قەدىرلىك قېرىنداشلار،
تۈركىيەنىڭ ساكاريا ۋىلايىتىدە 3-نۆۋەتلىك تۈركىيە ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق تەتقىقاتى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن. بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار (دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 يىل بولغانلار)، تەتقىقاتىنىڭ قسىقىچە مەزمۇنىنى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئىۋەرتىشى كېرەك ئىكەن. قۇرۇلتايغا قوبۇل قىلىنىدىغان تېمالار،ئىجتىمائى پەنلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پەلسەپە، تارىخ، دىنى تەتقىقاتلار، ئەدەبىيات، سىياسەت، ئىقتىساد، بىناكارلىق، خەلىقارالىق مۇناسىۋەتلەر، شەھەر قۇرۇلىشى دىگەندەك مەزمۇنلاردا بولسا بولىدىكەن. قوبۇل قىلىنغان ماقالىلار كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىنىدىكەن ۋە بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىش ۋە ياتاقلاردا قىلشى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەن.
بۇ سەۋەپتىن، ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىنى باشقلارغا ئاڭلىتىش ۋە باشقىلارنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىنى ئۈگۈنىش ئۈچۈن بەك ياخشى پۈرسەت ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.
قۇرۇلتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندكى توردىن كۆرەلەيسىلەر:
http://www.tlck.org.tr/hakkinda/
سۇتۇق بوغراخان ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقاتمايدىغان بولدىمۇ ?ئوقۇش مۇكاتىغا ئېرىشتۇق دەپ بەك خوش بولغان ، ھىېچ خەۋەر يوق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
نۆۋەتتىكى ئەھۋالىم تولۇق كۇرۇس پۈتتۈرگەن ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەرىم ناھايىتى ياخشى چەتئەل شېركەتلىرىدىمۇ ئىشلىگەن . مەسىلە مەن ھېچانداق ئېنگىلىز تىلى ئېمتىھانلىرىغا قاتناشمىغان بۇ ئەھۋالدا تىزىملىتىشقا بولامدۇ ؟
بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ! رەھمەت …
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىز نىمىگە تىزىملاتقاقچى ئىدىڭىز؟
بۇ كونگرەنسكە تاللنغان بالىلار بار مۇ، بولسا خەۋەرلىشىپ تونۇشۇپ قالايلى، ئىلمى تەتقىقاتتا پايدىسى بولىدۇ،