تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىنى تونۇشتۇرۇش ھەققىدە

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

تۈركىيە جۇمھۇرىيتى باش مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق خەلىقارا مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇش ئشخانىسى،  «تۈركىيە  دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى» ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ تەپسىلى ۋە بىۋاسىتە ئۇچۇر بىرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 10 ئايدا جوڭ گو  دا ئۆتكۈزىلىدىغان 2013-يىللىق خەلىقار ئاسپىرانت-دوكتور ئوقۇشى يەرمەنكىسىگە قاتناشماقچى ۋە ئۈچ چوڭ شەھەردە زىيارەتتە بولماقچى.

1. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ شەھرىدىكى «بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى» ئونۋىرسىتىتى: http://www.buaa.edu.cn/
2. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى خاربىن شەھرىدىكى «خاربىن تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى » ئونۋىرسىتىتى: http://en.hit.edu.cn/
3. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى شاڭخەيدىكى «توڭجى» ئونۋىرسىتىتى : http://www.tongji.edu.cn/english/

تۈركىيىدە مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈركىيەدىن بارغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوقۇش ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇر ئىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى