ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

‹‹جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ››

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 25- كۈنى 02:54 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 22 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت كاتىپى ياردەمچىسى داننېل روسسېر بۈگۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىق ساھەسى ھەم ئىختىلاپ جەھەتتە سەمىمىي سۆزلىشىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

    روسسېل ۋاشنگتوندا چەت ئەل مۇخبىرلىرى مەركىزىدە مۇخبىرلار بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى ھەم ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان سىياسىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى زور تەسىرگە ئىگە مۇناسىۋەت، ئوباما ھۆكۈمىتى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئۇچرىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۇرنىتىش ئۈچۈن تىرىشتى.

    روسسېر مۇنداق دېدى: يېقىندىلا ئاياغلاشقان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 5 – قېتىملىق ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد توغرىسىدىكى سۆزلىشىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئۇچرىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى نامايان قىلدى، ئىككى تەرەپ چوڭ مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش جەھەتتە ‹‹ئىزچىل ئىلگىرىلەش››نى قولغا كەلتۈردى.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە