يېڭى iPad نىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتتى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -317 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

لوندوندىكى %85 گە ..
جۇڭگونىڭ ھەربىي ..
جۇڭگودا مىليون د..
كورىيىنىڭ 4-ئايلى..
«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
Toyota نىڭ 4-ئايلىق ئ..
1-ماي ئەمگەكچىلەر..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

«جۇڭگو -ھوللېۋۇد..
ئاۋسترالىيە ئاۋى..
تارىم نېفىتلىكىد..
يەر شارى بويىچە ئ..
تىم كۇكنىڭ 2011-يىل..
ئوباما: ئامېرىكا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بىر مولۇق قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۆستى..
خەلق پۇلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى ئايرىۋاشلىنىش باھاس..
باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماش..
يەرشارىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى داڭلىق ئەر-خوتۇن..
ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قۇرۇلما مەسىلىسى ..
شاڭخەيدە تاۋۇزنىڭ بازىرى كاساتلاشتى..
21-مارت شاڭخەيدە ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆست..
تارىم نېفىتلىكىدە مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتى..
كورىيىنىڭ 4-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەنە ي..
شياڭگاڭنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى يانۋاردا ھالقىسى..

 
يېڭى iPad نىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتتى
  • مەنبە: tech.qq.com
  • 2012-03-21 05:52
    تېڭشۈن تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى دۈشەنبە كۈنى، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى يېڭى iPad نى سېتىشقا باشلىغاندىن بۇيان، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان جەمئىي سېتىلىش مىقدارى 3 مىليونلۇق رېكورتنى ياراتقان.
    ئالما شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مەھسۇلات سېتىش لېدىرى Philip Schiller مۇنداق كۆرسەتكەن: «يېڭى iPad بازارغا سېلىنغان 3 كۈنلۈك جەمئىي سېتىلىش مىقدارى 3 مىليوندىن ئېشىپ، iPad ماركىسىدىكى بىر قاتار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى. ئىستېمالچىلار يېڭى iPad نىڭ كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك يېڭى ئىقتىدارىغا ناھايىتى مايىل بولۇپ قالغان، ئىچىدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىقتىدارى بولسا كۆرۈش پەردىلىك كۆرسەتكۈچ ئېكران.»
    ئالما شىركىتى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، جۇڭگو شياڭگاڭ، ياپونىيە، پورتورىكو، سىنگاپور، شۋېتسارىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىغا تەۋە بولغان ۋېكىڭ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا يېڭى iPadنى ساتقان، ھەمدە مۇشۇ جۈمە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 8دە يەنە باشقا 24 دۆلەت ۋە رايوندا يېڭى iPad نى سېتىشنى باشلاشنى پىلانلىغان. مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، بۇلغارىيە، چېخ، دانىيە، فىنلاندىيە، گرىتسىيە، ۋېنگرىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە، ليېچتېنستېين، لۇكسېمبۇرگ، جۇڭگو ئاۋمېن، مېكسىكا، گوللاندىيە، يېڭى زېللاندىيە، نورۋېگىيە، پولشا، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، سلوۋاكىيە، سلوۋېنىيە، ئىسپانىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئالما شىركىتىنىڭ توردىكى دۇكىنى (www.apple.com) ئارقىلىق يېڭى iPad سېتىلىدۇ.
    يېڭى iPad پەرقلەندۈرۈشچانلىقى 2048×1536 پىكسېلغا يىتىدىغان يۇقىرى پەرىقلەندۈرۈشچان كۆرۈش پەردىلىك بارماق بىلەن كونترول قىلىنىدىغان ئېكران ئىشلىتىلگەن، A5X قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، شۇنداقلا كامېرا لىنزىسىنى 5 مىليون پىكسېلغا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يېڭى iPad AT&T ۋە Verizon سىمسىز قاتارلىق تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن 4G ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىي قىلىش تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن ئۇلىنالايدۇ. ئالما 16GB WiFiنەشرىدىكى يېڭى iPad نىڭ سېتىلىش باھاسى 499 ئامېرىكا دوللىرى، GB32 WiFiنەشرىدىكىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 599 ئامېرىكا دوللىرى، GB64 WiFiنەشرىدىكىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 699 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 4G+WiFi 16GB نەشرىدىكىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 629 ئامېرىكا دوللىرى، GB32 4G+WiFi نەشردىكىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 729 ئامېرىكا دوللىرى، GB64 4G+WiFi نەشردىكىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 829 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
    ئالما شىركىتى ئىلگىرى يەنە 2 iPadنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئىستېمالچىلار تېخىمۇ قوبۇل قىلالىغۇدەك باھاغا چۈشۈرىمىز دەپ ئېلان قىلغان. ئامېرىكا بازىرىدا، 16GB WiFi نەشرىدىكى 2 iPadنىڭ سېتىلىش باھاسى ھازىر پەقەت 399 ئامېرىكا دوللىرى، 16GB 3G+WiFi نەشرىدىكى 2 iPadنىڭ سېتىلىش باھاسى 529 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
    ئالما شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسى دۈشەنبە كۈنى ناستاچ ئاكسىيە بازىرىدىكى نورمال سودىدا 601.10 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 15.53 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسكەن، ئۆسۈش نىسبىتى بولسا %2.65 بولغان.ئۆتكەن 52 ھەپتىدە، ئالما شىركىتىنىڭ پاي چېكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 310.50 ئامېرىكا دوللىرى، ئەڭ يۇقىرى باھاسى بولسا 600.01 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
  • [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-3-21 23:03:13  كۆرۈلۈشى : 364 قېتىم]

     

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682