كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ئۈنۈم ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان « ئەسلىدە ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنداق سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن » ناملىق يازما ئېسىڭىزدىمۇ؟ بۇلارنىڭ كىنو – فىلىم ۋە تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىغا ئىشلەتكەن تېخنىكىسىغا قاراپ، بۇلار كىنو ئىشلەشكە ھېچقانچە چىقىم كەتمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۈگۈن كۆرىدىغىنىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، HBO تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېڭىز ساھىلى ئىمپېرىيەسى ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىغا ئىشلەتكەن بىر قىسىم ئالاھىدە ئۈنۈم …..
Action Movie FX بولسا بىر خىل قىزىقارلىق ھەمدە ئىنتايىن جەلپ قىلارلىق iOS سۇپىسىدىكى ئەپ ( App ) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز بۇ ئەپتىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ئاسانلا ھوللىيۋودچە ئۈنۈم دىكى فىلىملەر نى ئىشلىيەلەيسىز!!!
تەخمىنەن بىر يىللار ئىلگىرى، گۇگېل ئىزدەش مۇتەخخەسسىسى Dan Russell بىر دوستىنىڭ ئۆزىگە لازىملىق مەلۇم بىر بۆلەكنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، توپتوغرا بەش مىنۇت سەرپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز بىر ئوي پەيدا بولىدۇ، زادى قانچىلىك ئادەم ئۇنىڭ ئاشۇ دوستىدەك، Ctrl + F نى بېسىپ ئۆزىگە لازىملىق ئۇچۇرنى ئىزدەشنى بىلمەيدىغاندۇ؟
«پەندورا سېھىر قۇتىسى(Pandoras Box)» نىڭ ئىجادچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گېرمانىيە coolux شىركىتى سىن ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىلغار تېخنىكىلار غا ئىگە. تۆۋەندىكىسىمۇ شۇ شىركەتنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىرى
گەرچە بۇ بىر يانفون ئېلان ى بولسىمۇ، بىراق كۆرۈنمە ئۈنۈم ئاجايىپ قالتىس چىقىپتۇ. مەزكۇر سىن بولسا Samsung Galaxy S2 يانفونىنىڭ ئېلانى بولۇپ، باشتىكى بارماق ئۇسۇلىدا كۆپ يارقىن نۇقتا يوق، بىراق ماس ھالدىكى مۇزىكا ۋە ئالاھىدە ئۈنۈم قوشۇلغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئېلان بۆلەكچە بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن…
3D كۆزەينەك تاقىماي 3D كىنو كۆرۈپ باققان، ئەمما 3D مودا كىيىم كېچىلىكى كۆرۈپ باققانمۇ؟ چەتئەلدىكى بىر مودا كىيىم كېچىلىكىدە بىر خىل 3D كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۈنۈم ى ھەقىقەتەن كىشىنى جەلپ قىلىدىكەن. تېخنىكىسىنىغۇ بەك يېڭى ۋە ئىلغار دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئۈنۈم جەھەتتىن قارىغاندا ھەقىقەتەن نەق جايىغا چۈشۈپتۇ. ناۋادا كەلگۈسىدە بۇ خىل …..
ئىلگىرى تورخۇماردا كۆرۈپ ئۆتكەن، ھەر خىل ئىمارەتلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاساستا ئىشلەنگەن 3D پرويېكسىيە ئۈنۈملىرى يادىڭىزدا بارمۇ؟ بۇ خىلدىكى 3D تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتىكى كۆز بىلەنلا نادىر 3D ئۈنۈملەردىن ھوزۇرلىنىش ، ھازىر ئاللىقاچان يېڭىلىق ھېسابلانماس بولۇپ كەتتى. تۆۋەندىكى سىنمۇ شۇنىڭ دەلىلى!
ئالدىنقى كۈنى تورداشلار بىلەن بىرگە 雪碧 نىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۈگۈن كۆپچىلىككە Infinity ناملىق يەنە بىر نادىر ئېلان ئېلىپ كەلدىم. پۈتكۈل ئېلان مەيلى ئىشلىنىش سەۋىيەسى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تەسەۋۋۇر جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن نادىر ئىشلەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئېلاننىڭ ئۈنىمى ھەرگىزمۇ ھوللىيۋودنىڭ فانتازىيەلىك فىلىملىرىدىن قېلىشمايدۇ!!!
ئىشىنىمەنكى، بىزدە مۇشۇنداق يۇقىرى سۈپەتلىك بىر كامېرا بولسا، بۇنداق كۆرۈنۈشلەردىن ئادەتتە ھەر ۋاقىت ھوزۇرلىنىش تامامەن مۇمكىن. ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم ئاستىلىتىلغان كۆرۈنۈشلەردىن ھوزۇرلىنىپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم بولسا، مۇزىكا بىرلەشتۈرۈلگەن، ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرۈش نېسىپ بولمايدىغان يەنە بىر يۈرۈش ئاستىلىتىلغان كۆرۈنۈشلەر …
بۇ يىلنىڭ بېشىدا قويۇلغان Avatar فىلىمى پۈتكۈل دۇنيادا ئاز بولمىغان ئالقىشلارغا ئېرىشتى جۇمۇ، بولۇپمۇ 3D نۇسخىدىكى Avatar نى كۆرۈش بىر مودىغا ئايلاندى. 3D تېخنىكىسى توغرىلىق بەلكىم كېيىن توختىلىشىمىز مۇمكىن، بىراق 3D كىنو كۆرۈپ باققانلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇقۇم ئانچە ناتونۇش ئەمەس. ئەلۋەتتە يېقىندا LG ئۆزىنىڭ يېڭى بىر خىل پرويېكسىيە ئاپېراتىنى بازارغا …..
ۋاقىتنىڭ ھازىرقىدىن 400 ھەسسە ئاستا بولغاندىكى ئەھۋالنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، بىزنىڭ ئادەتتە تېز سۈرئەتتە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن بايقايدىغىمىز پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا يوق بولىدۇ، تۆۋەندىكى تەجرىبە بىر قىسىم ئىشلارنىڭ جەريانىنىڭ سىزگە نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالىشى مۇمكىن، شارنى تېشىۋېتىش، …..
بەلكىم بىر قىسىم تورداشلار ئىلگىرى مەلۇم تور بېكەتتە بۇ خىل ناھايىتى كۆركەم بولغان ئۈنۈم نى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۈنۈمنى Photoshop تا ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلەش ئانچە تەس ئەمەس. بىراق كۆپ قىسىم ھورۇن ساۋاقداشلارغا نىسبەتەن، ناۋادا تەييار ئۈنۈم بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟
ئىنكاسقىمۇ رەسىم قىستۇرغىلى بولىدىكەن ھە