فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ-ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلۇق تۈرى

ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار!

ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىنىڭ ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇمات تۆۋەندىكىچە بولۇپ، قىزىققۇچى ساۋاقداشلارنىڭ تەلىيىنى سىناپ كۆرۈشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

 

ماگىستىرلىققا تىزىملىتىش ۋە قوبۇل قىلىش شەرتلىرى

كەسىپ

پروگرامما

ئوقۇغۇچى سانى

مەدەنىيەت تەتقىقاتى 

 

ماگىستىرلىق 10 (تۈركىيە گراژدانى)
مەدەنىيەت تەتقىقاتى 

 

ماگىستىرلىق 10 (چەتئەللىك ئوقۇغۇچى)

 

تىزىملىتىش شەرتلىرى

ALES *تىن 55 نومۇر ئالغان بولۇشى؛

*باكلاۋۇرلۇقتىن ئوتتۇرىچە نومۇرى ئەڭ ئاز دېگەندە 60 (100 نومۇردىن) بولۇشى؛

*ئۇنىۋېرسىتېت چەتئەل تىلى ئىمتىھانى (ÜDS)، مەمۇرلار ئۈچۈن چەتئەل تىلى ئىمتىھانى (KPDS)؛ توفل (TOEFL)؛ ئايلتس (IELTS) ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىنگىلىزچە ئىمتىھانلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندە 55 نومۇر ئالغان بولۇشى؛

 

2012-2013 – يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:

* 89,227: ALES

*ئوتتۇرىچە نومۇرى: 79،753

*چەتئەل تىلى: 81،8

 

تىزىملىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:

 

*ئىلتىماس جەدۋىلى

*ئىلتىماس خېتى

ALES * نەتىجىسى

*باكلاۋۇرلۇق دىپلومى ۋە نەتىجە قەغىزى

*چەتئەل تىلىدىن (ئىنگىلىزچە) لاياقەتلىك ئىسپاتى؛

*ئىككى پارچە تەۋسىيەنامە (ئالدىن تاللاشتىن ئۆتكەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدۇ)؛

*كىملىك (پاسپورت) كوپىيەسى؛

 

تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئورنى:

2015 – يىل 5– ئاينىڭ  15 – كۈنىگىچە تىزىملاتسا بولىدۇ؛ ياكى ئېلخەت ئادرىسىگە ئىۋەرتىلىسە بولىدۇ:

ئورنى: Yenikapı Mevlevihanesi Yerleşkesi: Merkez Efendi Mah. Mevlevihane Cad. No:25 Zeytinburnu-İstanbul

باھالاش سىستېمىسى:

ALES * 50%؛

*ئوتتۇرىچە نەتىجە: 10%؛

*چەتئەل تىلى: 10%؛ بىردىن كۆپ چەتئەل تىلى بىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئىمتىھان نەتىجىسى 65تىن يۇقىرى بولسا) ھەر بىر تىل ئۈچۈن 5 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛

*يۈزتۇرانە ئىمتىھان: 30%؛

 

لاياقەت نومۇرى: بۇ ئىمتىھانلاردا لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 70 نومۇر ئېلىش كېرەك؛

 

خاندەلىك ئەھۋالى: مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىدە ئېھتىياج ۋە لاياقەت ئەھۋالىغا قارىتا ئاسسىنىت (ئوقۇتقۇچى ياردەمچىسى) ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكى قارار قىلغان مەلۇم ساندىكى ئوقۇغۇچىغا خاندەلىك بېرىلىدۇ. 2012 – 2013 – يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان ئاسسىنىت ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش بەدەل پۇلى ئېلىنمىغاندىن سىرت، ئايلىق 1000 – 2000 لىرا ئارىسىدا خاندەلىك بېرىلدى.

