ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ساياھەت ۋە ئەدەبىيات

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 16- كۈنى 03:11 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    1.ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشى. ساياھەت كىشىلەرنىڭ باشقا جانلىقلاردىن ھالقىغان ھاياتلىق ئېھتىياجى بولۇپ، كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىن شاتلاندۇرۇش ۋە بەھرىلەندۈرۈش خاراكتېردىكى ئەركىن پائالىيەت ھېسابلىندۇ . ئىنسانلار تەبىئەتنى، مەدەنىيەتنى ، ئۆرپ – ئادەت، سەنئەتنى ساياھەت ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، بىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ .

    ئەدەبىيات رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭدا تەسۋىرلىنىدىغىنى تەبىئەتتىكى تاغ، دەريا ، ئورمان، يايلاق دېگەندەك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەنزىرىلىرى بىلەن تۈرلۈك ئۆرپ – ئادەت ۋە يەرلىك مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان ئىجتىمائىي مۇھىت قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنداق ئىككى خىل مۇھىت تەسۋىرى كىشىلەرنى تەبىئەت قوينىغا باشلاپ، تەبىئەت بىلەن يېقىنلاشتۇرىدۇ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن سۆيۈندۈرۈپ، تەبىئەتكە بولغان ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تىپلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. دېمەك، ساياھەت بىلەن ئەدەبىياتىنىڭ مانا مۇشۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئالدىنقى شەرت ۋە ئىمكانىيەت بىلەن تەمىن ئەتكەن. ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىى بولۇپ قالدى .

    ئېلىمىزدە ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ئۇزاق. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4 – ئەسىردە جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە تەبىئەت ئېكولوگىيەسى، تەبىئەت مەنزىرىلىرى زوق بىلەن تەسۋىرلىنىپ، كىشلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ھېسسىياتىنى قاندۇرغان ھەم كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنى ساياھەت قىلىش ئارزۇسىنى كۈچەيتكەن. تاڭ سۇلالسى دەۋرىگە كەلگەندە لى بەي، مىڭ خاۋرەن، شىن شىن قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا بۇنداق ھالەت تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، ھەتتا شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ مەنزىرىسى زوق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغان. بۇ دەۋردە تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى جانلىق ۋە كۆركەم قىياپىتى بويىچە تەسۋىرلەپ، زور ئېستېتىك قىممەت يارىتىش شېئىرىيەتتە بىر خىل ئېقىمغا ئايلانغان.

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ئۇزاق. 17 – ئەسىردە ياشىغان شائىر مۇھەممەد سىدىق زەلىلى يازغان <<سەپەرنامە›› خاس ساياھەت ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەر بولۇپ، زەلىلىنىڭ يەكەندىن ئاتۇش ۋە خوتەنلەرگە قىلغان زىيارەت – ساياھىتى مەزمۇن قىلىنغان. بۇ ئەسەردە شائىر كەزگەن يۇرتلار ، گۈزەل مەنزىرىلەر، دەريا – ئۆتەڭلەر تەپسىلى تەسۋىرلەنگەن ۋە تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بىزنى ئىلگىرىكى دەۋرلەرنىڭ تارىخى ھەم تەبىئىي مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ .

    دېمەك، ئېلىمىزدە ساياھەت ئەدەبىياتى ھەم ئۇزاق تارىخقا، ھەم پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولغان بىرخىل ئەدەبىيات ھېسابلىنىدۇ .

    ھازىر، بىر تەرەپتىن ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەۋى مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بارغانچە چوڭقۇرلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەبىياتنىڭ دائىرىسىمۇ بارغانچە كېڭەيمەكتە. ساياھەت ئەدەبىياتى بۇنىڭ بىر مىسالى. بىز ساياھەت ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەرنى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەلىرنى يېتەكچى قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئىلمى، ئېكولوگىيە ئىلمى قاتارلىق قوشنا ئىلىملەرنىڭ مەزمۇن، تەلەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق ئېلىپ بارساق، ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكىنى تېپىپ چىقالايمىز. ساياھەتچىلىكنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىدىن ئالغاندا، يۇرتىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشىغا ئېھتىياجلىق بولماقتا. ساياھەت ئەدەبىياتى سۇبيېكتىپ جەھەتتىن كىشىلەرنى زوقلاندۇرۇش، مەلۇم دۆلەت، مەلۇم رايوننىڭ تاغ – دەريا ۋە ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىسىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش، شۇ رايوننىڭ ساياھەت كىرىمىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

