ئايشەم ئەخمەت 1942-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە «قۇمۇل گېزىتى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا مۇھەررىر،باش مۇھەررىر ۋە ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئايشەم ئەخمەت خانىم ئەدەبىيات ئىشلىرىمىزغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان تۆھپىكار يازغۇچى بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ژۇرنالچىلىقتىكى بىردىنبىر ئايال ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن خىزمەت ھاياتىدا خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،يەرلىك ئەدەبىي ژۇرناللارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ تۈرلۈك ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ،يېزىقچىلىق كۇرسلىرىنى ئېچىپ ژۇرنال ئەتراپىغا بىر تۈركۈم ئىختىساسلىق زىيالىيلارنى ئۇيۇشتۇرغان.
ئايشەم ئەخمەت خانىم يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش،رەتلەش ۋە نەشىر قىلدۇرۇش جەريانىدىمۇ ئۆزىنىڭ مىننەتسىز ئەجرىنى سىڭدۈرگەن پەخىرلىك ئۇستازىمىز ۋە تۆھپىكار مۇھەررىرىمىز.
ئايشەم ئەخمەت خانىم 1957-يىلىدىن باشلانغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا تۈرلۈك نادىر ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ 80-يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلغان «باشلىقنىڭ رايى»، «خىجىللىق»، «ھەسرەت» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشسە، «ئۆچمەس ئىزلار»ناملىق رومانى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ رومان يازغان پەخىرلىك يازغۇچى بولىشىغا يول ئاچقان.
1990-يىللاردا پەخىرلىك يازغۇچىمىز ئايشەم ئەخمەت خانىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭى بىر ئىلھام بىلەن «مەلىكىنىڭ مىڭزىدىكى داغ»،«28يىل»،«گۇگۇم چۈشكەندە»،«زەھەرلىك كۈلكە»،«قاتىلنىڭ مۇھەببىتى»،قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ بەلگىلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلغاندىن سىرت يەنە بىر قىسىم ھىكايىلىرى تاشكەنت ۋە ئالمۇتادا چىقىدىغان گېزىت،ژورنال،توپلاملاردا تونۇشتۇرۇلغان.
ئايشەم ئەخمەت خانىم بىر ئىقتىدارلىق يازغۇچى،ژورنالىست بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئانا.ئۇ بۇ مۇرەككەپ كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسىدە ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەنلا قالماي ئۆزىنىڭ«خانىم-قىزلار دەستۇرى»،«قىزلار دەستۇرى»،«ئاياللار سىردىشى»قاتارلىق ئېسىل كىتابلىرى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەت قىز-ئاياللىرىنى تەربىيىلەشكىمۇ نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان تۆھپىكار ئانا.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى