![]() مۇھەممەد رەھىم،ماھىنۇر يۇنۇس
(سۆھبەت خاتىرىسى)
ماھىنۇر يۇنۇس: مۇھەممەد رەھىم ئاكا، سىلى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشتىلا، شېئىرىيىتىمىزدە رۇبائىي توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر ئېنق بولمايۋاتىدۇ. مۇشۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا.
مۇھەممەد رەھىم: بولىدۇ، بىلگىنىمنى ئايىماي سۆزلەپ بېرىمەن، بىلمىگىنىمگە ئامال يوق.
سوئال: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىي قاچانلاردا پەيدا بولغان؟ رۇبائىي ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس شەكلىمۇ ياكى باشقا ئەللەر ئەدەبىياتىدىن قوبۇل قىلىنغان شەكىلمۇ؟
جاۋاب: رۇبائىي ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە كىرىپ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بولدى. مېنىڭچە ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئاسىيادا راۋاجلانغان مەزگىللەردە رۇبائىي پەيدا بولغان، ئاندىن بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا كىرگەن. رۇبائىينى مەن ئەرەب ئەدەبىياتى ياكى پارس ئەدەبىياتىدىن كىرگەن دەپ ئېنىق ئېيتالمايمەن. بىز ئازادلىقتىن كېيىن رۇبائىي ھەققىدە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. بۇمۇ دەسلىپىدە ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخىنى ئۆگىنىشتىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ قولىمىزدا رۇبائىي توغرىسىدا ئېنىق بىر نەزەرىيە ياكى چۈشەنچە بېرىدىغان دەستۇر بولغان ئەمەس.
سوئال: سىزنىڭچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىينىڭ ئورنى قانداق؟
جاۋاب: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە رۇبائىي مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. مەن ھەۋەسكارلار توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، ئەمما قەلىمى پىشقان شائىرلارنىڭ ئىچىدە رۇبائىي يازمىغىنى يوق دېيەرلىك. ھەممەيلەن رۇبائىي يېزىپ كۆردى، لېكىن ھەر كىمنىڭ يازغىنى ئۆزىگە چۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ. رۇبائىيلىرىمىز ئارزۇ ۋەزىندىمۇ، بارماق ۋەزىندىمۇ يېزىلدى. ئۆلچەم مەسىلىسىدە ئېنىق بىر ئۆلچەم بېكىتىلمىدى. بىراق قەلىمى پىشقان، ئۇزۇن يىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىرلار پارىس شائىرى ئۆمەر ھەييام ۋە باشقا كلاسسىكلارنىڭ رۇبائيلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، رۇبائىينىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى توغرىسىدىكى چۈشەنچىە ئىگە بلدى. مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى.
سوئال: رۇبائىي باشقا تۆتلۈك )مۇرەببە( شەكىلدىكى شېئىرلاردىن قايسى تەرەپلەردىن پەرقلىنىدۇ؟
جاۋاب: رۇبائىي ئۆزىگە خاس شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇستەقىل ۋە چوڭقۇر مەنىلىك بىر ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان، تۆت مىسرادىن تۈزۈلگەن، بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى مىسرالىرى قاپىيداش كەلگەن شېئىرىي شەكىلدۇر. رۇبائىيدىكى پىكىرنىڭ پەلسەپىۋى ھېكمەت بىلەن تۇيۇنغان بولۇشى ئۇنىڭ باشقا شەكىلدىكى شېئىرلاردىن پەرقلىنىدىغان تۈپ ئالاھىدىلىكىدۇر. پارچە )قىتئە( — قانچە مىسرالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمەن يېزىپ تولۇقلانمىغان بىر كۇپلېتلىق شېئىر، پىكىر سالمىقى رۇبائىي دەرىجىسىگە كۈتۈرۈلمىگەن داۋاملاشتۇرسا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان، داۋاملاشتۇرمىسا، شۇ پېتى قىلىۋېرىدىغان شېئىرلارنى پارچە )قىتئە( دەيمىز.
تويۇق — قاپىيىسى ئاھاڭداش سۆزلەردىن تۈزۈلەن شېئىرلارنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، قاپىيە ئۈچۈن شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش، ئەمما مەنە جەھەتتىن باشقا-باشقا ئۇقۇم بېرىدىغان ئۇمۇنىم سۆزلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرلارنى تۇيۇق دەيمىز. مەسىلەن: >كەچ< دېگەن سۆزنىڭ بىر نەچچە مەنىسى بار. >دەريا-دېڭىزنى كەچ<، >بۇ ئىشتىن كەچ<، >تۈن قاراڭغۇسى-كەچ< دېگەنگە ئوخشاش.
مىسال:
چۆلدە قالساممۇ نە ھاجەت ئات ماڭا،
سىڭدى مەجنۇن دەپ چىرايلىق ئات ماڭا.
قېنى، سەن لەيلى، مېنى ئۆلمە دېسەڭ،
ئوق قىلىپ كىرپىكلىرىڭنى ئات ماڭا.
تېيىپجان ئېلىيېف
بۇ تويۇق ئارۇز ۋەزنى رەمەل بەھرىنىڭ 21-تۈرى بىلەن يېزىلغان.
سوئال: ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رۇبائىي ئارۇز ۋەزىندىلا ئەمەس، بارماق ۋەزىندىمۇ يېزىلىدىغانلىقىغا ئىمكانىيەت قالدۇرغان. سىلىچە بۇ مەسىلىگە قانداق قاراش كېرەك؟
جاۋاب: توغرا، مېنىڭچىمۇ رۇبائىي ئارۇز ۋەزىندىلا ئەمەس، بارماق ۋەزىندىمۇ يېزىلىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن رۇبائىيلار بارماق ۋەزىندە يېزىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قايسى مىللەتنىڭ تىلىدا بولسۇن >رۇبائىي مۇنداق ۋەزىندە يېزىلىشى كېرەك< دېگەن بەلگىلىمە يوق. بىز ئۆزبېك ئەدەبىياتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، كۆپ ساندىكى شائىرلارنىڭ بارماق ۋەزىندە يازغان رۇبائىيلىرىنى كۆرەلەيمىز. بۇ يەردە رۇبائىي دېگەن ئىسىم پەقەت مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل پەلسەپىۋى بىر پىكىرنى ئىپادىلەپ بەرگەن، تۆت مىسرالىق بىر كۇپلېت شېئىر. چوڭقۇر مەنىلىك مۇستەقىل بىر پىكىر بولغاندىكىن ئۇنى كېڭەيتسىڭىز، بىرنەچچە، ھەتتا ئون نەچچە كوپلېت شېئىر بولىدۇ. مەسىلەن، مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ:
شېئىر يازمىغىم ھەۋەستىن ئەمەس،
شېئىرمەن ئۈچۈن ۋىجدان ئىشى، بەس.
پىكىر-يۈرىكىم، مىسرالار-تومۇر،
ھەربلەر-قېنىم، ۋەزىنلەر-نەپەس.
دېگەن رۇبائىيسىنى شېئىرىيەتكە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ تەبىر ۋە ئۆلچەم دېيىشكە بولىدۇ.
ھازىر بىز شېئىرنى ئوچۇق ۋە تۇتۇق ئىپادىلەشمۇ بىر خىل شەكىل دەپ قاراۋاتىمىز. مەيلى ئوچۇق ياكى تۇتۇق يازايلى، ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن پىكىر. مەيلى رۇبائىي، تۇيۇق، قىتئە ياكى باشقا شەكىلدە يېزىلغان بولسۇن، ئوخشاشلا شېئىرنى شېئىر قىلىدىغان مۇھىم ئامىل-پىكىر، ئوتتۇرىغا قويغان مۇددىئا-مەقسەت.
شۇڭا رۇبائىي ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، مۇھىمى ئۇنىڭ ئارۇز ياكى بارماق ۋەزىندە يېزىلغىنى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىكى مۇستەقىل، پەلسەپىۋى پىكىرنىڭ بار-يوقلۇقىدا.
سوئال: مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيېف ئاكىنىڭ يۇقىرىدىكى رۇبائىيىسىدا >ۋەزىنلەر-نەپەس< دەپ ئىپادىلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن بىز ۋەزىننىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. »ۋەزىن بولمىسا رۇبائىي بولمايدۇ« دېگەن قاراشقا قانداق قارايدىلا؟
جاۋاب: »ۋەزىن بولمىسا رۇبائىي بولمايدۇ، شېئىر بولمايدۇ« دېيىش مۇۋاپىق گەپ ئەمەس. چۈنكى رۇبائىي-شېئىرنىڭ ئونلىغان تۈرلىرىنىڭ بىرى.
ۋەزىن-شېئىرىيەتتىكى مىسراسلاردا پەيدا بولىدىغان ئاھاڭدارلىق بولۇپ، بۇ ئارۇز ۋەزىندىمۇ، بارماق ۋەزىندىمۇ بولىدۇ. سۆلىگەن نۇتۇقلىرىمىزدىمۇ، ماقال-تەمسىل، خەلق قوشاقلىرىمىزدىمۇ ۋەزىن )ئاھاڭدارلىق( بار.
سوئال: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بەزى رۇبائىيلارغا قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ رۇبائىيلىرىمىزغا قويىلىدىغان ئۆلچەم بىلەن كلاسسىك شائىرلارنىڭ رۇبائىيلارغا قويىدىغان ئۆلچىمى پەرقلىنەمدۇ، ياكى رۇبائىينىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىگەنلىكنىڭ ئالامىتىمۇ؟
جاۋاب: بىزنىڭ ھازىرقى رۇبائىيلىرىمىز ئىچىدە ئېسىل، گۆھەردەك جۇلالىنىپ تۇرغانلىرىمۇ بار، ئادەتتىكى چىراغلاردەك يورۇپ تۇرغانلىرىمۇ بار، شامدەك ۋىلىلداپ تۇرىدىغانلىرىمۇ بار. ھەتتا شۇنچىلىك يورۇق بېرەلمەيدىغانلىرىمۇ بار. ھەممە نەرسە ئوخشاش بولمايدۇ. شائىر تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنى ئۆز كاللىسىدا بەدىئىي تەپەككۇر قىلىش جەريانىدا ئۇنى ئادەتتىكى شېئىر ياكى رۇبائىي يېزىش توغرىسىدا بىر قارارغا كېلىدۇ. قەلىمى پىشقان شائىر بىر رۇبائىي بولىدىغان پىكىرنى ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى ۋە شېئىرى ماھارىتى ئارقىلىق رۇبائىي قىلىپ يازالايدۇ. مۇشۇنداق دىت ۋە ماھارەتنى ھاسىل قىلالمىغان شائىر ئۇنى شېئىر قىلىپ يازىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كۇپلېت بىلەنلا ئىپادىلىنىدىغان مەزمۇن بىر نەچچە كوپلېت شېئىر بولۇپ چىقىدۇ. بۇمۇ بىر ھاسىلات، بىر خىل ئىجادىيەت.
مېنىڭچە ئالدى بىلەن رۇبائىينىڭ نېمىلىكىنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك.
سوئال: سىلىمۇ رۇبائىي يازغانغۇ دەيمەن؟
جاۋاب يازغان. بىراق جىق ئەمەس، بار-يوقى 03 نەچچە رۇبائىي يېزىپتىمەن.
سوئال: مۇھەممەد رەھىم ئاكا، سىلى رۇبائىي يازغاندا پىكىر بىلەن مەزمۇننىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ يازغانمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق. مەن پىكىر بىلەن مەزمۇننىڭ رۇبائىيغا خاس ئالاھىدىلىكىگە بەك دىققەت قىلىمەن.
كاللىغا شۇنداق بىر پىكىر كېلىدۇكى، ئۇنىڭ باش-ئايىغى نامەلۇم، بىر پۈتۈن گەۋدە كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ، مۇشۇنىڭ ئۆزى رۇبائىي بولىدىكەن دەپ بەلگىلەنگەندىن كېيىن، كۆڭلۈمدە شۇ پىكىرنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر-ئىككى سۆز تېپىلىدۇ. شۇ سۆزگە ئاساسلىنىپ پىكىرنى كېڭەيتكەندە بىر رۇبائىي پۈتۈپ چىقىدۇ.
بىز تۇرمۇشتىكى ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە ھاياتلىقنىڭ زىددىيەت ئىچىدە داۋاملاشقانلىقىنى ۋە زىددىيەت ئىچىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. »زىددىيەتسىز ئالەم-تۇغۇلمىغان ئادەم« دېگەن ئەقلىيە ھەقىقەتەن راست ئىكەن. زىددىيەت توغرىسىدا مۇنداق بىر فورمۇلا بار.
زىدىيەت-ئېھتىياج-ئەركىنلىك.
مەن زىددىيەتلىك مۇشۇ قانۇنىيەتلىك جەريانىنى چۈشىنىپ تۆۋەندىكى رۇبائىينى يازغان ئىدىم:
كىشىلىك ئالىمى زىددىيەتكە لىق،
دېڭىزدەك دولقۇنلۇق، گاھىدا سىلىق.
زىددىيەت ئېيتىدۇ: بالام-ئىنقىلاب،
ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان، نەۋرەم-يېڭىلىق.
دېمەك، زىددىيەتتىن كېيىن ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. ئېھتىياج ئىسلاھات ئىنقىلابىنى قوزغايدۇ. ئىنقىلابتىن كېيىن يېڭىلىق كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، »تېلېفون«نىڭ ھازىرقىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشىپ ئومۇملىشىشى دەل بۇنىڭ مىسالى.
سوئال: رۇبائىي شائىرنىڭ شېئىرىيەتتە قەلىمىنىڭ پىشقان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە، ھەرقانداق شائىر شېئىر يېزىش مەشىقى جەريانىدا شېئىرىيەتنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ، شېئىر تۈرلىرىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىيالىغۇدەك بولغاندا، رۇبائىي يازغىلى بولىدۇ. بەزىبىر رۇبائىيلار تاسادىپىي يېزىلىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، دۇنيا زىددىيەت بىلەن تولغان. شۇنداق مۇھىتتا كەلگەن ئىلھام بىلەن ياخشى رۇبائىيلارمۇ يېزىلىپ قالىدۇ.
بىر شائىرنىڭ يازغان شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسىلا خەلققە ياراپ كەتمەيدۇ. ھەممىسىنىلا ئۈلگىلىك شېئىر دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ، نەمۇنىلىكلىرىمۇ بولىدۇ، شاكاللىرى بولۇشىمۇ تەبىئىي.
شېئىر بىلەن رۇبائىينى ئۆلچەشكە توغرا كەلسە، رۇبائىيغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم باشقا شەكىلدىكى شېئىرلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەمدىن ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى، رۇبائىيدىكىدەك پىكىر تۈگۈلگەن قاتتىق مۇشتقا ياكى ئېغىر بازغانغا ئوخشايدۇ.
سوئال: سىلىچە، ھازىرقى شارائىتتا رۇبائىي توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
جاۋاب: رۇبائىي توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش باشقا شەكىلدىكى شېئىرلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر رۇبائىي توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار شېئىرىيەتنىڭ باشقا تۈرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا قارىغاندا تېخى يېتەرلىك ئەمەس. رۇبائىي توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، رۇبائىينىڭ ئاساسىي تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇشۇ تەلەپكە يېتىدىغان رۇبائىيلار بىلەن يەتمەيدىغانلىرىنى سېلىشتۇرما قىلىپ كۆرسىتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، رۇبائىيلار ئىچىدە مېغىز بىلەن شاكالنى ئېنىق ئايرىۋالالايمىز. بۇنداق تەتقىقات بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى رۇبائىيچىلىقىمىز ئۈچۈن زور ئەھمىيەت ئىگە.
|