    2.ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنى. ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنى ساياھەت قىلغۇچى بىلەن ساياھەت مەنزىرىسىنىڭ ئېستېتىك مۇناسىۋىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ساياھەتچى ساياھەت پائالىيىتىدىكى سۇبيېكتىپ گەۋدە. ساياھەت ئەدەبىياتىدا دەل شۇ گەۋدىنىڭ سەزگۈسى، تەسەۋۋۇرى، شادلىنىشى، قىزىقىشى، تەسىرلىنىشى، بىلىشى... قاتارلىقلار گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ساياھەت قىلغۇچى سالاھىيەت جەھەتتە مەنزىرىلەرنى ساياھەت قىلغۇچى بولۇشىمۇ، تۇغقان يوقلىغۇچى بولۇشىمۇ، سودىگەر بولۇشىمۇ، يازغۇچى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئوخشىمغان سالاھىيەتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. نەتىجىدە ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش، ئىپادىلەش نۇقتىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ساياھەت مەنزىرىسى تەبئىي مەنزىرە ۋە سۈنئىي مەنزىرە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ساياھەت ئەدەبىياتىدا مانا شۇ ئىككى تۈرنىڭ ئوخشاشمىغان ئېستېتىك قىممىتى ۋە بىلىش قىممىتى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. تەبئىي مەنزىرە ساياھەت قىلىش بىلەن بىرلىشىپ گۈزەللىك ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەرگە يۇرت سۆيگۈسى، ۋەتەن سۆيگۈسى، تەبىئەت سۆيگۈسى ئاتا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىلى رايونىدىكى نارات، كۆندەلەڭ، تۇرپاندىكى يارغۇل، كارىز، تەكلىماكان، تارىم ئويمانلىقلىرى دېگەندەك تەبئىي مەنزىرە رايونلىرى ئەنە شۇنداق قىممەتكە ئىگە.

    سۈنئىي مەنزىرە تەبئىي مەنزىرىگە ئوخشىمايدۇ. سۈنئىي مەنزىرىدە ئىجتىمائىي گۈزەللىك بىلەن سەنئەت گۈزەللىكى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك پائالىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسلەن، باغچىلار، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى، خاتىرە نۇقتىلىرى... قاتارلىقلار. بۇنداق مەنزىرىلەر يېزىلغان ساياھەت ئەدەبىياتى كىشىلەرگە بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقىدىن سۆيۈنۈش، ئازادىلىك ، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. بەزى مەدەنىي يادىكارلىقلار ساياھىتى، ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى، بىناكارلىق – مېمارچىلىق ساياھىتى... قاتارلىقلار كىشىلەردە ئۆز يۇرتىدىن ئىپتىخارلىنىش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھاسىل قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ساياھەت ئەدەبىياتىدا مەزمۇن جەھەتتىن ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ‹‹گۈزەللىك قانۇنىيىتى›› بويىچە قانداق قۇرۇپ چىقىلغانلىقى، ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە قوغدالغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈش ئارقىلىق، بۇنداق ساياھەت مەنزىرىلىرىنىڭ قىممىتى، داڭقى، جەلپكارلىقى ئاشۇرۇلىدۇ .

    ساياھەت ئەدەبىياتى ساياھەت ئىلمى بىلەن ئەدەبىيات ئىلمىنىڭ مەزمۇن، نەزەرىيە، ئېستېتىك پىرىنسىپلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئارا بىرلىشىشىنى، سىڭىشىشى، گىرەلىشىشى بولغاچقا، نىسبەتەن ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولىدۇ. ئۇ يەنە ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق، مۇھىتشۇناسلىق قاتارلىق ئىلىملەر بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىدۇ. شۇڭا ساياھەت ئەدەبىياتىنى تەتقىق ۋە مۇلاھىزە قىلغاندا، مېتودولوگىيە جەھەتتە ئۇنى چوقۇم پەنلەرنىڭ گىرەلەشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.

