رۇسىيە جىددى ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ 15-مارت خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تەرەپ شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم دېھقانچىلىق ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ماددى ئەشيالىرىنى ئەۋەتكەن.
رۇسىيە جىددى ئەھۋال مىنىستىرلىقى خەتەرلىك ئەھۋالنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋورونوۋ: بۇ قېتىم رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى 700 توننىدىن ئارتۇق ماددى ئەشيا بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 100 توننا سېلىترا ۋە 80 توننا ئۇرۇق قاتارلىق تېرىقچىلىق ماتېرىياللىرى بار. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە بۇزۇلغان قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىشقا كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللارمۇ بار.
ۋورونوۋ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە كۈندە رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئىككىنچى تۈركۈمدە دېھقانچىلىق ماددى ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت، 13-مارت يەنە موشۇنىڭغا ئوخشاش ماددى ئەشيادىن 250 توننا تەمىنلەيدۇ.
توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. 2014-يىلى 8-ئايدىن بۇيان رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە 23 مىڭ توننا ماددى ئەشيا ئەۋەتتى.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى