ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان «ناتسېستلار ئېھتىرامى»

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 22- كۈنى 04:01 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

             

 موڭغۇلىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى كۆپ يېڭى ناتسىستلار تەشكىلاتى گۈللىنىشكە باشلىدى. ئۇلار گىتلېرغا چوقۇنىدۇ، بارلىق چەتئەل كۈچلىرىگە قارشى تۇرىدۇ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى چېگرىدىن قوغلىۋېتىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ھازىر ئۈچ مۇتەئەسسىپ مىللىي تەشكىلات غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇردى: ئاق رەڭلىك كرېست، كۆك رەڭلىك موڭغۇل ۋە بارلىق موڭغۇللار. بۇ ئۈچ تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ جەمئىي 7800 ئادىمى بار ئىكەن. گەرچە بۇ سان موڭغۇل خەلقى ئومۇمىي سانىنىڭ ئارانلا %0.3 ىنى ئىگىلىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.

   

                 

   موڭغۇل يېڭى ناتسىستلار تەشكىلاتى ئاساسەن دېگۈدەك ياشلاردىن تەركىب تاپقان، ئۇلار ئۆزلىرىنى سىرتتىن كەلگەن رەزىل نەرسىلەرگە قارشى تۇرىدىغان، جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىقنى يوقىتىدىغان، سىياسىي ئازارچىلىق ۋە پارىخورلۇقنى يوقىتىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر سىياقىدا ئورىۋالغان. سۈرەتتە، ئۈستىگە قارا رەڭلىك كىيىم كىيىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ناتسىستلار پارتىيەسىنى دوراپ سالام بېرىۋاتقان ئەزالار، ئۇلار ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ، موڭغۇل تىلىدا «غەلىبە ياشىسۇن» دېگەن شوئارنى توۋلاشماقتا.

                

 يېڭى ناتسىستىزمچىلار ناتسىست «روھى»نى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىرقنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولىشىۋاتىدۇ. موڭغۇل يېڭى ناتسىستلار تەشكىلاتى «بارلىق موڭغۇللار» جۇڭگولۇق ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان ھەرقانداق موڭغۇل قىزلىرىنىڭ بېشىنى چۈشۈرۈپ، مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق جازالايدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت قىلىشماقتا. 2007–يىل، «كۆك موڭغۇل» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى قىزىنىڭ يىگىتىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى، ئەسى بۇ يىگىت جۇڭگودا ئوقۇغان ئىكەن.

             

 «ئاق كرېست» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىقنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنى ناتسىستلار پارتىيەسى دەپ تونۇيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادولوف گىتلېر بىز ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم، ئۇ بىزگە بىر مىللەتنىڭ ساپلىقىنى قانداق قوغداشنى ئۆگەتتى».

             

    بۇندىن باشقا يول بويلىرىدىكى «بەتقىلىق» ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. شۇ جاي ۋاقتى 2013-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى، ئاق كرېست ئەزاسى ئارۇنبولد ماشىنا ھەيدەپ ئۇلانباتۇردىكى بىر ئاۋات كوچىدىن ئۆتمەكتە، ئۇنىڭ ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە ناتسىستلار پارتىيەسىنىڭ كرېست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن.

              

  ناتسىستلارنىڭ 卐بەلگىسى موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا موڭغۇل دۆلىتىدىكى يېڭى ناتسىست ئەزالىرى ناتسىستلار بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار، دەپ قارايدۇ، ھەتتا گىتلېرنى چىڭگىزخاننىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ قارىشىدۇ. گەرچە ئۇلار ناتسىست بەلگىسىنى قوللانغان ۋاقىتتا، بۇ بەلگىنىڭ مەنىسى 3- ئىمپېرىيەدىكى مەنىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمىسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ بەلگىگە بولغان ئېتىقادىنى توسۇپ قالالمىدى. سۈرەتتە، 2010-يىل 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، بىر ئەر دۈمبىسىگە ناتسىستلارنىڭ بەلگىسى بولغان بۈركۈتنى چەكتۈرمەكتە.

              

  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشقا يېڭى ناتسىستلار تەشكىلاتىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، موڭغۇل دۆلىتىدىكى يېڭى ناتسىستىزمچىلار چوقۇنىدىغان قەھرىمانلار كۆپىنچە ھالدا موڭغۇل تارىخىدىكى ياكى رىۋايەتلەردىكى شەخسلەر. ئۇلار ئۆزلىرىگە مىللىي قەھرىمانلار ئوبرازىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆز زىممىسىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغان، مانا بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى. سۈرەتتە يېڭى ناتسىستلار تەشكىلاتى ئەزالىرى باش ئىشتابقا موڭغۇل قەھرىمانلارنىڭ سۈرىتىنى ئاسماقتا.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە