چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى يەر مۈلۈك سودىگىرى بوگ ئاتا-بالا كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان 650 تال ئامېرىكا تەڭگىسى بۇ يىل 19-ماي كىمئارتۇق قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ تەڭگىلەرنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋېتىپتۇ.
بۇ تەڭگە پۇللار ئامېرىكا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، يەنى 1792-يىلىدىن 1830-يىلىغىچە بولغا ئارىلىقتا تارقىتىلغان، بۇ تەڭگىلەرنىڭ ئىچىدە ‹‹ ئامېرىكا تەڭگە شاھى ›› دەپ نام ئالغان، 1804-يىل ئىشلەنگەن بىر تال تەڭگىمۇ بار، بۇ تەڭگىنىڭ سەككىز مىليوندىن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە سېتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنگەن.
1822-يىل ئىشلەنگەن بەش دوللارلىق تەڭگە پۇلمۇ بار بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارىدا بۇ تەڭگىدىن پەقەتلا ئۈچ تال ساقلانغان، بۇ تەڭگىنىڭمۇ سەككىز مىليوندىن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە سېتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنگەن.
كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ تەڭگە پۇللار يەتتە قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىشقا قاتناشتۇرۇلغان، بەلكىم 2017-يىل 5-ئايغىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش سەھنىسىدە داۋاملىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئىگىلىنىشىچە، 1800-يىلنىڭ باشلىرى تەڭگە قۇيۇشقا ئىشلىتىدىغان قېلىپلارنىڭ ھەممىسى قولدا ياسىلىدىغان بولغاچقا، ھەر قايسى تەڭگىلەردە ئوخشىماسلىقلار بولىدىكەن، بۇ ئالتۇن تەڭگىلەر يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە بىباھا گۆھەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى