قەدىرلىك قېرىنداشلار،
ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارغا ياكى تۈركچىنى تېخىمۇ پىششىقلاشنى ئارزۇ قىلغان كىشىلەرگە ئوتتۇرا سەۋىيەلىك تۈركچە كۇرسى ئېچىلماقچى. دەرسلەر 11-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، دەرسلەر باشلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ ۋە مەلۇم سەۋىيىدە تۈركچە ئاساسى بۇلغان ئوقۇغۇچىلار كۇرسقا ئېلىندۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇقۇغۇچىلار چوقۇم تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. كۇرس باشلانغاندىن كېيىن يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئېلىنمايدۇ.
كۇرس، سۇتۇق بۇغراخان ئېلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مەركىزىدە ئېچىلماقچى. تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئادرېسىدىن سورىساڭلار بولىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:
Haseki Sultan Mah. Millet Cad.
Güney Ap. No:31/3
Fatih / İstanbul – Türkiye
Tel-Fax: +90 212 585 01 77
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، بۇ تۈرك تىلنى تىخمۇ ياخشى ئۈگىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بوپتۇ .
ئىنگىلىزتىلنى باشتىن باشلىغۇچىلار ئۈچۈن كۈرس ئىچىلماسمۇ . كەچلىك ياكى ھەپتە ئاخىرىلىق بولسىمۇ بولاتتى .
كەچتە ئوقۇيدىغان كۇرس ئېچىلدى.
مەن ھازىر ئۇرۇمچىدە ئىدىم ، بۇ يەردىمۇ ئاشۇنداق تەربىيلەش كۇرۇسىڭلار بارمۇ ؟ بار بولسا ئورنى قەيەردە ؟؟
بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 适航技术 كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوغلۇم بار ئىدى، تۈركىيەدە ئالاقىدار ئۇنىۋېرسىتېتلاردا داۋاملىق ئوقۇش ئۈچۈن تبركچە ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ئۈرۈمچىدىن تاپقىلى بولۇرمۇ؟
پەرەز قىلىشىمچە، ئۈرۈمچىدە بىر نەچچە يەردە تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزى بار.
مەن پاسپورت ھەل قىلىپ بولدۇم تۈرۈك تىلنى ئۇزلىكىمدىن ئۈگۈنۋاتىمەن .تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇمنى تېزراق ئەمەلگە ئېشى ئۈچۈن قانداق قىلىشقم كېرەك؟ ‹تەۋپىق› سىزبىلەن باشقا ئۇسۇلدا پات -پات ئالاقىلاشقىلى بۇلامدۇ؟
بىز پەقەت تور ئارقىلىق ۋە ئېخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىمىز.