بۈگۈن بىر تاكسى شوپۇرى بىزگە تېلېغون قىلىپ، «زۇليار قاسىم» ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئائىت بولغان پاسپورت ۋە باشقا ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنىڭ تاكسىدا ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىزدە «زۇليار قاسىم» نىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، توردىن بۇ خوش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ قويدۇق. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ، پاسپورتنى ئېلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى نومۇرغا تېلېغون قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
05464090440
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى
ئەسسالام ئەلەيكۇم ، مەن ئالدىنقى قېتىم سۇتۇق بوغراخان ئوقۇش مۇكاپاتىغا تاللانغانىدىم ، ئۇلار مۇكاپاتنىڭ 9-ئايدا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن ، ئەمما ھازىرغىچە خەۋەر يوق ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىمۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ياق ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىدى. بەك جىددى تەييارلىقلار قىلىنىۋاتىدۇ. پات يىقىندا سىزلەرگە ئىۋەرتىلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەن پاسپورت بىجىرمەكچى ئىدىم .ئوقۇۋاتقان بولغاچقا چەتئەلگە ھازىر چىقالمايمەن ، ئاللاھ خالىسا يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن چىقماقچى،تەييارلىقنى ئالدىن قىلغاچ تۇراي دەپ ھەم پاسپورت بىجىرىش شىنجاڭدا بەك تەس بولغاچقا بۇرۇنراق يول ماڭاي دىگەن. لىكىن چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىقى بولمىسا ئوقۇش پاسپورتى ئېلتىماس قىلغىلى بولمايدىكەن . شۇڭا چەتئەلدىكى دوستلاردىن ئۈتۈنىدىغىنىم ماڭا بىر چاقىرىق ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار.قايسى دۆلەتنىڭ قايسى كەسىپ بولسا مەيلى ، پاسپورت بىجىرىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىمەن . پوچتا ھەققىنى ئەۋەتىپ بەرسەم .تورداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
http://www.bektur.com ۋە http://www.koklem.biz دە مۇشۇ ھەقتە مەزمۇنلار بار.
‹پاسپورت›دېگەن ئاتالغۇ مەن ئۈچۈن قاراڭغۇ،ۋاقتىڭلار بولسا چۈشەنچە بەرسەڭلار.ھەمدە قانۇنى يول بىلەن بىجىرىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويىشىڭىلاردىن مىننەتدار بولىمەن.
تەۋرىگەن قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەن پاسپورت بىجىرمەكچى ئىدىم .ئوقۇۋاتقان بولغاچقا چەتئەلگە ھازىر چىقالمايمەن ، ئاللاھ خالىسا بىر يىلدىن كىيىن چىقماقچى،تەييارلىقنى ئالدىن قىلغاچ تۇراي دەپ ھەم پاسپورت بىجىرىش شىنجاڭدا بەك تەس بولغاچقا بۇرۇنراق يول ماڭاي دىگەن. لىكىن چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىقى بولمىسا ئوقۇش پاسپورتى ئېلتىماس قىلغىلى بولمايدىكەن . شۇڭا چەتئەلدىكى دوستلاردىن ئۈتۈنىدىغىنىم ماڭا بىر چاقىرىق ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار.قايسى دۆلەتنىڭ قايسى كەسىپ بولسا مەيلى ، پاسپورت بىجىرىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىمەن . پوچتا ھەققىنى ئەۋەتىپ بەرسەم .تورداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.