ماتېرىيال سۈرەت: دېھقان رەسساملار نەق مەيداندا رەسىم سىزماقتا
شىنجاڭ ‹‹ دولان يۇرتى ›› ، ‹‹ دولان رەسساملىق يۇرتى ›› مەنزىرە رايونى 13-ئىيۇل ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسى بىلەن قۇمقۇسار يېزىسىدا قۇرۇلدى . بۇ مەنزىرە رايونى مەزكۇر ناھىيەنىڭ ‹‹ دولان مەدەنىيىتى ›› نامىدا قۇرۇپ چىقىۋاتقان يۈرۈشلۈك ساياھەت تۈرلىرىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولۇپ ، بۇ ناھىيەنىڭ يالغۇز دېھقانچىلىقنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن دېھقانچىلىق بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى .
يانتاق يېزىسى دولان مۇقاملىرىنىڭ ۋارىسى ھەسەن يەھيا ، ھۈسەن يەھيا قاتارلىق بىر تۈركۈم ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك›› غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ يېزىسى .دولان مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن ، مەكىت ناھىيەسى بۇ يىل ئىچكىرىدىكى كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ ، يانتاق يېزىسىدا دولان مۇقاملىرى ، دولان مەشرەپلىرى ، دولان دېھقانلار رەسىملىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ، شۇنداقلا دولانلىقلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ، بوستانلىقتىكى دېھقانچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ‹‹دولان يۇرتى›› مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىپ چىقتى . بۇ مەنزىرە رايونىغا 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، دۆلەتنىڭ 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايون ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنغان، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىنكى يىللىق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى 200 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يېتىشى مۇمكىن .
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان قۇمقۇسار يېزىسى مەكىت دولان دېھقان رەسساملىرىنىڭ ماكانى . دولان دېھقان رەسساملىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن دولانلىقلار ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ قورال-سايمانلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىققان . 40 نەچچە يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيانقى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش ئارقىلىق بۇ خىل مۇستەقىل ئەنئەنىۋى رەسىم سىزىش سەنئىتى گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى