ئۇسسۇل ئىجادىيىتىدە تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش كېرەك. كۆپلىگەن ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى ھەمىشە مىللىي خاسلىقنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرمۇش دېڭىزىدىن ئۆزىگە ئەڭ تونۇش ئۇسسۇل ئېلېمېنتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى بەدىئىي جەھەتتىن تاۋلاپ ۋە پىششىقلاپ، رەڭگارەڭ دۇنيانى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپراقنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلىۋاتىدۇ.
ئۇسسۇللىرىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا باقساق، ئۇسسۇلچىلىرىمىز سان جەھەتتە كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئوينىلىۋاتقان ئۇسسۇللارنىڭ كۆپچىلىكىدە يېڭىلىق ئاز بولۇپ، سۈپەت كىرىزىسىغا پېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭ سەۋەبلىرى مۇنداق:
بىرىنچى، بەزى ئۇسسۇل سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسى تۆۋەن. سەنئەت ۋە ئۇسسۇل تارىخىغا نەزەر سالساق، زور ئىجادىي ئۇتۇقلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ سەنئەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىمى مول، سەنئەت ۋە پەننىڭ باشقا ساھەلىرىدە تەڭ يېتىلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن: دۇنيا ئۇسسۇل تارىخىدا زور ئۆزگىرىش ياساپ، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلچىلىقىنىڭ ئانىسى، دەپ تەرىپلىنىۋاتقان دونكان كىچىكىدىنلا ئانىسىنىڭ يېتەكلىشىدە بېتخوۋېن، شوبېرىت، مۇزاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئۆگىنىپ، سەنئەت ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرگەن. ئۇ گىرېتسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيەلەرگە بېرىپ، داڭلىق سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە سەنئەتكارلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئەستايىدىل ئىزدەنگەن ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇنىۋېرسال بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىجادىي تەپەككۇرىنى بېيىتقان. نەتىجىدە دونكاننىڭ ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىدىن ئىبارەت يېڭى بىر ئۇسسۇل ئېقىمى مەيدانغا كېلىپ، ئۇسسۇل ساھەسىدە دۇنيا ئېتىراپ قىلغۇدەك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن.
ئىككىنچى، بەزى ئۇسسۇلچىلىرىمىزنىڭ نەزەرىيەۋى ساپاسى تۆۋەن. ئۇسسۇل نەزەرىيەسى، ئۇسسۇلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تۈپ خۇسۇسىيەتلىرى، ئۇسسۇلنىڭ تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، مەزمۇن ۋە شەكىل، تۈرلىرى، ئىجادىيەت ئۇسۇلى، ئىجادىيەت جەريانى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىش ئۇسسۇل ئىجادىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئەزەلدىن نەزەرىيەۋى تەتقىقات سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە سەنئەت ئەمەلىيتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ مۇناسىۋەتتە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. ئەگەر دۇنيا ئۇسسۇل تارىخىغا نەزەر سالساق، شۆھرەت قازانغان داڭلىق ئۇسسۇل رېژىسسورلىرى ۋە ئۇسسۇلچىلارنىڭ نەزەرىيەۋى ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇنىيەتكە ئىزچىل ھۆرمەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. لېكىن، كۆپ ساندىكى ئۇسسۇلچىمىزدا كەسپىي نەزەرىيەۋى بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنىڭ رولىغا سەل قارايدىغان خاھىش كۈچلۈك.
ئۈچىنچى، بەزى ئۇسسۇلچىلىرىمىزنىڭ كەسپ ئەخلاقى چۈشەنچىسى تۆۋەن. كەسىپ ئەخلاقى ئۇسسۇلچىلارنىڭ يېتىلىشى ۋە كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز باشتا تىلغا ئالغان دونكاننىڭ سەنئەت تارىخىغا نەزەر سالساق، ئۇنىڭ كەسىپ ئەخلاقىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى مۇنۇ ۋەقەدىن كۆرۈۋالالايمىز. دونكان بىر قېتىم ياۋروپاغا ئويۇن قويغىلى بارغاندا ئىشلىرى ئوڭغا تارتماي، ئىقتىسادتا قىينىلىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرتاپقان كاتتا بىر كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىنىڭ خوجايىنى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ سارايدا ئۇسسۇل ئويناپ بەرسە، ھەر كېچىلىكى ئۈچۈن 1000 مارىك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. دونكان ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىدىن بەكلا رەنجىپ‹‹مەن ياۋروپاغا ئىنساننىڭ ھېس – تۇيغۇسىنى بەدەننىڭ ھەرىكەت سەنئىتى بىلەن ئىپادىلەش، كىشىلەرگە جىسمانىي گۈزەللىك بىلەن پاكلىقنى چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا ئۇسسۇل سەنئىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كەلگەن، يوغان قورساق بۇرژۇئازلارغا ئىشتەي نەغمىسى قىلىپ بېرىشكە كەلمىگەن›› دەپتۇ. ئۇنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ئېڭى ۋە چۈشەنچىسى بىزنى بۇ جەھەتتە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى