يېڭى ئۇقتۇرۇش

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرلىققا قاراشلىق چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسىدىن بۇ يىل تۈركىيە خاندەلىكى بىلەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى يېڭى ئۇقتۇرۇشى:

1. ۋەتەن ئىچىدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار 2012 – يىل 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 21 – كۈنىگىچە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ۋە تامغا باستۇرۇپ، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشى، ۋىزىغىمۇ شۇ چاغقىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 21 – سېنتەبىردىن كېيىن قالغانلارنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە تىزىملىتىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.

2. بۇلتۇر تۈركىيەگە كېلىپ، تۈرك تىلىنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار ۋە تۈركىيەدە ئىمتىھانغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ھازىرچە ھېچبىر ماتېرىيالنى تەرجىمە ۋە تەستىق ئۈچۈن يول ماڭماي تۇرسۇن، ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم ئۇقتۇرۇش ۋە خاندەلىك توختامنامىسى چىقىرىلىدۇ. شۇ چاغقىچە بىزدىن جاۋاب كۈتۈپ تۇرسا بولىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى باشلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ھېچقىسى يوق. مەكتەپكە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.