ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

ئامېرىكا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ قوشنا دۆلىتىگە 100 دىن ئارتۇق بىرونە قورال يەتكۈزۈپ بەردى

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 03 - ئاينىڭ 17- كۈنى 08:50   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    

    رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لاتۋىيە ئامېرىكىدىن 120 دىن ئارتۇق بىرونېۋىك تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدە تانكىمۇ بارلىقىنى ئېتراپ قىلغان. لاتۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىرونېۋىكلارنىڭ ئىچىدە M1A2 تىپلىق ئانراماس تانكا ۋە M2A3 تىپلىق بىرادلى بىۋونېۋىكىمۇ بار ئىكەن.

    لاتۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ۋىئونىس بۇ قېتىم ئامېرىكا يەتكۈزۈپ بەرگەن تانكا ۋە بىرونېۋىكلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋىئونىس بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىتتىپاقداش دوستىمىز (ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ لاتۋىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بۇ رايوننىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

    خەۋەر قىلىنىشىچە، يۇقىرىقى بىرونېۋىكلار رىگا ئەركىن پورتىدىن لاتۋىيەگە كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گېنېرالى يوھان ئوكاننا بۇ بىرونېۋىكلارنى لاتۋىيەگە تاپشۇرۇپ: ‹‹چوقۇم ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئەركىنلىكىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك›› دېگەن. ئۇ يەنە تولۇقلاپ بۇ بىرونېۋىكلار ئارقىلىق پۇتىن ۋە رۇسىيەگە ئامېرىكا بىلەن لاتۋىيەنىڭ بىرلىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

    خەۋەر قىلىنىشىچە، قىرىمنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە قوشۇلغانلىقىغا ئامېرىكا قوشۇلماي كەلگەن ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى ئەسكەرتكەن. نۆۋەتتە لاتۋىيەدىكى ئامېرىكىلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ سانى 150 تىن ئاشقان.

    6-مارت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لاتۋىيە بىلەن «ئاتلانتىك ئوكيان ئىرادىسى» ناملىق مانېۋىرنى ئۆتكۈزگەن. پولشادىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكىنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پولشا ۋە بالتىق دېڭىزىدىكى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ‹‹ۋاقىتلىق›› ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرۇش ۋاقتى 2015-يىلىغىچە ئۇزارتىلىدىكەن.

    ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بۇ ھەربىي مانېۋىرنى بالتىق دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغا كېڭەيتمەكچى ئىكەن. رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيە، شۇنداقلا چېخ، ۋېنگىرىيە ۋە گىروزىيەمۇ مانېۋىرغا قاتنىشىشى مۇمكىنكەن.

    رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتونوۋنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسى دىپلوماتىيە مىزانىغا ئېتىبارسىز قاراپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىنلاشقان. لېكىن ئانتونوۋ بالتىق دېڭىزىدىكى دۆلەتلەر، پولشا ۋە قارا دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ رۇسىيەگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە