نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > قالتىس
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ قالتىس ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
ھاماقەت ئىنسانلار، ئۇنچىلىك ئىشلار مېنى قورقىتالمايدۇ! لوس-ئانژىلېستىكى ئەڭ ئېغىر-بېسىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى

يېقىندا لوس-ئانژېلىستا ئاجايىپ ئېغىر-بېسىق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن بىرسى بايقالدى، بۇ كىشىنىڭ ئېغىر-بېسىقلىقىدىن، ھەتتا ئالدىدا گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ماشىنا پارتىلىسىمۇ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان، بۇنچىلىك كىچىك پارتلاش دېگەن نېمىتى؟ ھاماقەت ئىنسانلار،  ئۇنچىلىك كىچىك قورالىڭلار مېنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىرادەمنى ھەرگىز بويسۇندۇرالمايدۇ!!!

ھازىرغىچە 1,545 قېتىم كۆرۈلدى
بولدى مەن ئىشلىمەيمەن! قانداق قىلغاندا خىزمەتتىن ئەڭ ئاقسا ھالدا ئىستېپا بەرگىلى بولىدۇ؟!

بىر نەپەر Joey ئىسىملىك يىگىت خوجايىن ىغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ، ئەمما شىركەتكە بولغان چوڭقۇر نارازىلىقى تۈپەيلى، ئۇ بىر قەدەر ئاقساراق بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئىستېپا بېرىپ ئاچچىغىنى چىقارماقچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇزىكا ئوينايدىغان بىر توپ دوستلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، خوجايىن شىركەت تىن دائىم ئۆتىدىغان يولدا ئاستاغىنە ساقلاپ …..

ھازىرغىچە 1,726 قېتىم كۆرۈلدى
ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەڭ ئاقسا تاكسى!! ئەجىبا بۇ شوپۇر ئىلگىرى بەيگە ئاپتوموبېلى ھەيدەيدىغان بولغىيمىتى؟!

توۋا دەيمەن! بۇنداق تاكسىغا ئولتۇرۇش نەقەدەر قورقۇنۇچلۇقتە ھە؟! ئەتىمالىم بۇ شوپۇر ئاپتوموبېل مۇسابىقىسى مەيدانىدىكى چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كىرا تارتقاچ ماشىنىسىنى يۇيدۇرغىلى ئازراق پۇل غەملىگىلى چىققانمىدۇ؟ ئۇدۇلدىكى قىزچاق بەلكىم ھەرقانچە بەزلىسىمۇ بۇ تاكسىغا ئولتۇرۇشقا پېتىنالماس، ئەپسۇس، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس تاكسى غا ئولتۇرۇش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالىدىغان بولىدىدە؟

ھازىرغىچە 1,272 قېتىم كۆرۈلدى
ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسىدىكى يەنە بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك فىلىم: 火影忍者(نارۇتو)

بىر يىل ئاۋال تورخۇمارغا يوللانغان « 400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن 街霸 فىلىمى » ئېسىڭلاردىمۇ؟ فىلىمدە بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەقىقىي ئۈنۈمدىكى بىر مەيدان كوچا زومىگىرى ئويۇنىدىكى دەھشەتلىك جەڭ كۆزىمىزنى ئالا-چەكمەن قىلغان ئىدى. بۈگۈن ئېلىپ كەلگىنىم، دەل شۇ فىلىمنى ئىشلىگەن Thousand Pounds Fight ئەترىتىنىڭ يېڭى ئەسىرى – نارۇتو فىلىمىدىكى نارۇتو بىلەن لى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدۇر …..

ھازىرغىچە 1,361 قېتىم كۆرۈلدى
چەتئەللىك توپچىنى ئايال مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن مۆجىزە! رىۋايەتلەردىكى ئالتىنچى سەزگۈ؟!

كارامەت ئىگىلىرى يەنىلا ئەل ئارىسىدا دېگەن سۆز بىكار تارقالمىغان، كالتەك توپ مەيدانىدا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. بۇ خىلدىكى ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشى بەلكىم ئادەمنى چاقماق سوقۇۋېتىشنىڭ ئېھتىماللىقى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەس، كالتەك توپ ماھىرىنى ئايال مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كەينىدىن ئوقتەك ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كالتەك توپنى …..

ھازىرغىچە 1,690 قېتىم كۆرۈلدى
بىليارت تاختىسى ئۈستىدىكى فانتازىيە! بۇ ئۆمرىڭىزدە كۆرگەن ئەڭ گۈزەل بىليارت تاختىسى بولۇشى مۇمكىن…

بۇ بەلكىم يەنىلا مۇشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇنچىلىك چىرايلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىشلەتكەن كاللىغا ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئېيتماي بولمىغۇدەك. مەزكۇر بىليارت تاختىسىدا بىليارت ئوينىغان چېغىڭىزدا، ئېغىر تاشلار خۇددى سۇ ئۈستىدە لەرزان كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، پۈتكۈل مەنزىرە ئاجايىپ قالتىس ۋە فانتازىيىلىك تۈسكە تولغان! قېنى كىم بۇ خىل بىليارت تاختىسىنىڭ پىرىنسىپىنى دەپ …..

ھازىرغىچە 2,026 قېتىم كۆرۈلدى
قەغەز زاۋۇت ۋە ئىشخانا-بۇلارنى كۆرسىڭىز سىزنىڭمۇ قەغەزلەرنى كېسىپ، چاپلاپ ئوينىغىڭىز كەپ كېتىدۇ!

تېمىسىغا ۋە يازما رەسىم ىگە قاراپ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ئانچە-مۇنچە بىلىپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن. ئويلىغىنىڭلار توغرا، بۇ ئەسەردە ھەرخىل رەڭلىك قەغەزلەرنى كېسىش، چاپلاش ئارقىلىق ناھايىتى ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن نۇرغۇنلىغان ئادەم، زاۋۇت ۋە ئىشخانىلار ياساپ چىقىلغان. تەپسىلىي كۆرسەڭلار سىلەرمۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىنچىكىلىكىگە، چىدامچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىلەر. مەن كىچىكىمدە قەغەز كېسىپ ، چاپلاپ …..

ھازىرغىچە 1,721 قېتىم كۆرۈلدى
قورسىقى تويغاننى كۆرگەن، ئەمما بۇنداق جېنىدىن تويغاننى كۆرمىگەن!! ھىندىستاندىن «ئۆمۈچۈك پالۋان» چىقتى!

تەلۋىلەشكەن قالتىس كىشىلەر ھىندىستاندا ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس جۇمۇ؟ تېخى يېقىندا ھىندىستانلىق مۇلازىمنىڭ كەسپىي ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. مانا ئەمدى ھىندىستانلىق «ئۆمۈچۈك پالۋان» مۇ چىقىپتۇ!! جاندىن تويغان بۇ ئاداشنىڭ ماھارىتىگە قاراپ ھېلىغۇ ئۆمۈچۈك پالۋانكەن، كېپىنەك پالۋانمۇ شۇ ھامان تاشقا ئايلىنىپ كەتكۈدەك!!

ھازىرغىچە 1,519 قېتىم كۆرۈلدى
ئەرەپ دۆلەتلىرىدە داڭ چىقارغان لىۋانلىق يىگىتنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ناخشىسى – Fi Hagat

ناخشا-مۇزىكا بۇ دۇنيانىڭ تىلىنى ئورتاق باغلاپ تۇرىدىغان ئامىلنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەزكۇر MV مۇ YouTube غا ئېلان قىلىنىپ ئىككى ھەپتىدىكى چېكىلىشى نەچچە مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ناخشىنىڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ناخشىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئايىقىغىچە، تۆۋەن، ئوتتۇرا ئاۋازدىن يۇقىرى ئاۋازغىچە ۋە ھەرخىل سازلار، تەقلىدى ئاۋازلارغىچە ھەممىسى ناخشىچى …..

ھازىرغىچە 3,382 قېتىم كۆرۈلدى
10 دانە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك تونۇش تەگمۇزىكا! ئاڭلىغانسىرى قېنىڭىزنىڭ ئۇرغۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز!!!

بىز دائىم ھەرخىل تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرى ياكى توردىكى سىنلاردا، بىر قىسىم ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىدىغان تەگمۇزىكىلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئاڭلاۋېرىپ قۇلاققىمۇ يادا بولۇپ كېتىدۇ. بۈگۈن دەل شۇنىڭدەك 10 دانە تەگمۇزىكا توپلانمىسى ئېلىپ كەلدىم، بۇ مۇزىكىلارنى لازىم بولغاندا بەزىدە توردىنمۇ ئىزدەپ تاپالمايسىز، قېنى ئۇنداقتا نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟

ھازىرغىچە 2,667 قېتىم كۆرۈلدى
ئالما بىلەن ئېتىشىدىغان ئەرلەرنى بوش چاغلىماڭ! سېرىكچى ئەر 30 سكونت ئىچىدە 65 چىشلەم ئالما يەۋەتكەن!

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەتئەلدىكى برويېن ئىسىملىك بىر ئەر يېڭى بىر تۈردە دۇنيا جېننس رېكورتى ياراتقان، يەنى سېرك ماھارىتى ئارقىلىق 30 سكونت ئىچىدە توختىماي پىرقىرىۋاتقان ئالمىلاردىن 65 چىشلەم يېگەن! بىر سكونتتا ئىككى چىشلەم!!! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بۇ رېكورتىنى يېڭىلايدىغان ئادەم چىقمىغان، ئۇنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەن Video …..

ھازىرغىچە 1,415 قېتىم كۆرۈلدى
ئوخشىمىغان نۇقتىدىن دۇنياغا نەزەر سېلىڭ – قىزىقارلىق ھەم كىچىكلىتىلگەن سۇلياۋ ئادەملەر دۆلىتى!

كىچىك چېغىمىزدا، دائىم مۇشۇنىڭدەك ئۇششاق نەرسىلەرنى ئويناشنى ياخشى كۆرەتتۇق، قولىمىزغا نەقلا كەلگەچكىمۇ، بۇ خىلدىكى مىكرو ئويۇنچۇقلار نىڭ بالىلارغا بولغان قىززىقتۇرۇش كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى بولاتتى. تۆۋەندىكىلىرى بولسا، سەنئەتكار Christopher يېمەكلىكلەرنى تېما قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەپ چىققان بىر يۈرۈش كىچىك ئادەملەر دۆلىتى ناملىق ئەسىرى…

ھازىرغىچە 1,071 قېتىم كۆرۈلدى

无觅相关文章插件,快速提升流量