ئىراننىڭ نېفىت مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى( 2-ئاينىڭ 19-كۈنى)، ئىران تەرەپنىڭ ئەنگلىيە شۇنداقلا فرانسىيە شىركەتلىرىگە خام نېفىت سېتىپ بېرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇشۇ يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىراندىن خان نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. بىر نەپەر ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى (BBC) غا، ئىراننىڭ بۇنداق قىلىشى ئەنگلىيىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھېچقانداق تەسىر ئىلىپ كېلەلمەيدۇ، دەپ بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، فرانسىيە 2011-يىلىدا ئىراندىن ئىمپورت قىلغان نېفىت مىقدارى فرانسىيىنىڭ نېفىت ئىمپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %3 تىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ھەر كۈنى ئىراندىن كىرگۈزۈلىدىغان 58مىڭ تۇڭغا توغرا كېلىدۇ، ئەنگلىيىنىڭ ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىتنى بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئاز دېگەن.