ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى›› 10 – ئىيۇل شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەردە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە مەسىلىلەر تەھلىل قىلىندى.
20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ئېلىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى بىر تۈركۈم ئەدەبىياتشۇناسلارنى ئاساس قىلغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ‹‹جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكى›› دىن ئىبارەت يېڭى بىر ئىلىم ۋۇجۇدقا كەلگەنىدى. 30 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا قوشۇلدى، ئۇلارنىڭ توختاۋسىز ئىزدىنىشى ئارقىسىدا جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكى تەتقىقاتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرىغا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنى، جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، نىڭشيا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن 60 قا يېقىن مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتناشتى. مۇنبەر جەريانىدا ‹‹كۆپ خىل مەدەنىيەت – تىل شارائىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكى تەتقىقاتى››، ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكى قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش يوللىرى››، ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى››، ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋىتى›› قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىلىق پەن تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئىقبال تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكى تەتقىقاتىنى يېڭى ئىلىم، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن تارتىپ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنى قېزىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش خىزمىتى باشلاندى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيەسىدە 80 – يىللاردىن باشلاپ ئابلەت ئۆمەر، ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن، شېرىپىدىن ئۆمەر، مۇھەممەد قازى ئەيسا، مۇھەممەد پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، ئازاد سۇلتان قاتارلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئەدەبىي تەنقىچىلەر يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكىدە دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىملىق مۇنبەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچى، ئوبزورچىلىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ، تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان سەھنە ھازىرلاشنى، شۇنداقلا ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىگەن ئاساستا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكى قۇرۇلۇشى، دەرسلىك قۇرۇلۇشى، ئوبزورچىلىق، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىقلارنىڭ يۈزلىنىشى، تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى