• 2008-10-19

    خوتۇن دېگەننى كۇنلىگۈلۈك - [Artsسەنئەت]

    بىزدە كۇنلەمچىلىكنى ھار ئالدىغان ، كۇنلەشنى ئىشەنمەسلىك دەپ چۇشنىۋالدىغان ئادەت بار . كۇنلەش ماھىيەتتە ئۆزى ياخشى كۇرگەن ياكى ئىگىدارچىلىق قىلۋاتقان مەلۇم بىرنى يەنە بىر يات كۆزدىن قىزغىنىش بۇلۇپ ، ئۇ ئىشەنمەسلىكنى ئەمەس ، پاكلىقنى قۇغداش ، ھايا ۋە شەرمىنىڭ ئىززىتىنى كاپالەتلەندۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ . كۇنلەمچىلىكنىڭ تېگى ئىشەنمەسلىككە ئەمەس، بەلكى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۇرۇش ، سۆيۇش ، يالغۇز ئىگەللەش تۇيغۇسىغا تۇتىشىدۇ . ئەگەر نىكاھ يالغۇز ئىگىلەش، ئەر - خۇتۇننىڭ بىر - بىردىن يالغۇز بەھىرلىنىشنى ئاساس قىلمىسا ، نىكاھتا ھېسسىيات ، مۇھەببەتنىڭ چېچىلىشى ۋە سۇسلىششى كەلتۈرۈپ ، بىر - بىردىن يالتىيىپ قالىدىغان ھاللار سادىر بۇلىدۇ . بىر چاغلاردا ‹‹ كۇنلەمچىلىك كۇن ئەمەس ››
    دەيدىغان ناخشىلارمۇ پەيدا بۇلغان . بىز بۇنىڭغا مىيقىمىزدا كۇلۇپ قۇيغۇچىلارمىز . گەرچە ئۇ خۇتۇنغا ئىشەنمەسلىك ۋە ھەتتا ھەدىدىن زىيادە تىزگىنلەش ، گۇمانخۇرلىققا ، نىسپەتەن ئېيتىلغان ناخشا بۇلسىمۇ ، ئەمما ئونىڭ ئومۇمىي ئۇدارىغا نىسبىتەن سەل - پەل تەنقىدىي مۇئامىلىدە بۇلۇشنىڭ زىيىنى يۇق .
    بۇرادەر ، ئايالىڭىزمەيلى خىزمەتدىشى بۇلسۇن ياكى بۇرۇنقى ساۋاقدىشلىرى بۇلسۇن ۋە ياكى سۇدا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇلسۇن يات بىر ئەر بىلەن بىرگە يۇرسە سىزدە ئازىراقمۇ قىزغىنىش ، كۇنلەش كەيپىياتى پەيدا بۇلمىسا بۇنى نېمە دېگۇلۇك ؟ ئەجەبا ، مۇنەۋۋەر ، لاياقەتلىك ، ياخشى بىرئەر-خۇتۇننىڭ يەنە بىر ئەر بىلەن ئەركىن باردى - كەلدىسىگە ئارلاشماسلىقى، تۇغرا چۇشنىشى كېرەكمۇ؟ بەزىلەر بۇخىل مۇناسىۋەتنىڭ يۇز بېرىش مۇقەررەرلىككە زامان ، دەۋىرنىڭ ئۆزگىرشى ، تۇرلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى باھانە - سەۋەپ قىلىدۇ . ئەمما ئۇنتۇماسلىق كېرەككى ، ئۆز ئېرىگە ۋە ھاياسىغا بۇلغان ساداقىتى ئۇرغۇپ تۇردىغان بىر ئايال ھەرگىزمۇ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بىرگە يۇرمەيدۇ ، ئۇچۇراشمايدۇ. ھەدىسلەردە بىر يات ئايال بىلەن يات ئەر بىرگە تۇرغاندا ئۇلارنىڭ قېشىدا شەيتانمۇ بىرگە ھازىر بۇلدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ . سادىق ئايال دوستلىردىن بىرەرىنى ياكى ئۆزگىرىشىنى ھەمراھ قىلىپ تۇرۇپ يەنە بىر يات جىنىس بىلەن بۇلغان ئىجتىمائىي ئالاقىنى نورمال ئېلىپ بېرىشنى ئېرىگە بۇلغان ھۆرمەت ، ئۆزىگە بۇلغان ئىززەت ، ئائىلسىگە بۇلغان نۇمۇس دەپ بىلىدۇ .

    بۇرادەر ، ئايالىڭىز يەنە بىر يات جىنىس بىلەن قۇل تۇتۇشۇپ ، بەل تارتىشىپ قۇچاقلىشىپ تانسا ئوينىسا سىزدە ئازىراقمۇ قىزغىنىش ، كۇنلەش ھېسياتى ، ئارامسىزلىنىش ، قىزىرىش ، ئۇيۇلىش كەيپىياتى ئويغانمامدۇ ؟ ئايال ئەر كىشى ئۆزىلا بەھىرلىندىغان ، مەنپەتلىندىغان مۇتلەق نېئمەت .  ئاياللار ئەرلەرگە جانابىي ھەقنىڭ ئامانىتىدۇر  ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە جايدا يەتكۇزۇش ئۇچۇن چىڭ ساقلىماق زۆروردۇر . ئامانەتنى خالىغان بىرگە كۆرسىتىپ ، تۇتقۇزۇپ ، سىيلاتقۇزۇپ ، ھۇزۇرلاندۇرىۋەرسىڭىز ئامانەتكە خىيانەت ، جىنايەت ئۇستىگە جىنايەت ئۆتكۇزگەن بۇلسىز . جەزمەنكى ، يات جىنىسلارنىڭ تېنى بىلەن تولا ئۇچۇراشقان ئايال ئەڭ ئوڭاي بۇزلىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز ، ساپمۇساق ، تۇلۇپ پىشقان ئالمىنى ھەركۇنى تۇتۇپ ، سىيلاپ قۇيۇڭ . تۇتىۋەرسە ھەپتىگە قالماي ساق ئالمىمۇ سېسىيدۇ .
    بۇرادەر ، ئايالىڭىزقىسقا ، تار كىيىملەرنى قاپساپ كىيىپ ئۆز زىننەتلىرىنى كۆز- كۆز قىلىپ ماڭسا ، يوتا - كىندىكلىرى ئوچۇق تۇرسا ، يات ئەرلەر تۇكۇرىكىنى غورتىلدىتىپ يۇتۇپ ، ئارقىسىدىن ئوغىرلىقچە شەھۋەت نەزەرلىرى بىلەن قاراپ يۇرسە سىزدە كۇنلەش ، قىزغىنىش ، غەزەپ ھېسياتى ئويغانمامدۇ ؟

    ئايالىڭىزنىڭ ھەركەتلىرىنىڭ يات جىنىسلىقلارنىڭ شەھۋىتىنى قۇزغۇتىشى سىزنى نومۇسلاندۇرمامدۇ ؟
    ياكى ھەممە ئېغىزنى تامشىتىپ ، تىل چاكىلدىتىپ ئايالىڭىزنىڭ گۇزەللىكىنى ، چىرايلىقلىقىنى ماختاپ قۇيسا ، خۇشلىقتىن كېرىلىپ كېتىدىغان مەنتەڭ مىجەز ئەرلەردىنمۇ سىز ؟......
    ياراتقۇچىدىن ھايا ، نومۇس تىلەيمەنكى ، جېنىم ئەرلەر ، خوتۇنىڭلارنى ئاز- تولا كۇنلەپ قۇيۇڭلار . ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقىي سۆيسەڭلار ۋە ئىززەتلىسەڭلار ، ئۇلارنى يامان كۆز ، ئىپلاس غەرەز، بۇزۇق نىيەتلەردىن ساقلاڭلار . بۇ ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك ئەمەس . بەلكى ئىشىنىشنى چىڭىتىش ، نىكاھقا گۇمان ئەمەس ، نىكاھقا مەسئۇلىيەت ۋە تەلەپتۇر . بۇگۇن ئايالىڭىزنىڭ بىھايالىقىنى ئازىراقمۇ كۇنلىمىسىڭىز ، بەلكىم ئەتە ئۇنى كۆرۇشكىمۇ تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن . تاپتىن چىققان ئاياللارنىڭ كەينىدە خوتۇنلىرىنى كۇنلەشنى بىلمەيدىغان ، خوتۇننىڭ ھەرقانداق ھەركىتىگە لاتىلارچە ھۆرمەت ، خۇمسىلارچە ئىلمىيلىك بىلەن يول قۇيۇۋېردىغان ، قىسقىسى خوتۇننى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن سۆيۇش ، قەدىرلەش ، خوتۇننىڭ ئىززەت - نەپسىنى ساقلاش ، قۇغداشنى بىلمەيدىغان يارامسىز ئەرلەر باردۇر .
    - باشقىلار كۇنلىمەڭ ، ئۇمۇ بىر تىرىك جانغۇ ، دەيدۇ . مەن لايىقىدا كۇنلەڭ ، چۇنكى ئۇ تىرىك جان دەيمەن . 



    "كۆزۇڭنى ئاچ ، ئۆزۇڭنى تاپ ئەركەكلەر " دىن ئىلىندى

    مەنبە :تاۋلان مۇنبىرى