• 2008-10-19

    «ئۆزلۈك ۋە كىملىك » تىن تەرمىلەر - [Artsسەنئەت]

    دوكتۇر ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك » دىگەن كىتابىدىن تەرمىلەر

    مۇقەددىمە

    ئۆزلۈكنىڭ چاقىرىشى

    بىز كىم، بىزنىڭ مەدەنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىمىز ۋە سالاھىيىتىمىز نېمە، بىز بۈگۈنكى يەر شارى كەنتىدە باشقا نۇرغۇن خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلۈكىمىزنى ۋە كىملىكىمىزنى قانداق ئىپادە قىلىمىز؟

    شىمالىي ياۋروپادا ياشىغان بىر يىل جەريانىدا مەن بۇ سوئاللارنى ئۆز _ ئۆزۈمدىن تالاي قېتىملار سورىدىم. كۆك رەڭلىك ياۋروپانىڭ سوغۇق ۋە ھۆل رېئاللىقى ئىچىدىن يىراقتىكى ئانا يۇرتۇمنىڭ قۇرغاق كەيپىياتىغا نەزەر تاشلىدىم. ياۋروپا قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى يالتىراقلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىدە ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا باغلانغان بىر قەدىمىي خەلقنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ كۆزەتتىم. ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ كىملىكىمنى ۋەتىنىمدە ۋە خەلقىمنىڭ كۆزىدە تۇرۇپ ياشىغان شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ئەمەس، بەلكى ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇساپىرەتتە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ بىر يىل جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم...

    يىراققا سەپەر قىلدىم ھەم قايتىپ كەلدىم.

    قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياۋروپادىكى خاتىرىلىرىم ئاساسىدا بىرەر كىتاب يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇزاققىچە يازالمىدىم. تەسىراتلىرىممۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلاپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. دوستلىرىم كۆپ قېتىم مېنىڭ ياۋروپادىكى تەسىراتلىرىم ھەققىدە كىتاب يېزىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سەمىمگە سېلىپ تۇرۇشتى. بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىممۇ ماڭا يازغان خەتلىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىمىپ كەتكەنلىكىمنى تىلغا ئېلىپ، «نېمە ئۈچۈن كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىڭىزنى يازمايسىز؟» دەپ سوراشتى.

    كۆپ ئويلاندىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ساياھەت خاتىرىلىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ قەلەم تەۋرىتىش ئويۇمدىن يالتىيىپمۇ قالدىم. راستىنى ئېيتسام، چەت ئەللەردىكى كۆرگەن _ بىلگەنلىرىمنى پەش قىلىپ، ياۋروپانىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالتىراقلىرى بىلەن باشقىلارنى مەھلىيا قىلىدىغان تاشقى پوستىنى كۆپتۈرۈپ يېزىپ، ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ «ياۋروپا چۈشى» نى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشنى خالىمىدىم.

    بىر يىلغا يېقىن ۋاقتىم دېلىغۇللۇق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى. ئاخىرىدا ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ، ياۋروپادا كۆرگەن _ بىلگەنلىرىمدە ئوقۇرمەنلىرىمنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ بېخىللىق بولىدىغانلىقىنى، تەسىراتلىرىمنى ئەينى قىياپىتى بويىچە خەلقىمگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.

     

     

     

    كىتابتىن تەرمىلەر

     

    مەن شۋېت ئارخىپلىرىغا كۆمۈلگەن يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئۇنتۇلغان بەتلەرنى ۋاراقلىغانسېرى، بىزنىڭ 20 _ ئەسىردىن بۇيانقى روھىيەت تارىخىمىزنىڭ شۇنچىلىك مۇرەككەپ ۋە سىرلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا نۇرغۇن دىنلارغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ھەمدە مۇشۇ دىنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەتلەر بىلەن دىئالوگلاشقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. مىلادىيە 8 _ ، 9 _  ئەسىرلەردە خرىستىئان دىنىنىڭ نېستورىيان مەزھىپىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىغا تارقالغانلىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نېستورىيان دىنىغا دائىر مۇقەددەس ناخشىلار ۋە «ئىنجىل» نىڭ پارچىلىرىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغانلىقى بۇ نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ۋەھالەنكى، ئۇيغۇر خەلقى مىلادىيە 10 _ ئەسىردىن بۇيان ئۇزاق مەزگىللىك ئىسلاملىشىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دىنىي ئېتىقادى قىلىپ تاللىغاندىن كېيىنمۇ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە شىمالىي ياۋروپادىن كەلگەن خرىستىئان دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى زەرەتلىشىگە ئۇچرىشى بىزنى ئويغا سالماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

    "بىلىك توربىتى"دىن ئىلىندى.