يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ۋە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا قەدەم قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، نېفىت-خىمىيە سانائىتى، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنى ئاساس قىلغان سانائەت بازىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، رايون خاراكتېرلىك ماددىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، شىنجاڭدىكى مۇھىم ئاشلىق، پاختا، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى تۈرلۈك تەرەققىيات پۇرسىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش راۋاجلاندۇرۇشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتى زور دەرىجىدە يېڭىلىدى. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ سانائەت باغچا رايونىنىڭ مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. جېنشىن كاربونلۇق سىياھ، يۇڭشېڭ ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، جىنرۈي مېتال ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش ۋە شۈشېڭتاڭ ئوقەتچىلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەبلەغ سېلىش كۆلىمى زور، پەن تېخنىكىلىق تەركىبى يۇقىرى، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك چوڭ سانائەت كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن توقسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ ماكانلاشتى. سانائەت باغچا رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلار ۋە تۈرلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. پۇقراۋى ئىگىلىكنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقتى.
بۇلتۇر توقسۇ ناھىيەسى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئۆزگىرىشنى كۆزلەشتىن ئىبارەت باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ، ئوتتۇرھال ھالەتتىن قەد كۆتۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىدا سىجىل ئېشىش، ئۈنۈمى ياخشى بولۇش، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ناھىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككى مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 19.8 ئاشتى. مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ئىككى مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %66 ئاشتى. ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئىككى مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %18.8 ئاشتى. يەرلىك ئاممىۋىي مالىيە خامچوت كىرىمى 417 مىليون يۈەنگە يەتتى. يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى ئىككى مىليارد 293 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %19.8 ئاشتى. دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 8626 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %18.6 كۆپەيدى، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئېرىشكەن ئومۇمىي كىرىم 62 مىليون 810 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %30.94 ئاشتى.
شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنىڭ
بۇرچى شەرەپلىك، ۋەزىپىسى مۈشكۈل
شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنىڭ
بۇرچى شەرەپلىك، ۋەزىپىسى مۈشكۈل
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى