كېنتاكىي يېمەكلىكلىرىگە ئالماشتۇرمىغىلى8كۈن بولغان ماي ئىشلەتكەن |

نەچچە ۋاقىتتىن ياقى ھەممە يەرگە تارقالغان ئازگال مېيى ۋەقەسى كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئاشۇرىۋەتتى ، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، بايراملىق يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن نەنجىڭ شەھىرى ئۈچ رايوندىكى يېمەكلىك دورىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ، نەجىڭدىكى يېمەك ئىچمەك بازارلىرىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ،بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولسا يېمەكلىك مايلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋە يېمەكلىك ئەخلەتلىرىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار .تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ،بىر چەتئەلنىڭ يېمەكلىكلىرىنى ساتىدىغان ئاشخانىدىكى بىر قازان ماينىڭ 8كۈنگىچە ئالماشتۇرۇلمىغانلىقى بايقالغان .بىراق مەزكۇر دۇكاننىڭ ئۆزلىرى ئىشلىتىدىغان كىسلاتا ئىشقار مىقدارىنى ئۆلچەش قەغىزى بىلەن ئۆلچىگەندە ئۆلچەمگە توشقان . شۈەنۋۇ رايونلۇق يېمەكلىك دورا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش نازارىتى خادىمى 1912كوچىسىدىكى بىر كېنتاكى دۇكىنىنى تەكشۈرگەندە ، ئاشخانا كەينى تەرەپتىكى ئادەتتە بەرەڭگە قەلەمچىسى ، توخۇ پاچاقلىرى پىشۇرۇلۇپ چىقىرىلىدىغان ماي تۇڭلىرىنى كۆرگەن ، ئاشخانا دېرىكتورى كۆرسەتكەن 9-ئايلىق خاتىرىدىن مۇخبىر ، بەزى مايتۇڭلىرىدىكى مايلارنىڭ 2-3 كۈندە بىر ئالماشتۇرىلىدىغانلىقىنى ، يەنە بىر تۇڭ ماينىڭ ئالماشتۇرۇلمىغىنىغا8 كۈن بولغانلىقىنى بايقىغان . ئالماشتۇمىغىلى 8 كۈن بولغان ماينى يەنە ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟ بۇنىڭغا قارىتا دۇكان دېرىكتورى چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېگەن ، دۇكىنىمىز ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ماينىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەپ تۇرىدۇ ، دۆلەت بەلگىلىگەن بەلگىلىمىگە چۈشمىگەندە ماينى ئالماشتۇرىدۇ. ۋە نەق مەيداندا شۇ مايدىن ئېلىپ قەغەزگە تەككۈزۈپ تامدىكى بىخەتەرلىكر ەسىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بەرگەن ، نەتىجىدە بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە توشقان . قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى خادىملار بۇخىل قەغەز بىلەن ماينىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئۆلچىگىلى بولغىنى بىلەن ماينىڭ سۈپىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ ،مەسىلەن ئېغىر مېتاللار بارمۇ يوقمۇ بىنىمۇ تەكشۈرگىلى بولمايدۇ . بۇنىڭدىن سىرت گۇلوۋ رايوىنىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەكشۈرگىچى خادىملىرى شۇ جايدىكى بىر ساماۋەر شورپىخانىسىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ،ئاشخانا دېرىكتورى خادىملارغا ھەرخىل شورپا قازىنىغا ئىشلەتكەن ماي مىقتارىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ، ھەركۈنى تەخمىنەن 230 دانا ساماۋەر قازىنى سېتىپ چىقارغاندا ئۈچ تۇڭ سالات مېيى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان . شورپىخانىدا يەنە ئاشقان مايلارنى يىغىش تۇڭى شۇنداقلا سۈزىۋېلىنغان مايلارنى يىغىپ قويغان تۇڭنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن ، ئاشخانا دېرىكتورى بۇ سۈزىۋېلىنغان ماينى يىغىۋېلىش ئورنىدىكىلەرنىڭ كېلىپ يىغىۋالىدىغانلىقىنى ، ھەتتا مايلارنى كېچىدە قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ ئوغۇرلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قۇلۇپ سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان . تەكشۈرگۈچىلار ھەممە مايلارنى ۋە يغىۋېلىش ئورنىغا ماي ئۆتكۈزۈش تالونلىرىنى تەكشۈرۈپ ھېېچقانداق قانۇنسىز قىلمىشنىو يوقلىقىنى بىلدۈرگەن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/26 11:17:14 ئۇقۇلۇشى: 192 قېتىم] |
|