تالانتلىق شائىر، ژۇرنالسىت ۋاھىتجان ئوسمان 1963-يىلى ئاپرېلدا شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. مۇئاۋىن باش مۇھەررىر. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئەلئىچى سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە «مىراس» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2002-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇ تۇنجى شېئىرىنى 1983-يىلى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، باللاداسى ئېلان قىلىنغان. قىسمەن شىئېرلىرى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. 2010-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شىئېرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 2012-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «شائىر رىۋايىتى» ناملىق توپلىمى نەشىر قىلىنغان. قىسمەن شىئېرلىرى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇ ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ماتېرىياللارنى يىغىش ۋە رەتلەشكە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ تۈزگەن «بالىلار چۆچەكلىرى»، «ئۇيغۇر بالىلار ناخشىلىرى» (1983-يىلى) ۋە «ئىبراھىم سايىت كۈلدۈرگىلىرى» (2010-يىلى) شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
شائىرنىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2012-يىلى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2001-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش، بېكىتىش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر