ماقالىسى]  جۇڭگودىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ «كۈلرەڭ»بايلىقى نەدىن كەلگەن؟   جۇڭگو ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ  ئۆتكەن نەچچە يىلىق ئىز قوغلاپ  نەچچە مىڭ كىشىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا ئۈچتىن بىر قىسىم بايلىق مەلۇم قىلىنمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم «كۈلرەڭ كىرىم» ئاخىرىدا ئەڭ باي ٪10 كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىدىكەن.
      بۇ تەتقىقات تۈرىگە مەسئۇل ئىقتىسادشۇناس ۋاڭ شياۋلۇ: «كۈلرەڭ كىرىم» ئادەتتە چىرىكلىك، ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش، جامائەت سېلىنمىسى، يەر ئېچىش (تۈرى) جەريانىدىكى ئۈلۈش ۋە باشقا مونوپول مەنپەئەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دېدى. بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىسمىنى يوشۇرۇش ۋە باشقا تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىشنى خالىمانلارنى قايىل قىلىپ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان.
       مەلۇم ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا جۇڭگودىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار بىلەن مەلۇم ۋاقىت بىللە تۇرغان ئامېرىكىلىق فىلىم ئىشلىگۈچى ئولېي سيېر: « بۇ يەردىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى غەرب دۆلەتلىرىدىكىدىنمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىكەن» دېدى.
  سيېر: بەزى كېچىلىك كۇلۇبلارنىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى داڭلىق پىكاپلار يولۇقۇپ تۇرىدۇ، بۇ  بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە ئايلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئۇ چۈشەندۈرۈپ: بۇ پىكاپلارنىڭ ئىگىلىرى   ئاتالمىش «2-ئەۋلات بايلار». چۈنكى، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغىلى 30 يىل بولغاچقا، ئاتا-ئانىسى باي بىر ئەۋلاد ياشلار پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، مەلۇم گۇمانلىق ئۇسۇللار بىلەن زور مال-دۇنياغا ئىگە بولۇۋالغان، لېكىن بۇ ياشلار مال-دۇنيادىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، دېدى.
       سيېر: بۇ خىل يېڭىچە كۆز قاماشتۇرىدىغان ئىستېمالدا مەلۇم خەۋپ مەۋجۇت، دېدى. «بۈگۈنكى ئامېرىكا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودىكى كاتتا باي خۇاڭ گۇاڭيۈگە 14 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. جۇڭگو مەسىلىلىرىنى كۆزەتكۈچىلەر: بۇ «جۇڭگودىكى خىيالىغا كەلگىنىنى قىلىدىغان كارخانا خوجايىنلىرى» غا بېرىلگەن «كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى»، دېدى.
      [سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ تور بېكىتىنىڭ 28-مارت خەۋىرى]  «جۇڭگو ھەپتىلىك ئاخبارات ژۇرنىلى» يېقىندا كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىغا ئائىت ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى خەلق ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خەۋەردە جۇڭگونىڭ كىرىم تەقسىماتى سخېمىسى سىزىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن كىرىمنىڭ كۆلىمى ۋە مەركەزلىك دەرىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
       ۋاڭ شياۋلۇ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2010-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ يوشۇرۇن كىرىمى 9 تىرىليون 260 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، جۇڭگو «GDP» سىنىڭ ٪30ىنى ئىگىلەپ، ئۈچ يىل ئىلگىركىدىن ٪91 ئاشقان. دوكلاتتا يەنە، پۇل-ھوقۇق سودىسى ۋە مونوپول مەنپەئەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك «كۈلرەڭ كىرىم»نىڭ 4 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغانلىقى، يۇقىرى كىرىملىك ٪10 ئائىلە بۇ كىرىمنىڭ ٪63ىنى ئىگەللەپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
          بۇ، تەتقىقات دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇمات بولسىمۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئادەتتىكى ئىستاتىستىكىلاردا كۆرسىتىلگەن ئىقتىسادىي ئەھۋالدىن تېخىمۇ كۆپ پۇللۇق بولۇپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداقلا كىرىم بىلەن ئەمەلىي ئىستېمال ئىقتىداردا مەلۇم پەرق بارلىقىنى ۋاسىتىلىك چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن بۇنىڭدا جۇڭگودەك يوشۇرۇن قائىدىلەر يامراپ كەتكەن جەمئىيەتتە زور بايلىقنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
           جۇڭگودا ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن ئالىدىغان ئادەتتىكى مائاشلىقلارنىڭ قانداق قىلىپ  مودا يان تېلېفون، مودا كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. كېيىن «ئومۇمنىڭ پۇلىغا ئىستېمال قىلىش»، «سودا ئىشلىرىدا سوۋغا-سالام بېرىش»، ئىدارە-ئورۇنلار پاراۋانلىق پۇلى بېرىش قاتارلىق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە كىرىمنىڭ ئەسلىدە ئېنىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر كىشىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى تەدرىجى  بايقىدىم.
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-29 9:18:25  كۆرۈلۈشى : 872 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682