ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

مەركەز بەنگۇڭتىكى، گوۋۇيۈەن قاتارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بەش يىلغىچە يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 25- كۈنى 02:51 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 23-ئىيۇل تېلېگراممىسى : يېقىندا ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹پارتىيە ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشنى توختىتىش ۋە خىزمەت ئىشخانىلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا ئائىت ئۇقتۇرۇش ›› نى بېسىپ تارقاتتى . ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ ، مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشتى . لېكىن ، يېقىندا بىر قىسىم رايونلار يەنىلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى سېلىپ ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزدى ، بۇنىڭغا قارىتا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسىمۇ كۈچلۈك بولدى . پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن بۇ ئىشقا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ ، ئىقتىسادچان-تېجەشچان بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلنى تۇرغۇزۇپ ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىدىيەنى تىكلەپ ، ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشنى توختىتىپ ، ھەقىقىي تۈردە چەكلىك مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى .

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە