«تارىم»دىن شىشۇاڭبەنناغىچە(1)(2)

يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: تارىم 2012-يىل 2-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 5 پارچە
ئەتىسى ھەممەيلەن خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىدا شاد - خۇرام جەم بولۇپ، شىركەت ئاپتوبۇسىدا ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا قار
ئەتىسى ھەممەيلەن خەلق باغچىسىنىڭ ئالدىدا شاد - خۇرام جەم بولۇپ، شىركەت ئاپتوبۇسىدا ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا قاراپ يول ئالدۇق. رەسمىيەت بېجىرىش ئارىلىقىدا، بۇ قېتىمقى قۇتلۇق سەپەر ھەققىدە ئۆزئارا قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقىنىمىزدا، ئۈنمىگەن چىغنىڭ تۈۋىدىن تۇغۇلمىغان توشقان چىققاندەك، كىچىككىدە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى ئايان بولدى. ئارىمىزدىكى ئۈچەيلەننىڭ ئايروپىلان بېلىتىدىكى ئىسمى بىلەن كىملىكتىكى ئىسىمىنىڭ خەنزۇچىدىكى بىردىن خېتى ئوخشىماي قالغانىدى. خەنزۇچە خەتنىڭ قائىدىسى بويىچە بولغاندا، بېلەتتىكى ئادەم باشقا، كىملىكتىكى ئادەم باشقا بولۇپ قالاتتى. ئەگەر بۇ كاشىلا ئوڭشالمىسا، ئۈچ ئادەمنىڭ بېلىتى ئەتكەس بولاتتى - دە، بۇ ئۈچەيلەنمۇ بىز بىلەن سەپەرگە بىللە ماڭالمايتتى. ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى مەززىلىك پولۇغا چىۋىن ئارىلىشىپ قالغاندەك ئارامسىزلىنىپ، دەككە - دۈككىگە چۈشتى. ئەسلىي تۈنۈگۈن «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە يىغىلغاندا، مۇشۇنداق ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بېلەت ھەر بىرىمىزگە تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، بېلەتتىكى ئىسمىمىز ۋە كىملىك نومۇرىمىزنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش قاتتىق نەۋسىيە قىلىنغانىدى. دەل مۇشۇ نۇقتىدا بىر نەچچەيلەن ئەستايىدىل بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك بۈگۈنكى بۇ كاشىلا كۆرۈلۈۋاتاتتى. بىزدىنمۇ بەك ياسىن زىلال باشلىق »تارىم« ژۇرنىلى نەشرىياتىدىكى يەتتەيلەن قاتتىق بىئارام بولۇپ، بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن تېلېفونلىرىنى بەس - بەستە ئىشقا سېلىشتى. دېمىسىمۇ بۇ ئۈچەيلەن ئالدى 1000كىلومېتىردىن، كەينى 600كىلومېتىرغىچە بولغان يىراق يوللارنى بېسىپ، يەنە كېلىپ يۈننەنگە بارىمىز دەپ ئىدارىسىدىن مىڭ تەسلىكتە رۇخسەت ئېلىپ، يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ئايرودۇرۇمغىچە كېلىپ يەنە قايتىپ كەتسە، مىڭ يەردىن بەل باغلاپ كەلگەن پىدائىي جەڭگە چۈشمەي تۇرۇپلا تۇنجى قەدەمدە پۇتى مىتكوت كېتىپ، نەتىجىسىز قايتقاندەكلا بىر ئىش بولاتتى - دە، شۇ ئادەم ئۈچۈنمۇ، ژۇرنالدىكىلەر ئۈچۈنمۇ بىر كۆڭۈلسىزلىك بولاتتى. ژۇرنالدىكىلەرمۇ خېلىلا سەۋرچان ئىكەن، دەردىنى ئىچىدە بىلىشتى. »تاپىدىن ئۆلۈم ياخشى« دېگەندەك، بۇ چاغ بولغاندا ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى. خەيرىيەت، ژۇرنالدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن تەكرار - تەكرار سۆزلىشىشلىرى، ئۆزئارا باش قوشۇپ ئويلىشىشلىرى ئارقىلىق ئىش ئاخىر ئوڭشالدى. ھېسابتا بۇمۇ بىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق ساۋاق بولدى. گەرچە ئىككى سائەتلىك تىرىشچانلىقتىن كېيىن ئۈچەيلەننىڭ چىرايىغا قايتىدىن كۈلكە يۈگۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى سائەت ئىلگىرىكى خۇشخۇي چىرايى پاللىدە كۆيۈپلا ئۆچۈپ قالغان بىر تۇتام قۇرۇق ئوتنىڭ يالقۇنىدەك بىردىنلا غايىب بولغان بولۇپ، ئىچىدىكى ئوڭايسىزلىنىشلىرى خىجىلچان كۆزلىرىدىن تېشىپ تۇراتتى.
 
*                  *
سىنچىلاپ كۆرمەك ئۈچۈن بىرجۈپ يارالغان كۆز دېگەن،
گاھىدا چاقناپ گىرىپتىشىندەك كۆرۈنگەي بۆز دېگەن.
ھەر قەدەمدە نە مالامەت بار ساڭا، ئاڭقارغۇلۇق،
غىرت ئۇيان كەتسە، ئالار ھەتتاكى جاننى سۆز دېگەن.
 
 
كۇنمىڭدىكى مۇسىبەت خەۋىرى
 
ئۈرۈمچىدىن ئۇچقان ئايروپىلان شىئەنگە سائەت2:55تە قوندى (ھەممىمىز مۇشۇ چاغدىن باشلاپ تا ئۈرۈمچىگە قايتقۇچە بولغان ئارىلىقتا سائەتلىرىمىزنى بېيجىڭ ۋاقتىغا توغرىلىۋالدۇق).قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئايرودۇرۇمنىڭ قېشىغىلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياتاققا چۈشتۇق. ئەتىكى سەپىرىمىز سائەت 7:55 تە باشلىناتتى. مېڭىشتىن بىر يېرىم سائەت بۇرۇن ياتاق - ياتاقلارغا ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئىككىدىن تۇخۇم، ئىككى خالتىدىن سۈت (ئىچكىرىدە مۇسۇلمانچە سۈت يوق دەپ شىركەت خادىمى ئايشەمگۈل مەخسۇس ئۈرۈمچىدىن ئېلىۋالغان ئىكەن)، بىردىن تەرخەمەك تارقىتىپ بېرىلدى. ھەممىمىز دېگۈدەك نەچچە قېتىمدىن ئىچكىرىگە بېرىپ باققان بولغاچقا، قورۇغان گۆش، سەپەر توقىچى، تەييار چۆپ، ئۈزۈم - قاق، بادام - ياڭاق قاتارلىق ئوزۇقنى يېتەرلىك ئېلىۋالغان ئىدۇق. مۇسۇلمانچە تاماق تېپىلمايدىغان ياكى تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان چاغلاردا توقاچلىرىمىزنىڭ، تەييار چۆپلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە گۆشلىرىمىزدىن ئىككى - ئۈچ قوشۇق سېلىپ، قايناق سۇ قۇيۇپ بىردەم دۈملەپ قويساق، ئالامەت كاتتا بىر تاماق ھازىر بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىدەكلا ھۇزۇرلىنىپ غىزالىناتتۇق.
سائەت 10دا كۇنمىڭغا يېتىپ كەلدۇق. ئالاھازەل يېرىم سائەتلەر ئەتراپىدا ئايروددۇرمدىن چىقىپ، سومكىلىرىمىزنى ئېلىپ، ۋىۋىسكىسىنىڭ ئۈستىگە ئەرەبچە خەت قىستۇرۇلغان مۇسۇلمانچە بىر تاماقخانىنىڭ يان تەرىپىدىكى ھويلىغا كىرىپ توختىدۇق. ھەزرەتئەلى ئەخەت بىلەن ئىككىمىز باشقىلارنى ئاپتوبۇستا قالدۇرۇپ، ئاشخانىنىڭ ئىشەنچلىك نىسبىتىنى بېكىتىش مەقسىتىدە ئالدىن بىلىپ كېلىشكە ماڭدۇق. ئاشخانىغا كۆڭلىمىزنى توختاتتۇق. بىزنىڭ ئىشارىتىمىزدىن كېيىن باشقىلارمۇ يېتىپ كېلىشتى، لېكىن بايا بىز ئۇلاردىن ئايرىلغاندىكى كەيپىيات يوق ئىدى. بىردەمدىن كېيىن ئايان بولدىكى، ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشتىن كەلگەن سەپەردىشىمىز، شائىر دولقۇن روزىنىڭ قېيىنئاكىسى، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئەتىگەن ئۈرۈمچىدە تۈگەپ كەتكەن ئىدى.
ھەممەيلەن تاماق ئۈستىلىگە جەم بولدۇق، دولقۇننىڭ چىرايىدا قايغۇ ئەلەڭلەيتتى. گېلىدىن بىر نېمە ئۆتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. تېلېفونى ھېلىدىن - ھېلىغا سايراپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قۇربان سابىرى كىچىكىدىن باشلاپ ئاكا ئورنىدا ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ كەپتىكەن. شۇڭا دەرھال قايتماقچى بولدى. دەسلەپتە ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ، ئامال قىلىپ ئۇنى تۇتۇپ قېلىشنى ئويلاپ بىر نەچچىمىز كەينى -كەينىدىن سۆزلىگەن بولدۇق: "كەتكەنلەرنىڭ كەينىدىن تەڭ كەتكىلى بولمايدۇ. پېشانىمىزگە پۈتۈلمىش بۇ تەقدىرگە بەندىنىڭ ئىلاجى يوق، دۇئانى نەدە تۇرۇپ قىلسا بولىۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بېرىپ بولغىچە بەلكىم يەرلىكىدە قويۇپ بولۇشى مۇمكىن..." لېكىن ئۇ كۆنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دولقۇن روزى دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بىزمۇ ئامالسىز ئاشخانا ئالدىدىلا ئۇزىتىپ قالدۇق. »قالغان سەپىرىمىزدىمۇ بىللە بولغان بولساق قانداق ياخشى بولار ئىدى - ھە؟« دېيىشتۇق ھەسرەتلىك تىنىشىپ. تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ھەر بىرىمىزگە بىر كۇپلېتتىن چاقچاق يېزىش ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ غۇلجىلىققا خاس خۇش چاقچاق مىجەزى، شېئىرىي دىتقا تويۇنغان قەلىمى ئارقىلىق چاقچاقنى چوقۇم ياخشى يېزىۋېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. ئۇ بولغىنىدا ئىدى، سەپىرىمىزدە كۈلكە ئۈزۈلمەيتتى، سورۇنلىرىمىزمۇ تازا قىزىيتتى دەپ ئويلايتتۇق ھەممەيلەن. كونىلار »ئۆلۈمدىن قاتتىق كۈن يوق« دېيىشىدۇ. بۇ سۆزنىڭ تېگىگە مۇسىبەتكە يولۇقۇپ باقمىغانلار يېتەلمەيدۇ. ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق كېلىدىكەنمىز، ئادەمنىڭ قەدرىنى ئۇ ئۆلگەندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەنمىز...



ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، سەپەر


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار