ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرىدىن جىگدە يىلىمى، ئوسما ۋە خېنە

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 16- كۈنى 02:44 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    aئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىلمۇ خىل ئەنئەنىۋى كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتى ۋە رەڭدار تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە تەبىئىي گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت . بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ياش-قۇرامى ، چىراي شەكلى ، بوي-تۇرقىغا قاراپ ، باش-كۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈش ۋە گىرىم قىلىپ ، رەڭگى-رۇخسارىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئادىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر . جۈملىدىن ، ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز خىلى بۇرۇنلا جىگدە يىلىمى ، ئوسما ۋە خېنە قاتارلىق تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى پەرق ئېتىپ ، ئۇنى خانىم-قىزلارنىڭ تەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرى ئورنىدا ئىشلىتىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چاچ ، قاش-كىرپىكى ۋە تىرناقلىرىنى ئاسراشقا ئادەتلەنگەن .

    جىگدە يىلىمى ئادەتتە تېنى چوڭراق بولغان جىگدە دەرىخىنىڭ غولىدىن چىقىدىغان بىر خىل يىلىم بولۇپ ، ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ تەركىبىدە قەنت ، تانىنىن قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ، ئۇنىڭ چاچ يىلتىزىنى قۇۋەتلەپ قارايتىش ، ئۆستۈرۈش ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلاش رولى بار . شۇڭا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بۇرۇندىن تارتىپ جىگدە يىلىمىنى گىرىم بۇيۇمى ئورنىدا ئىشلىتىپ چاچلىرىنى تاراپ ئاسراشقا ئادەتلەنگەچكە ، ئۇلارنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى قارا، قويۇق ۋە ئۇزۇن ئۆسەتتى .

    ئوسما ـــ بۇ بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ ، ئۇيغۇرلار ئۇنى باغ ۋە ھويلا-ئاراملىرىدا ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن . ئۇنىڭ يوپۇرمىقىدا سۇ تەركىبى بىرقەدەر كۆپرەك بولۇپ ، ئۇنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ سىققاندا ئۇنىڭدىن كۆك رەڭلىك سۇ چىقىدۇ . ئۇنىڭ چاچ ، قاش-كىرپىكلەرنى ئاسراش ۋە قارايتىش رولى بولغاچقا ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىدا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇنى چاچ ۋە قاش-كىرپىكلىرىگە سۈركىۋالىدىغان ئادەت بولۇپ ، بۇ ئادەتتە ، ‹‹ئوسما قويۇش›› دەپ ئاتىلىدۇ . شۇڭا ئۇلار ئۇنى چاچ، قاش-كىرپىكلىرىنى ئاسراش ۋە گۈزەللىكنى ساقلاشتىكى موھىم بىر خىل گىرىم بۇيۇمى ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرى يېڭىدىن تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنىمۇ توغۇلۇشى بىلەنلا ئۇنىڭ چاچلىق ، قاش-كىرپىكلىرى جايىدا، لاتاپەتلىك قىزلاردىن بولۇپ يېتىلشىنى ئارزۇ قىلىشىپ ، ئۇنىڭ باشلىرىغا ئوسما سۈيىنى سىقىپ چاپىدىغان، قاش-كىرپىكلىرىگە سۈركەپ قويىدىغان ئادەت ھېلىھەم ساقلىنىپ كەلمەكتە.

    خېنە ـــ گۈل ئائىلىسىگە تەۋە بولغان يەنە بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ ، ئۇ باغلاردا ياكى ھويلا-ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 60 ~ 180 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ ، غولىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ ھەم سۇلۇق ، گۈلى خۇددى ئانارنىڭ چېچىكىگە ئوخشاش قىزىل رەڭدە ئېچىلىدىغان بولۇپ ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئاساسلىقى ئۇنىڭ گۈلىنى قولى بىلەن سىقىپ سويۇقلۇقىنى چىقىرىپ ئاندىن پۇت ، قوللىرىنىڭ تىرناقلىرىغا سۈركەپ قىزارتىۋالاتتى . بۇ ئادەتتە ‹‹خېنە قويۇش›› دەپ ئاتىلاتتى . بۇنداق قىلغاندا خېنىنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ، سۆڭەكنى ئۆستۈرۈش ۋە چىڭىتىش قاتارلىق دورىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بولغاچقا، تىرناقلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ ، خانىم-قىزلارغا ئۆزگىچە ھۆسن قوشقاندىن باشقا يەنە، ئۇ ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ . شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرى تىرناقلىرىغا خېنە قويۇشقا ئادەتلەنگەن.

    ئەپسۇسكى ، ھازىرقى زامان خىمىيەلىك گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى بىلەن ، بۇ خىل ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ئاستا-ئاستا مودىدىن قېلىپ ، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىپ ، ئۇلاردا چاچ ، قاش-كىرپىكلەر بالدۇر چۈشۈپ كېتىش ياكى چاچلىرى بالدۇر ئاقىرىپ كېتىپ ، رەڭگى-رۇخسارىدا بالدۇر قېرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە