قەدىرلىك ساۋاقداشلار،
ئانا ۋەتەندىن ۋە ئۇرۇق تۇققانلاردىن يىراقلاردا بولساقمۇ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز ئارا سىردىشىپ بۇ بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مۇھەممەت ئەيسا ئارتىش ئاكىمىز، قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى (10-ئاينىڭ 15-كۈنى) تۈركىيىدەكى بارلىق (كونا-يىڭى، ئوغۇل-قىز، دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپتى بىلەن كەلگەن ياكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان، يىڭى كىلىپ تۈركچە ئۈگىنىۋاتقان ياكى ئۈگەنمەكچى بولىۋاتقان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن) ئوقۇغۇچىلارغا بايراملىق ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى. بايراملىق نامازدىن كېيىن سائەت 9:00 دا ناشتىلىق بىرىلىدۇ. سائەت 15:00 دە، چۈشلۈك تاماق بىرىلىدۇ. بۇ جەرياندا خىلمۇ-خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بىرىلىدۇ ۋە بايراملىق ھەدىيەلەر تارقىتىلىدۇ. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ھىچقانداق شەرت يوق ۋە پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئۆرۈپ-ئادىتىمىز بوىيچە ھېيىت ئۆتكۈزىمىز!
بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى ئوقۇغۇچىمىز بۇ ئولۇغ ۋە خۇشاللىق كۈندە توي قىلماقچى. شۇڭا بارلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بۈ بايرام ۋە توي مەرىكەمىزگە قاتنىشىپ بىرڭشىڭلارنى، بايرام ۋە تويغا قاتنىشىپ بۇ خوشاللىقتىن بەھرىمان بولۇپ قىلىشىڭلارنى تىلەيمىز.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم بايراملىشىشى ۋە بىمالال كىلىپ-كىتىشى ، توينىڭ تىخىمۇ ياخشى ۋە خوشاللىق بولىشى ئۈچۈن، بۇ پالييەتەلەر ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي مەھەللىسىدىكى ”يۇلتۇز توي-مەرىكە زالى“ دە ئۆتكۈزۇلمەكچى.
ئالاقىلاشقۇچى مەھمەت ئەيسا ئارتىش:05322367591
مۇرات ئورخۇن: 05464090440
ئادرېس:
Yıldız Düğün Sarayı
Cerrahpaşa Cad. No: 3 Ziraat Bankası Arkası Daire: 5 Çakırağa Mh. Aksaray Fatih, , Türkiye – İstanbul
(YusufPaşa paşa yinidila)
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە بۇ يىل يىڭدىن كەلگەن ئىستانبۇلدا تۇرۋاتقان تۈركىيە بۇرسىگە ئىرىشكەن بالىلارمۇ قاتناشسا بولامدۇ ياكى بۇنىڭ بىرەر شەرتى بارمۇ ؟ ئانا يۇرتىمىزدىن ئارىلغان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇلۇغ بايراملارنى ئۆز مىللىتىمىز بىلەن قىرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزسەك بۇ بىر ياخشى ئىش بولاتتى ، سىزلەرگە كۆپ رەھمەت .
ۋەئەلەيكۇم قىرىندىشىم،
بۇ پائالىيەتكە ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىمىز ۋە قىزغىن قارشى ئالىمىز!
ئوقۇغۇچىلار خاتىرجەم كەلسۇن دەپ، ئالاھىدە كەڭرى، ناۋادا يامغۇر يېغىپ قالسا، يامغۇردىن پانالانغىدەك كەڭرى پىشايۋانى بولغان بىر ھويلىدا قىلماقچى بولىۋاتىمىز. ئۆز ئارا ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئۇچۇرنى يوللاپ قويۇڭلار.
قاتنىشىشى ئۈچۇن ھىچقانداق شەرت يوق. ئۇلۇغ بايرامنى بىللە ئۆتكۈزەيلى!