بىلىم ۋە سەنئەت ۋەخپىدە لېكسىيىلىرىگە تىزىملىتىڭ

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

تۈركىيەدىكى ئەڭ كۈچلۇك ۋەخپىلەردىن بىرى بولغان، داڭلىق «ئىستانبۇل شەھىر ئۇنىۋېرسىتىتى»نى قۇرغان،  يىللاردىن بىرى قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرى، ئۇيۇشتۇرۇشقان ئېلىمى مۇھاكىمە يىغىنلىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋە ئورۇنلارنىڭ ياخشى باھالىشىغا ئېرىشكەن «بىلىم ۋە سەنئەت» ۋەخپى، بۇ يىللىق كۈز مەۋسۇمىلىق لېكسىيىلەر ئۈچۈن تىزىملىك ئېلىشقا باشلىدى. لېكسىيىلەر خلىمۇ-خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كەسپى جەھەتتىن يېتىشكەن ئوقۇتقۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار ۋە زىيالىلار لىكىسيە بىرىدۇ. بۇ لېكسىيىلەر پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆزلىرىنى يېپىشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى پۈرسەت.

تىزىملىتىش 10-ئاينىڭ 25 كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

لىكىسيە ھەققىدىكى تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىلەر.

http://bisav.org.tr/havadisler.aspx?module=havadisayrinti&haberid=252

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى