ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

يوپۇرغىدىكى ھېسار قەدىمىي شەھەر خارابىسى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 16- كۈنى 02:36 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    ھېسار شەھىرى ئىزى ـــ (ھاسا شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۇ، يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى يوپۇرغا يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە، يېزا ئورگىنىدىن 13.8 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەكسىز كەتكەن قۇم باراخانلىرى ئارىسىغا جايلاشقان.

    ئېيىتىشلارغا قارىغاندا، بۇرۇن بۇ يەردە كاتتا بىر شەھەر بولۇپ، كېيىن ئېغىر قۇرغاقچىلىق ۋە يېغىلىقلار سەۋەبىدىن كىشىلەر تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كەتكەچكە ۋەيران بولغانمىش. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ شەھەر خارابىلىققا ئايلنىپ قۇم بېسىپ كەتكەن. بۇ يەردە شەرقتىن جەنۇبقا قاراپ ئاقىدىغان قەدىمىي دەريا ئىزىنى ئېىنىق كۆرگىلى ۋە بۇ ئىزنىڭ جەنۇبىغا يېقىن جايدا بىر ئۆستەڭنىڭ ئىزىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ، ئەينى چاغدىكى ئاھالىلار ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە سېرىق رەڭلىك، توق كۆك رەڭلىك، قىزىل خىش ۋە رەڭلىك ساپال بۇيۇملارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ساپالدىن ياسالغان كومزەك قاتارلىق سايمانلار بىر قەدەر كۆپ ھەم مۇكەممەل بولۇپ، يۇمىلاق شەكىللىك ۋە تۈز شەكىللىكلىرىمۇ بار.

    1983-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيدىن كەلگەن ئارخېئولوگلار بۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، بۇ يەردىن تاپقان ساپال ياكى تۆمۈردىن ياسالغان دۇمباق شەكىللىك قورال ۋە كومزەكلەرنىڭ سىرتىغا تاق سىزىق ۋە كۆپ سىزىقتىن ھاسىل بولغان نەقىشلەر ئويۇلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر قۇلاقلىق، بەزىلىرى ئىككى قۇلاقلىق بولۇپ، بەك بۇزۇلۇپ كەتكەن. بۇ يەردىن تېپىلغان مېتال پۇللارنىڭ خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەن بولۇپ ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.

    دېمەك، بۇ يەردىن تېپىلىغان ھەر خىل كونا تۆمۈر ۋە ساپال بۇيۇملارغا ئاساسەن، بۇ قەدىمىي شەھەر ئىزىنى تاڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە بىنا قىلىنغان بولۇپ، كېيىنكى مەزگىللەردە ۋەيران بولغان، دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

    1992-يىلى بۇ قەدىمىي شەھەر ئىزى ‹‹ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى›› قىلىپ بېكىتىلگەن.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە