ئىستانسىمىز خەۋىرى:
3- ئاي-- تۇرپان ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ تەك ئاچىدىغان مەزگىلى بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تەك ئېچىشىغا ياردەملەشتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ باغرى كەنتىدىكى 84 ياشلىق تۇرسۇن نىيازنىڭ 2 مو يەردىكى ئۈزۈملۈكىدە، 20 نەچچە نەپەر پارتىيەلىك كادىر ئۇنىڭ تەك ئېچىشىغا ياردەملەشتى. تەڭ ئېچىشقا ياردەملىشىۋاتقان تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان غەربىي رايون سىتودىنت پىدائىيلىرىدىن يى چىلې شەرقىي شىمالدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تەك ئېچىشى ئىدى. ئۇ ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىدىن ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئۈزۈملۈكنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، تۇنجى قېتىم تەك ئېچىشىم بولۇپ، بەك خۇش بولدۇم. 6- ئايدا ئۈزۈمدىن مول- ھوسول ئېلىشنى، شۇ ۋاقىتتا، ئۈزۈم يىغىشقا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، تەكلەر ئېچىلىپ بولدى. تۇرسۇن نىياز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئايالىم ئىككىمىزلا بولغاچقا، تەك ئېچىشتا بەك قىينىلاتتۇق. كادىرلارنىڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت.»
بۇ يىل 3- ئايدا، تۇرپان ۋىلايىتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ۋە بىر قىسىم ئاممىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار «دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىش، ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىش، ئەل قەلبىنى ئىللىتىش» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقىنى ئازايتىشىغا ياردەم بەردى. مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى 11 مىڭ 600 دىن كۆپرەك پارتىيەلىك كادىر دېھقانلارنىڭ 803 مو يەردىكى تەكنى ئېچىشىغا ياردەملەشتى. كۆپچىلىك يىمەك- ئىچمىكىنى ئۆزى تەييارلاپ، دېھقانلارنىڭ 590 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىش ھەققىنى تىجەپ بەردى.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى