شىنخۇا تورى چىكاگو 18–ئىيۇل تېلېگراممىسى : ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 18–ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، ‹‹ ئاپتوموبىل شەھىرى ›› دېگەن نامى بار دېترويت شەھىرى قەرزى 18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ، ھۆكۈمەتكە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىش ئىلتىماسى سۇنۇپ ، ئامېرىكىدىكى ھازىرغا قەدەر ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىشقا ئىلتىماس سۇنغان ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ قالغان .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن : دېترويتنىڭ مالىيە باشقۇرغۇچىسى Kevin Orr مىچىگان ئىشتاتىنىڭ باشلىقى Rick Snyder نىڭ قوشۇلىشى بىلەن دېترويتتىكى ۋەيران بولغان كارخانىلار سوتىغا ئىلتىماس سۇنغان . RickSnyder مۇنداق دېدى : ئەگەر ۋەيران بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنمىساق ، دېترويتنىڭ مالىيە جىددىيچىلىكىنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ . ۋەيران بولۇشقا ئىلتىماس قىلىش ناھايىتى قىيىن بولغان بىر قارار ، لېكىن يەنىلا قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىر .
دېترويت شەھىرى مىچىگان ئىشتاتىدا بولۇپ ، بۇ يەردە ئامېرىكىدىكى ئۇچ چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى بولغاچقا ‹‹ ئاپتوموبىل شەھىرى ›› دەپ نام ئالغان . 20-ئەسىرنىڭ 50–يىللىرى دېترويتنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ 1 مىليون 800 مىڭغا يەتكەن ، لېكىن نۆۋەتتە نوپۇس ناھايىتى تېز ئازىيىپ 700 مىڭغا چۈشۈپ قالغان ، 2000–يىلدىن 2010–يىلغىچە تېخىمۇ ئازلاپ 250 مىڭغا چۈشۈپ قالغان . بۇ سەېەپتىن نۇرغۇن كارخانىلار دېترويتتىن ئايرىلغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرنىڭ مالىيە ئەھۋالى كۈندىن–كۈنگە ناچارلاشقان .
شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنىڭ
بۇرچى شەرەپلىك، ۋەزىپىسى مۈشكۈل
شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنىڭ
بۇرچى شەرەپلىك، ۋەزىپىسى مۈشكۈل
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى