نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > سىن
كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ سىن ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
نەچچە يۈز ھەسسە ئاستىلىتىلغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۈنۈمى ھوللىيۋود فىلىملىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ!

كىشىلىك تۇرمۇشتا بەزى ئىشلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن يولدا كېتىۋاتقان چېغىڭىزدا يېنىڭىزدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبېل سەۋەبىدىن چاچرىغان يول بويىغا يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيى، سكونتىغا نەچچە يۈز مېتىر سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئوقنىڭ ئەينەكنى تېشىپ ئۆتۈشى دېگەندەك…تۆۋەندىكىسى چەتئەللىك تورداشلار ئالىي دەرىجىلىك كامېرادا سۈرەتكە ئالغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر …..

ھازىرغىچە 1,019 قېتىم كۆرۈلدى
Super Mario نىڭ بارلىق ئۆتكىلىنى 19 مىنۇتتا تۈگىتىش – قوشۇمچە ئويۇننى چۈشۈرۈش

Super Mario (بىز كىچىك چېغىمىزدا سەيموگو دەپ ئاتىۋالىدىغان ئويۇن شۇ) نىڭ دۇنيادىكى ئەك كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئارىمىزدا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ يېقىندا بىر تورداشنىڭ بۇ ئويۇننىڭ بارلىق ئۆتكەللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاماملىغان سىن خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم، تېز تاماملىغىنىغۇ بوپتۇ، بىراق بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئوينىۋەتكىنىنى كۆرۈپ …..

ھازىرغىچە 1,996 قېتىم كۆرۈلدى
قىزىل ئارمىيە ئىجادىيەتنى توختاتقىنى يوق – ۋاسكېتبول ماھىرى فىلىمىنىڭ ناخشىلىرى!

ئالدىنقى قېتىم تەڭداشسىز قىزىل ئارمىيىمىز مايكېل جېكسوننىڭ Beat It ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن توردا بىراقلا داڭ چىقىرىپ، ھەممىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتتى. بۇدا قىزىل ئارمىيىمىز بىز كىچىك چېغىمىزدا ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ياپونىيەنىڭ 101 قىسىملىق كارتون فىلىمى « ۋاسكېتبول ماھىرى »نىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ كۆپ خىل تىلدا ناخشا ئېيتالايدىغان ئۇنۋېرسال خاراكتېردىكى كەسپى قوشۇن ئىكەنلىكىنى يەنە …..

ھازىرغىچە 1,362 قېتىم كۆرۈلدى
گانا كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم – قارا ئۆڭكۈر

بۇنداق قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك فىلىم كۆرۈپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، ئۈچ مىنۇتقا يەتمەيدىغان بىر قىسقا فىلىمدە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى قارا ئۆڭكۈر ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېرىشكەن كۈچ-قۇدرەت ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشتەك چوڭقۇر بىر مەنا ئىپادىلەنگەن…

ھازىرغىچە 1,318 قېتىم كۆرۈلدى
ھەرخىل مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئاۋازلىرىنى بىرىكتۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان يېقىملىق مېلودىيەلەر!

مەيلى مىكروسوفتنىڭ Windows مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، ياكى Apple نىڭ Mac OS مەشغۇلات سېستىمىسى بولسۇن، مەشغۇلات سېستىمىسى ئۆزى تەمىنلىگەن ھەرخىل ئاۋاز ئۈنۈملىرى تولىمۇ ئۆزگىچە نەپس لايىھەلەنگەن ھەم كىشىنىڭ ئېسىدىن ھەرگىز كۆتۈرۈلمەيدۇ. يېقىندا توردىكى بىر قىسىم ئىشى يوق بىكار قالغان خەقلەر مەشغۇلات سېستىمىسى تەمىنلىگەن بۇ پارچە ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۆزگىچە بىر خىل …..

ھازىرغىچە 1,265 قېتىم كۆرۈلدى
Tviglo دىن يەنە بىر قانچە ئەسەر – Contra VS Tetris

ئالدىنقى قېتىم Super Mario بىلەن پۇرچاق يېگۈچىنىڭ جېڭىنى يوللىغاندىن كېيىن كۆرۈلۈشى خېلى يامان ئەمەس ئېشىپ قاپتۇ، تور ئارىلاۋېتىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىشلىگەن ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن سىن لىرىنى بايقاپ قالدىم، بۇنىڭ ئارىسدا سىپارتا بىلەن نورېس، نارۇتو بىلەن ئەزرائىل، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى بىلەن گېسىلا قاتارلىقلارنىڭ جېڭىمۇ بار، تۆۋەندەك ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچىنى …..

ھازىرغىچە 859 قېتىم كۆرۈلدى
چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللار سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان «ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» فىلىمى!

«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2» ئويۇن ى(使命召唤:现代战争2) بۇ يىلقى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. خۇددى ئالدىنقى « 400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى »گە ئوخشاش، بۇداقىسى چەتئەللىك تورداشلار 200 دوللارلىق تۆۋەن سەرپىيات بىلەن ئىشلەپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك قىسقا فىلىم « ھازىرقى زامان ئۇرۇشى2 » بولۇپ، فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا بەزى دۆلەتلەر ئىككى مىليون دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەپ …..

ھازىرغىچە 983 قېتىم كۆرۈلدى
تەلۋىلەشكەن ئىنسان تەسەۋۋۇرى – سەۋەپ قىلسىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!

بۇ يېقىندا تورداشلار رەتلەپ چىققان توپلانما سىن بولۇپ، بۇ توپلامدا بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر قىسىم ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار تەرىپىدىن ئورۇندالغان نەقمەيدان كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن، ئىشقىلىپ سەۋەپ قىلسىڭىز، ھەرقانداق ئىشنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى باردەكمۇ قىلىدۇ جۇمۇ!

ھازىرغىچە 916 قېتىم كۆرۈلدى
Evian ئېلانى – مۇز تېيىلالايدىغان ۋە كوچا ئۇسۇلى ئوينىيالايدىغان شادىمان بوۋاقلار!

بۇ فىرانسىيەنىڭ مەلۇم مېنىرال سۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانى سىن ىڭ ئېلان ى بولۇپ، YouTube غا چىقىرىلغان كۈنى بىردىنلا چېكىلىشى شىددەت بىلەن ئېشىپ نام چىقارغان، سىندا بىر قانچە نەپەر زاكا ئورىۋالغان بوۋاقلار بىر تەرەپتىن مۇز تېيىلىش ئايىغى بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرسە، بىر تەرەپتىن كوچا ئۇسۇلى ئويناپ، ئورۇنداش قىيىن بولغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى …..

ھازىرغىچە 1,082 قېتىم كۆرۈلدى
ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان سىن – دۇنيانى ياراتقۇچى

گەرچە بۇ سىن ئېلان قىلىنغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، بىراق توردىكى چېكىلىشى ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقان سىنلارنىڭ بىرى. سىن ئاپتورى Bruce Branit بولسا دۇنيادىكى داڭلىق ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بىرى، نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملىرى ئۇنىڭ قولىدىن چىقىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەزكۇر سىننى ئىشلەشكە 2 يىلغا يېقىن ۋاقىت كەتكەن ئىكەن، پۈتكۈل سىن …..

ھازىرغىچە 1,113 قېتىم كۆرۈلدى
ئەسلى ئامېرىكا تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن!

بۇ بولسا بىر قانچە ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدىكى پارچە كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ھازىرقى كىنو-فىلىم ئىشلەش تېخنىكى سىن ىڭ ھەقىقەتەن نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ ماڭسا، ئەتە ئۆگۈن بىر ئۆيدىن چىقمايلا پۈتۈن بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشمۇ تامامەن مۇمكىن بولغۇدەك!!!

ھازىرغىچە 1,443 قېتىم كۆرۈلدى
400 دوللار سەرپ قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈنۈمى قالتىس كىرىشتۈرۈلگەن 街霸 قىسقا فىلىمى

ھېكايە ۋەقەلىكىدە Ryu دۇنياۋى ئايلانما مۇسابىقىگە ماڭغان چاغدا، Ken ئۇنىڭغا ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىر قەپەس ئېلىشىپ مېڭىشنى ئېيتىدۇ، پۈتكۈل ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئۈنۈمى ھەقىقىي ئويۇنغا يۈكسەك دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىۋېتىلگەن….

ھازىرغىچە 973 قېتىم كۆرۈلدى

无觅相关文章插件,快速提升流量