• 2008-10-19

    نەچچە خىل تايىقى كام ئەرلەر! - [Artsسەنئەت]

     

    1.پۇلى يوق تۇرۇپ باي قىياپەتكە كىرىۋالىدىغانلار
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:3-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:ياسالمىلىق قىلىدۇ.
    تىپىك مىسالى:تاكسى پۇلى 23يۇەن چىقتى،ئۇ يىنىدىن شارتتىدە 20 يۇەننى چىقىرىپ شۇپۇرغا بەردى-دە:
    بولدى،پۇل قايتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ!-دىدى.شۇنىڭ بىلەن تايىقىنى يىدى.

    2.ئۆز خىلىدىكىلەرنى پەس كۆرۈپ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان مەنمەنچىلەر
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:4-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:مەنمەنچى،كۆرەلمەس
    تىپىك مىسالى:بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ئەرلەر،بۇنداق ئەرلەر مەنمەنچىلىك پۇرسىتىنى تاپقاندا ھەرگىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ.شۇڭا تايىقىنى يەيدۇ.

    3.يالغاندىن كۈيۈنگەن قىياپەتكە كىرىۋالغان ئەرلەر
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:4-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:نىيىتى بۇزۇق،يالغانچى
    تىپىك مىسالى:قەلەندەرگە ئىككى كوي بېرىپ،بىر كويىنى ياندۇرىۋالىدىغان ئەرلەر.شۇڭا تايىقىنى يەيدۇ.

    4.ئوتتۇز ياشقا كىرىپمۇ ئۆزىنى بالا چاغلايدىغان ئەرلەر
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:5-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:كىچىك بالىنى دورايدۇ،كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ.
    تىپىك مىسالى:ئوتتۇز ياشقا كىرگەن بىر ئەر كىشى بىرسىنىڭ ئالدىدا مەن شاكىچىك دىسە ئەلۋەتتە تايىقىنى يەيدۇ.

    5.خوتۇنىنىڭ پۇلى بىلەن ئاشنىسىنى باقىدىغان ئەرلەر
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:5-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:ھارامتاماق،خەقنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان يارىماس
    تىپىك مىسالى:خوتۇنى جاپا تارتىپ تاپقان پۇلنى بىكار يىتىپ يەيدىغان ئەرلەرنى ئەر دىگۈلىمۇ بولامدۇ،تايىقىنى يەيدۇ ئەلۋەتتە!

    6.قىزىل،ھالرەڭ پايپاقلارنى كىيىدىغان ئەرلەر
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:3-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:غىلجىڭ،ھىجى....................
    تىپىك مىسالى:بۇنداق ئەرلەر ھەر قانداق ۋاقتىدا تايىقىنى يىيىشى كېرەك،ئىشتان-چاپىنىنىغۇ تۈزۈك كەيمىسە ئانچە بەك ئەيپ ئەمەس،خەقمۇ توغرا چۈشىنىدۇ،ئەمما خوتۇن كىشىدەك بىر نىمىلەرنى كەيگەنلەردە تايىقىنى تويغۇدەك يىيىشى كېرەك.

    7.ئۇماق قىياپەتكە كىرىۋالغان ئەرلەر
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:4-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:غىلجىڭ،كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ.
    تىپىك مىسالى:خەقنىڭ ئالدىدا توساتتىنلا سىيگۈم كىلىپ كەتتى دەيدىغان ئەرلەر،بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئالدىدا!يەنە خەقنىڭ ئالدىدا سەۋەپسىزلا ۋايجان دەپ ئەركىلەيدىغان ئەرلەر چوقۇم تايىقىنى يىيىشى كېرەك.

    8.ئازراق تىل ئۈگىنىۋىلىپلا ئانا تىلىنى ئەبجەش قىلىپ سۆزلەيدىغان ئەرلەر
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:3-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:بىلەرمەن،ئەبجەش
    تىپىك مىسالى:سىز خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ئامال يوق بۇ خۇيۇمنى ئۆزگەرتەلمىگۈدەكمەن دەپ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ داۋاملىق ئەبجەش سۆزلەيدىغان ئەرلەر تايىقىنى يىيىشى كېرەك!

    9.مۇشۇ تېمىنى كۆرۈپ ئىنكاس قايتۇرمىغان ئەرلەر(چاقچاق)
    تاياق يىيىش ئۆلچىمى:5-دەرىجە
    تاياق يىيىش سەۋەبى:ھورۇن،مۇستەقىل پىكىرى يوق
    تىپىك مىسالى:...............................................................سەلكىندىن ئېلىندى