 

ئالاقىلىشىش:

تېلېفون: 0212 – 582 90 70

دوكتورلۇققا تىزىملىتىش ۋە قوبۇل قىلىش شەرتلىرى

كەسىپ

پروگرامما

كەسىپ

مەدەنىيەت تەتقىقاتى 

 

دوكتورلۇق 5 (تۈركىيە گراژدانى)
مەدەنىيەت تەتقىقاتى دوكتورلۇق 5 (چەتئەللىك ئوقۇغۇچى)

 

تىزىملىتىش شەرتلىرى

ALES *تىن 55 نومۇر ئالغان بولۇشى؛

*ئۇنىۋېرسىتېت چەتئەل تىلى ئىمتىھانى (ÜDS) شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىنگىلىزچە ئىمتىھانلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندە 55 نومۇر ئالغان بولۇشى؛

 

دوكتورلۇق پروگراممىسى بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن 2012 – 2013 – يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:

* 89,227: ALES

*ئوتتۇرىچە نومۇرى: 79،753

*چەتئەل تىلى: 81،8

 

تىزىملىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ماتېرىياللار:

 

*ئىلتىماس جەدۋىلى

*ئىلتىماس خېتى

ALES * نەتىجىسى

*باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە نەتىجە قەغىزى

*چەتئەل تىلىدىن (ئىنگىلىزچە) لاياقەتلىك ئىسپاتى

*ئىككى پارچە تەۋسىيەنامە (ئالدىن تاللاشتىن ئۆتكەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدۇ)؛

*كىملىك (پاسپورت) كوپىيەسى؛

 

تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئورنى:

2015 – يىل 5 – ئاينىڭ  15 – كۈنىگىچە تىزىملاتسا بولىدۇ؛

ئورنى: Yenikapı Mevlevihanesi Yerleşkesi: Merkez Efendi Mah. Mevlevihane Cad. No:25 Zeytinburnu-İstanbul

باھالاش سىستېمىسى:

ALES * 50%؛

*ئوتتۇرىچە نەتىجە: 10%؛

*چەتئەل تىلى: 10%؛ بىردىن كۆپ چەتئەل تىلى بىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئىمتىھان نەتىجىسى 65تىن يۇقىرى بولسا) ھەر بىر تىل ئۈچۈن 5 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛

*يۈزتۇرانە ئىمتىھان: 30%؛

 

لاياقەت نومۇرى: بۇ ئىمتىھانلاردا لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە 70 نومۇر ئېلىش كېرەك؛

 

خاندەلىك ئەھۋالى: مەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىدە ئېھتىياج ۋە لاياقەت ئەھۋالىغا قارىتا ئاسسىنىت (ئوقۇتقۇچى ياردەمچىسى) ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكى قارار قىلغان مەلۇم ساندىكى ئوقۇغۇچىغا خاندەلىك بېرىلىدۇ. 2012 – 2013 – يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان ئاسسىنىت ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش بەدەل پۇلى ئېلىنمىغاندىن سىرت، ئايلىق 1000 – 2000 لىرا ئارىسىدا خاندەلىك بېرىلدى.

 

ئالاقىلىشىش:

تېلېفون: 0212 – 582 90 70

بۇ ئېلاننىڭ ئەسلىنى ئوقۇش ۋە جەدۋەلنى چۈشۈرۈۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قىستۇرمىغا بېسىڭ:

ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچىلىرىمىز تۈركىيەدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن  ALES ئىمتاھان نەتىجىسى تاپشۇرالمايدۇ. بۇ جەھەتتىن چەتئەل تىلى نەتىجىسىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا ئىككىلەنمەى ئىلتىماش قىلساڭلار بولىدۇ. 5-6 ئوقۇغۇچى ھەقسىز قوبۇل قىلىشنى مۈمكىن، مۇكاپات بىرىلگەن ئەھۋالدا. ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. تىزىملىتىش ۋاقتى، تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويماڭلار ۋە قاچۇرۇپ قويماڭلار.

ئېلاننىڭ مەنبەسى: http://medit.fsm.edu.tr/haber/Medeniyetler-Ittifaki-Enstitusu-Kayitlari-Basladi2015-04-24-04-22-12am

تىزىملىتىش تورى: http://medit.fsm.edu.tr/Medeniyetler-Ittifaki-Enstitusu-Basvuru–Yuksek-Lisans

 

سىزلەرگە ئوتۇق تىلەپ،

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى