سۈرەتتە:ھامدۇن تۇرۇپ چورۇق تىكمەكتە
قاغىلىق ناھىيەسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك ئەلئارا ئەنئەنۋى قول-ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى-چورۇقچىلىق ھۈنىرى بار.چورۇقچىلىق 3200يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ،20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى گۈللەنگەن دەۋىرگە كىرگەن،چورۇق ئۆز جايىدا سىتېلىپلا قالماي يەنە سېرىتلاردا سېتىلىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.ۋاقىتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،چورۇقچىلىق ھۈنىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈستىلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن.بولسىمۇ قاغىلىق بازىرى باغئېرىق مەھەللىدە ئولتۇرۈشلۇق ھامىدۇن ئابدۇراخمان ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس قالغان بۇ ھۈنەگە ۋارسىلىق قىلىپ،چورۇقچىلىق ھۈنىرىنىڭ 3-ئەۋلاد ۋارىسى بولۇپ قالغان.1960-يىلى تۇغۇلغان ھامىدۇن ئابدۇراخمان 14يېشىدىن تارتىپلا دادىسىغا ئەگىشىپ چورۇق تېكىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن بولۇپ،ھازىرغىچە 40يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە دادىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇستا چورۇق تېكىش ئۇستىسىغا ئايلاندى.
چورۇق-ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەر- سەنئەت ئۇسۇلىىدن پايدىلىنىپ تىكىلىدىغان بىر خىل ئاياغ كىيىم بولۇپ،ئادەتتىكى ئاياغ كىيىملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ پاشنىسى بولمايدۇ.ھەم،سول تەرەپ ئايرىلمايدۇ.ئۇنىڭ چەمى پۇتۇنلەي كۆن-خۇرۇمدىن ياسىلىدىغان بولۇپ،كاۋچۈك ۋە باشقا خام ماتېرىياللار ئىشلىتىلمەيدۇ.ھامدۇن ئابدۇراخمان چورۇق چەمىگە پۇتۇنلەي كالا،قوتاز تېرىسى ئىشلىتىدۇ.شۇڭا ئۇ تىككەن چورۇقلار يېنىك،يۇمشاق،ئىسسىق بولۇشتەك ئەۋزەلىككە ئىگە.چورۇق نۇسخىسىغا قاراپ ئىگىز چوپرۇق(قونجۇلۇق)ئاراقونچۇلۇق،كالتە قونجۇلۇق چورۇق دەپ ئاتىلىدۇ.يەنە كەيگۈچىگە قاراپ ئەرەنچە،ئايالچە،باللار چورۇقى دەپمۇ ئايرىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىل چورۇق،ئادەتتىكى چورۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تارىخى تەرەققىيات جەرياندا چورۇقمۇ داۋامىلىق تەرەققىي قىلىپ،ئاساسلىق ئىقتىدارىدىن سىرىتقى كۆرۇنۇش،رەڭگىگىچە ناھيتى زور ئۆزگىرىش بولدى.ئىلگىرى چورۇق ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئىدى،ئەمما ھازىر كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋيەسىنىڭ ئۆسۈشى ،مەنىۋى-مەدەنىيەت سەۋيەسىنىڭ موللىششىغا ئەگىشىپ،چورۇق سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ،(ھازىر چوپان،كۆكيار،شىخشۇ يېزىلىرى ۋە ئۇششاقباش بازىرىدا ياشانغان بوۋاي -مومايلار چورۇق كىيىدۇ)ھۈنەر ۋە سىرىتقى كۆرۇنۈش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقۇرى تەلەپكە ئىگە بولدى.ھامىدۇن ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى:ئىلگىرى چورۇق تىكىشكە ئىشلىتىدىغان تېرىنى ئۆزۈم تەييارلايتتىم،بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى.تېرىلەرنىڭ سۈپىتىمۇ ئوخشاش ئەمەس بولۇپ،بوياشنىمۇ ئۆزۈم قىلاتتىم،شۇڭا قوپال چىقاتتى.ھازىر مەن خىرۇم تەييارلاش ئۈچۈن ئاۋارە بولايمەن،چورۇق تىكىشكە ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى قەشقەردىكى مەخسۇس خىرۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتىن سېتىۋېلىپ،بۇ يىرىم تەييار ماتېريالغا ئۆزۈم ھۈنەر قوشۇپ،نەپىس چورۇقلارنى تىكىپ چىقىدىغان بولغان.مۇشۇنداق بولسىمۇ بىر ئادەم بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى جۈپ چورۇق تەييارلايدۇ.ئەر-خوتۇن ئىككىسنىڭ بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش جۈپ چورۇق تىكەلەيدۇ.
ھامىدۇن ئابدۇراخماننىڭ خوتۇنى مېھىرگۈل تۇردى ئۈچۈنچى ئەۋلاد چورۇقچى بولۇپ،ئېرىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ،كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپتۇ.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كەسپي چورۇق تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا زامانغا لايىق ئۆي سىلىۋىلىش بىلەن، بىر كىچىك ماشنا سىتىۋاپتۇ.ھامدۇن ئابدۇراخمان ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك چورۇق تىكىش ۋارىسى ۋە ئالىي تېخنىك ئۈنۋانى ئاپتۇ،ھامدۇن ئابدۇراخمان ھازىر چورۇقلىرىنى سىتىپ چىقىرىشتى غەم قىلمايدۇ.چۈنكى خېرىدارلار دائىم ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ،ئۆيىدىن چورۇق سىتېۋىلىپ كىتىدۇ.ئەگەر بازارغا سىتىش ئۈچۈن ئېلىپ چىقسا بىردەمدىلا سىتىلىپ تۈگەيدۇ.9-ئاي قاغىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتۇن دەۋرى <<ئانار چېچىكى بايرىمى>>،<<ياڭاق ئۈزۈش بايرىمى>>،زوڭلاڭ شىپالىق بۇلىقى،شېھىتيار قەدىمى سىرلىق شەھھرى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسى ساياھەتچىلەر كۆپ بارىدىغان جاي.ھامدۇن ئابدۇراخمان بىزگە مۇنداق دېدى:مەن بۇ كەسپىمىنى كۆلەملەشتۈرۈپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەلئارا بايلىقى بولغان چورۇقچىلىق كەسپىنى كېڭەيتىمەن.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر