ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيتلىق ھېيتلىشىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار!

ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىم ئىزناسى، مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق خۇشاللىقى بولغان قۇربان ھېيت بايرىمى يېتىپ كەلدى. ھەر يىل مەنىلىك ئۆتكۇزىلىۋاتقان ھېيتلىشىش پائالىيىتىمىزدە بۇ يىلمۇ ھەم ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن: مۇھەممەت ئەلى ۋە مېھرىبان گۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تويى بىلەن بىرلىكتە قوش خۇشاللىق بولىدۇ.قۇربان ھېيتنى ۋە ئىككى ياشنىڭ تويىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشى ئۇچۇن كونا – يېڭى بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ۋاقتى: ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10:00 دا باشلىنىدۇ.
ئورنى: خاقانىيە ئۇيغۇر رېستورانى.(يۈسۈپ پاشا ترامۋاي بېكىتىگە يېقىن)