    3.ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە قىممىتى. ساياھەت ئەدەبىياتىدا ھازىر شېئىر، نەسىر، ساياھەت خاتىرىسى دېگەن ئۈچ تۈر مەۋجۇت. مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا بىرىنچى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى تېمىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۈرىدىكىلەر، ئىككىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سۆيۈش ۋە قوغداشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۈردىكىلەر، ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تېمىسى تۈرىدىكىلەرگە ئايرىلىدۇ .

    بىرىنچىسىگە تەۋە ئەسەرلەر ھېيىت – بايرام، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ ئۆي ئادىتى، يېمەك – ئىچمەك ئادىتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئۆرپ – ئادەتلەرنى تونۇشتۇرۇش تىپىدىكى ئەسەرلەر بولۇپ، بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەت ساياھەتچىلىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئاكتىپ رولى بار. ئىككىنچىسىگە تەۋە ئەسەرلەر تاغ – دەريا، يايلاق ۋە تەبئىي مەنزىرە رايونلىرى ھەققىدىكى ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلار ئادەملەردە تەبىئەتنى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە ساياھەت قىزغىنىلىقى قوزغايدۇ .

    ئۈچىنچىسىگە تەۋە ئەسەرلەر باشقا رايون، دۆلەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇھىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىز بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە بىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەسەرلەر بولۇپ، بۇنداق ئەسەرلەر مەدەنىيەت جەھەتتە ئالغا بېسىشقا بەلگىلىك ئاكتىپ تەسىر قىلىش، رايونلار ۋە دۆلەتلەر ئارا ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ .

    بۇنداق ئەسەرلەر ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تېز تەرەققىي قىلدى . زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ياۋروپاغا سەپەر››، ‹‹ئەرەب يېرىم ئارىلىدا›› ناملىق ئەسەرلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ ‹‹ئامېرىكىدا 15 كۈن››، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا››، ئەسئەت سۇلايماننىڭ ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك››، غەيرەت ئاسىمنىڭ ‹‹مۇھەببەتلىك ياۋروپا›› ناملىق ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ساياھەت ئەدەبىياتىنىڭ ئىلمى قىممىتى ئىنتايىن زور. ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكىنى مەيلى ئىجتىمائىي مەنزىرىلەر ياكى تەبئىي مەنزىرىلەر بولسۇن، ئالدى بىلەن كىتابخانلارنى ئەمگەكچى خەلق ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئەمگەكچى خەلقنىڭ كۈچىنى تونۇتۇپ، كوللېكتىۋىزملىق ئاڭنى كۈچەيتىدۇ، ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ . ئىككىنچىدىن، ساياھەت ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن يەرلىك مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت مىراسلىرى، مەنزىرىلەر ئەكس ئېتىدىغان بولغاچقا، بۇنداق مەزمۇنلار كىتابخانلاردا ۋەتەننىڭ تاغ – دەريالىرى بىلەن تونۇشۇش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ساياھەت ئەدەبىياتىدا يەنە يەر – جاي ناملىرى، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىكلەر، قاتناش – تىرانسپورت ئادەتلىرى ئەكس ئېتىدىغان بولغاچقا، كارتوگىرافىيە ئىلىمى ئۈچۈنمۇ زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. جۇغراپىيەشۇناسلار، تارىخ ئالىملىرى دۇنيا ۋە رايونلارنىڭ ئىلگىرىكى قاتنىشى، يەر ناملىرى، مەدەنىيەت ئادەتلىرى، شەھەر – يېزا قىياپىتى دېگەنلەرنى تەتقىق قىلىشتا، بەزىدە شۇ ساياھەت ئەدەبىياتىغىمۇ مۇراجىئەت قىلماقتا. شىۋېتسىيەلىك فولىكلورشۇناس گۇننار يارىڭ يازغان ‹‹قەشقەرگە قايتا سەپەر›› ناملىق ساياھەتنامە بىزنىڭ 19 – ئەسەرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەرنى، ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەتلەرنى، تارىخىنى، شەھەر قىياپىتىنى، تۈزۈلۈشىنى بىلىشىمىزدە مۇھىم تارىخىي پاكىتلىق رول ئوينىماقتا .

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە