ئەدىبنىڭ پەزىلىتى[سۆھبەت خاتىرىسى]

يوللانغان ۋاقتى:29-06-2011   مەنبە: تارىم 2010-10-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
مېنىڭچە، مۇھەررىرلىك ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولمىسا بولمايدۇ، ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلەش ئۈ

 

(سۆھبەت خاتىرىسى)

سۆھبەتلەشكۈچىلەر: ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، ئېزىزجان خۇدابەردى

سوئال: ئابدۇرۇسۇل ئاكا، ياخشىمۇسىز! سىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمىزغا يۈرەك قېنىڭىزنى سەرپ قىلىپ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك تۆھپە ياراتقان ئەدىب ۋە مۇھەررىر. ئالدى بىلەن تەرجىمىھالىڭىز، ئائىلە ئەھۋالىڭىز ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق؟
جاۋاب: مەن 1941- يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1947- يىلى ئائىلىمىز غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ چىقىپ، مەن 1949- يىلىدىن 1956- يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1956- يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇدۇم. 1959- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندىم، 2001- يىلى پېنسىيەگە چىقتىم. قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى مۇشۇنچىلىك سۆزلىسەم بولار. ئەمدى ئائىلە ئەھۋالىمغا كەلسەك، دادام چارۋىچى، قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئانا جەمەتىمدىن ئابدۇرېشىت ئىمىن، سالىھ داموللام قاتارلىق ئالىملار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار يېتىشىپ چىققان. شۇلارنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىزدىنىش روھى ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكى مەندە مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ رومانلارنى ناھايىتى كۆپ ئوقۇغان. “ئانا”، “قۇتلۇق قان”، “ئادىنا”، “ھەل قىلغۇچ قەدەم”، “پولىك ئوغلى”، “پولات قانداق تاۋلاندى” قاتارلىق رومانلار مېنىڭ ياش قەلبىمگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىمنى قوزغىغان. دەرسلىكلەردىن پۇشكىن، لېرمونتوف، ئۆمەر مۇھەممىدى، غاپۇر غۇلام، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇپ يادلىغانىدىم. شېئىرغا ھەۋەس باغلاپ، دەسلەپكى قەدەمدە قوشاق شەكلىدىكى كىچىك شېئىرلارنى يېزىپ باقتىم. بەزى شېئىرلىرىم مەكتەپنىڭ تام گېزىتىگە چىقىپ قالاتتى. بۇ مەن ئۈچۈن تۈرتكە، ئىلھام بولاتتى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم، پېشقەدەم شائىر تاجىدىن قادىرى مېنىڭ شېئىرلىرىمدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ماڭا قىزغىن ياردەم قولىنى سۇنغانىدى. ئۇ دائىم ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى. شېئىر يېزىشتا دىققەت قىلىدىغان تەرەپلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرەتتى. يازغان شېئىرلىرىمنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ بېرەتتى، شۇنداق قىلىپ مەن شېئىرىيەت كوچىسىغا كىرىپ قالدىم. بەختىمگە يارىشا 1956- يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا كېلىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەكتەپتە ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە ئىجادىيەت پىرىنسىپلىرىنى مەخسۇس ئۆگەنگەچكە، مېنىڭ ئىجادىيىتىمدە بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى.


سوئال: تۇنجى شېئىرىڭىز قاچان، قەيەردە يېزىلغان؟ بۇ شېئىرىڭىزنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە نېمە تۈرتكە بولغان؟
جاۋاب: مەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە 15يېشىمدا، يەنى 1956- يىلى “شىنجاڭ ياشلىرى” گېزىتىگە بېسىلغان “مەكتىپىم”، “كومسومۇل نامىم” دېگەن ئىككى شېئىرىم بىلەن قېتىلدىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى شېئىرلىرىم ئىدى. شېئىرلىرىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى ماڭا غايەت زور ئىلھام ۋە تۈرتكە بولغانىدى. بۇ شېئىرلارنى مەن غۇلجىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندا يازغانىدىم. شۇ چاغدا مەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغانىدىم. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى شەرەپلىك ئىش ئىدى، مەكتەپ مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىلغارلار سېپىگە قوشۇلۇشۇمغا ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. ئوقۇتقۇچىلار چىن مېھرى بىلەن مېنى تەربىيەلەپ قەلبىمدە بىلىمدىن خۇش پۇراق چېچەكلەرنى ئېچىلدۈردى. شۇڭا ئانا مەكتىپىمنى ئۇلۇغلاش، ئ−ۇنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن “مەكتىپىم”، “كومسومۇل نامىم” دېگەن شېئىرلارنى يازغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن “تارىم”، “شىنجاڭ گېزىتى” قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا شېئىر، باللادا، داستانلىرىم ئېلان قىلىنىشقا باشلىغانىدى.
سوئال: ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن رۇس كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوزۇق ئېلىشىڭىز ۋە شېئىر - قوشاقلارنى يادلاش، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتىڭىز ئەدەبىي ئىجادىيىتىڭىزدە تۈرتكىلىك رول ئويناپتىكەن - ھە؟
جاۋاب: شۇنداق. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى، بولۇپمۇ نەۋايىنىڭ غەزەللىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇش ۋە مۇلاھىزە قىلىش مېنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىمگە ئىلھام ۋە يۈكسىلىش ئاتا قىلدى. بولۇپمۇ نەۋايى غەزەللىرىنىڭ تىلىدىكى پاساھەت، گۈزەل، يېقىملىق ئوخشىتىش، مۇبالىغە قىلىش، يۈكسەك بەدىئىي تەپەككۇر ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. مېنىڭچە، نەۋايى شائىرلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئۇستازى.
شائىر بولغان كىشى ئەڭ ياخشى، نادىر شېئىرلارنى، خەلق قوشاقلىرىنى تەكرار - تەكرار ئوقۇشى، يادلىشى لازىم. مەن پۇشكىننىڭ، لېرمونتوفنىڭ، نېكراسوفنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرىنى، نەۋايىنىڭ ئايرىم غەزەللىرىنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيېف قاتارلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇپ، شېئىرىي پىكىر، شېئىرىي ھېسسىيات ۋە گۈزەل تىل ئىشلىتىش جەھەتتە چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلغان. پۇشكىننىڭ “گۈل”، “ھەيكەل”، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ “يىللارغا جاۋاب”، “خىيالچان تىلەك”، تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ “تۈگىمەس ناخشا” قاتارلىق شېئىرلىرىنى ھازىرمۇ كۈندە دېگۈدەك يادلاپ ئېستېتىك زوق ئېلىپ تۇرىمەن.
ئاتاقلىق شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيېف خەلق قوشاقلىرىنى بىلەيگە ئوخشاتقانىدى، شېئىرىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەر بىر شائىر شېئىرىي تىلىنى گۈزەل، يېقىملىق قىلىمەن دەيدىكەن، خەلق قوشاقلىرىنى تەكرار - تەكرار ئوقۇپ، يادلاپ تۇرۇشى كېرەك. مەن شېئىر يېزىش جەريانىدا ئۆزۈم يادلاپ ئۆگەنگەن خەلق قوشاقلىرىنىڭ رولىنى ۋە ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.
كۈندىلىك خاتىرە يېزىش مەسىلىسىگە كەلسەم، مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىلا خاتىرە يېزىشنى ب−اشلىغان، شۇ چاغلاردىن تارتىپلا ئوقۇغان رومانلىرىم ھەققىدە خاتىرەمگە قىسقىچە تەسىرات يېزىپ قوياتتىم. كېيىنچە تۇرمۇشۇمدا باشتىن كەچۈرگەن ھەر خىل ۋەقە - ھادىسىلەرنى، تەقدىر - قىسمەتلەرنى خاتىرىگە يېزىپ ماڭدىم. ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملار، يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنىمۇ يېزىپ ماڭدىم. بۇنداق خاتىرىلىرىم ئون نەچچىدىن ئاشىدۇ. بۇ خاتىرىلىرىم كېيىنچە مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە تۈرتكە بولدى. خاتىرەمدىكى بەزى ۋەقە - ھادىسىلەردىن پايدىلىنىپ داستان، شېئىرلارنى، قىسقا ھېكايىلەرنى يازدىم، مەن خاتىرىلىگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر مەن يازغان ماقالە، تەقرىزلەرگە ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى.


سوئال: سىز شېئىرنى قانداق يازىسىز؟ شېئىرىيەتتىكى ئىدىيەۋى مەزمۇن بىلەن مۇزىكىلىق ئاھاڭدارلىقنى قانداق چۈشىنىسىز؟
جاۋاب: مەن شېئىر يېزىشتا شېئىرىي پىكىر بىلەن ھېسسىياتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەۋزەل بىلىمەن، قىسقا يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان ۋەقە - ھادىسىلەردىن يېڭى پىكىر تېپىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىمەن، ئوبرازلىق ئىپادىلەشكە تىرىشىمەن. شېئىر مەزمۇنىنىڭ چۈشىنىشلىك، روشەن بولۇشىنى ياقتۇرىمەن. بۇ جەھەتتە تېيىپجان ئېلىيېفنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇستاز تۇتۇپ كەلدىم دېسەم بولىدۇ.
شېئىرىيەتتە ئىدىيەۋى مەزمۇن بىلەن مۇزىكىلىق ئاھاڭدارلىق ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شېئىرنىڭ قاپىيەسى، رىتىمى مۇزىكىلىق ئاھاڭغا ياتىدۇ. ھېسسىياتنى ئىپادىلەشتە نېگىزلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا مۇشۇ ئىككى تەرەپتىن تەڭ يېتىلگەن شېئىر ئاسانلا ناخشىغا ئايلىنىپ ئېغىزدىن - ئېغىزغا تاراپ كېتىدۇ. مەسىلەن: تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ “تۈگىمەس ناخشا”سىنى ئەنە شۇنداق ئىككى تەرەپتىن تەڭ يېتىلگەن شېئىر دېيىشكە بولىدۇ.


سوئال: شائىر، شېئىرىي دۇنيا بىلەن رېئال دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى، شېئىرنىڭ رولى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى ھەققىدىكى قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق قانداق؟
جاۋاب: چىلىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى پابلونېرودا: “بىر شائىر ئالدى بىلەن رېئالىزمچى بولۇشى كېرەك، ئەگەر رېئالىزمچى بولمايدىكەن، ئۇ ئەرزىمەس شائىر ھېسابلىنىدۇ. بىر شائىرنىڭ يازغىنى ئەقىلگە سىغمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى ئۆزىدىن باشقا ئادەم چۈشەنمىسە بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ يازغىنى تامامەن ئەقىلگە سىغىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق دۆت - كالۋالارمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ كەتسە بۇ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر” دېگەنىدى. مانا بۇ سۆز شېئىر ۋە شائىرغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى تەبىردىن ئىبارەت. مېنىڭچە، شېئىر رېئال دۇنيانىڭ ئىنكاسى بولۇشى كېرەك. لېكىن ئۇنىڭدا ئىنسان روھى چوڭقۇر ھېسسىيات ۋە ئوبرازلار ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى لازىم. گۈزەل تىل، يۈكسەك تەپەككۇر، ئۆزگىچە پەلسەپىۋى پىكىر شېئىرغا جان بېغىشلايدۇ. ياخشى شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرگە ئېستېتىك زوق بېرىشتىن تاشقىرى كىشىلەرگە ئۈمىد، جاسارەت بېغىشلايدۇ، ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


سوئال: بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم شائىرلار ئەنئەنىۋى شەكىللەرگە ئانچە ئېتىبار قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ كىلاسسىك شېئىرلاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟
جاۋاب: شائىرلار ئەنئەنىۋى شەكىللەر بىلەن يېڭى شېئىرىي شەكىللەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىشى، بىرىنىلا تەكىتلەپ، بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان خاھىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم. بىزنىڭ تارىختا ئۆتكەن كىلاسسىك شائىرلىرىمىز ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ، بىزگە شېئىرنىڭ قەدىر - قىممىتىنى تونۇتقانىدى. بىز ئۇلاردىن پاساھەتلىك تىل، چوڭقۇر ھېسسىيات، مول تەسەۋۋۇر، يۈكسەك تەپەككۇر ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش ماھارىتىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
يېڭىچە شېئىرىي شەكىللەردە يېزىشتىمۇ كىلاسسىك شائىرلارنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىش، شېئىرنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. مەسىلەن: نەۋايىنىڭ غەزەللىرىدىكى يۈكسەك بەدىئىي تەپەككۇر يېڭىچە شېئىرىي شەكىللەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالىسا، شېئىرنىڭ بەدىئىي قىممىتى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە بولغان بولاتتى.


سوئال: ھېكايىلىرىڭىزدىكى ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژلار رېئال تۇرمۇشتىن ئېلىنغانمۇ ياكى توقۇپ چىقىرىلغانمۇ؟ “قېرىنداش مېھرى”، “سائەت 11دە كېلىڭ” ناملىق ھېكايىڭىز قانداق مەيدانغا كەلگەن؟
جاۋاب: مەن “بازار نەرخى”، “ئالما” ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ۋە كېيىن گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان قىسقا ھېكايىلىرىمنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن ئېلىپ يازغان. بەزى ۋەقەلەرنى ئۆز بېشىمدىن كۆچۈرگەن، بەزى ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغان. ھەممە ھېكايىلىرىمنىڭ پىروتوتىپى بار. مەسىلەن: “قېرىنداش مېھرى” دېگەن ھېكايىدىكى ئاكىسىغا بۆرىكىنى تەقدىم قىلغان قىزنى مەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىت دوختۇرخانىسىغا يوقلاپ بارغان، ئاكىسى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ھەمدە ئەسلىمىدىكى ئۈچ ئوغۇل بىر تۇغقىنى تۇرۇپ، بۆرەك تەقدىم قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن دانىيارنىڭ ئەھۋالىنى غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ كەلگەن بىر ئاغىنەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان. “سائەت 11دە كېلىڭ” دېگەن ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىنى غۇلجىغا تۇغقانلارنىڭ توي ئىشىغا بارغاندا، سىڭلىمنىڭ يولدىشىدىن ئاڭلىغان. مەن مۇشۇ ۋەقەدىن تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ياخشى بىر ھەجۋىي ھېكايە چىقىدىكەن دەپ ئويلاپ، بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پىششىقلاپ يېزىپ چىقتىم، نەتىجىدە بۇ ھېكايە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.


سوئال: سىز بالىلار ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەرنى يېزىپ ۋە تەرجىمە قىلىپ، بالىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشقىمۇ مۇناسىپ كۈچ چىقاردىڭىز. بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىڭىزنى دەپ باقامسىز؟
جاۋاب: مەن بالىلار ئەدەبىياتىدىمۇ بىر قىسىم قىسقا، مەزمۇنلۇق ھېكايىلەرنى يېزىپ ۋە تەرجىمە قىلىپ، بالىلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارغا ئېستېتىك زوق بېرىشتە بەلگىلىك ئەمگەك سىڭدۈردۈم دەپ قارايمەن. 1996- يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان “ئالما” ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى ۋە “تۈرك خەلق مەسەللىرى”، “تۇنجى جىنايەت”، “مۈڭگۈزلۈك قىز” قاتارلىق تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان كىتابلىرىمنى ھەمدە مەن نەشرگە تەييارلىغان ئابلىز ھېزىمنىڭ بالىلار ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى بۇنىڭ مىسالى دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.


سوئال: ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭ دىققەت مەركىزىڭىزدىكى ئەسەرلەر قايسى؟
جاۋاب: بىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن، پەن - تېخنىكا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان رىقابەت دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. دەۋر تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھالدا ئەدەبىياتىمىزمۇ ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئازادلىقتىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى. رومان ئىجادىيىتىدىنلا مىسال ئالساق، 250تىن ئارتۇق رومان نەشر قىلىندى. پوۋېست، شېئىر، ھېكايە توپلاملىرى، دىراما، كىنو سېنارىيەلىرى ۋە تەقرىز - ماقالىلەر توپلاملىرى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كۆزنى چاقنىتىدۇ. لېكىن ئۇتۇق بار يەردە كەمچىلىكمۇ بار دېگەندەك، بەزى نۇقسانلارمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن: بەزى ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، تىلىنىڭ خاملىقى، چىنلىق ۋە تەبىئىيلىككە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. سانغا بېرىلىپ، سۈپەتكە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
“ئويغانغان زېمىن”، “ئانا يۇرت”، “سەرسان روھ”، “قۇم باسقان شەھەر”، “مەھمۇد كاشغەرىي”، “بۆرە ئانا”، “جاللات خېنىم” قاتارلىق رومانلارنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىم شېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيېف، مۇھەممەد رېھىم، مۇھەممەدجان راشىدىن، روزى سايىت، بۇغدا ئابدۇللا، ئوسمانجان ساۋۇت قاتارلىق شائىرلارنىڭ تاللانغان شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئون شېئىرلار توپلىمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.


سوئال: ئابدۇرۇسۇل ئاكا، 40نەچچە يىللىق نەشرىياتچىلىق ھاياتىڭىزدا نۇرغۇنلىغان كىتابلارنىڭ مۇھەررىرلىكىنى قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، كىتابلاشتۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپسىز. سىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىڭىز بىلەن تونۇشۇپ چىققان بولساق؟
جاۋاب: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا 42يىل ئىشلەپتىمەن. مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن ۋە ئىككىنچى تەكشۈرۈشنى كۆرگەن كىتابلىرىم 400دىن ئاشىدىكەن. ئۇزاق يىللىق مۇھەررىرلىك قىلىش جەريانىدىكى جاپالىق ئەجرىمگە ئاساسەن 1992- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كادىرلار مىنىستىرلىقى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن “مەملىكەت بويىچە ئاخبارات - نەشرىيات سىستېمىسىدىكى ئىلغار شەخس” بولۇپ باھالاندىم. مەن مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلغان بىر مۇنچە كىتابلار مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇكاپاتلاندى.
مەن مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قىلغان كىتابلار ئىچىدە كىلاسسىك ئەدەبىياتقا دائىر كىتابلارمۇ، رومان - پوۋېستلارمۇ، ھېكايە - شېئىرلارمۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەرمۇ، ئىلمىي نەزەرىيىۋى كىتابلارمۇ بار. بولۇپمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلار كۆپرەك. “ھېسام چاقچاقلىرى”، “ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى”، “ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى”، “ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى”، “ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى”، “ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى” قاتارلىق كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدىم. “ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن تاللانما”، “ئۇيغۇر خەلق لەتىپىلىرى”، “جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى”، “بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز”، “بىزنىڭ ئۇسسۇلچىلىرىمىز”، “لەتىپىلەر” دېگەن كىتابلارنى تۈزۈپ نەشرگە تەييارلىدىم.


سوئال: يازغۇچى ئالىمجان ئىسمائىل بىر قېتىملىق سۆھبەتتە “يازغۇچى ئۈچۈن مۇھەررىرلىك قۇربان قىلىش رولىنى ئويناپ قالىدىكەن. بىزنىڭ خېلى ئۈمىدلىك يازغۇچى - شائىرلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنى مۇھەررىرلىككە قۇربان قىلىۋەتتى” دېگەنىدى. سىزنىڭ مۇھەررىرلىك كەسپىنى تاللىغانلىقىڭىزدىن پۇشايمان قىلغان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟
جاۋاب: مېنىڭچە، مۇھەررىرلىك بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر - بىرىگە زىت كەسىپ ئەمەس. دۇنيادىكى، مەملىكىتىمىزدىكى، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن تالانتلىق يازغۇچى - شائىرلار مۇھەررىرلىك ۋە ژۇرنالىستلىقتىن يېتىشىپ چىققان. مەسىلەن: رۇس ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى بېلىنىسكىي، كېرىلوف، ئىساكوۋىسكىي قاتارلىقلارمۇ پىشقان مۇھەررىرلەر ئىدى. بىزنىڭ ئاتاقلىق ئەدىبلىرىمىزدىن نىمشېھىت ئارمىيە داموللا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تېيىپجان ئېلىيېف قاتارلىقلارمۇ مۇھەررىرلىكتىن پىشىپ چىققان. مۇھەررىرلىك يازغۇچى - شائىرلارنىڭ قەلىمىنى تاۋلاپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يېڭى ئىلھام، يېڭى قان ئاتا قىلىدۇ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلايدۇ. مېنىڭچە، مۇھەررىرلىك قىلدىم دەپ ئىجادىيەتنى تاشلاپ قويۇش توغرا ئەمەس، ۋۇجۇدىدا ئىجادىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەدىب مۇھەررىرلىكنى باھانە قىلىپ ھەرگىزمۇ ئىجادىيەتنى تاشلاپ قويمايدۇ. مەن 42يىل مۇھەررىرلىك بىلەن شۇغۇللاندىم، لېكىن باشتىن - ئاياغ ئىجادىيەتنى تاشلاپ قويمىدىم. ۋاقىت، پۇرسەت تاپساملا شېئىر - ھېكايە ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ تۇردۇم. مۇھەررىرلىك خىزمىتىمگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمىدىم. مەن مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىمەن، مۇھەررىرلىك كەسپىنى تاللىغىنىمغا قىلچە پۇشايمان قىلمايمەن.


سوئال: مۇھەررىر بىلەن ئاپتورنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ باقامسىز؟
جاۋاب: تەھرىرلىك تىلغا ئېلىنسا، ئادەتتىكى كىشىلەرلا ئەمەس، ھەتتا تەھرىرلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم مۇھەررىرلەرمۇ ماقالە - ئەسەرنى تۈزىتىپ پىششىقلاش، يەنى تەھرىرلەشنىلا تەھرىرلىك دەپ ھېسابلايدۇ. ماقالە - ئەسەرلەرنى تۈزىتىپ پىششىقلاش - تەھرىرلەش تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ پەقەت بىرلا ھالقىسى. تەھرىرلىك خىزمىتى تېما تاللاش، ماقالە - ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇش، ماقالە - ئەسەر كۆرۈش، ماقالە - ئەسەر تۈزىتىش، پىششىقلاش، بېكىتىش، مەتبەئەگە يوللاش، لايىھەلەش قاتارلىق كۆپ خىل بۆلەكتىن تەركىب تاپىدىغان، بىر - بىرىگە باغلىنىدىغان ھەم بىرلىككە كەلگەن مۇرەككەپ جەريان. تەجرىبىلىك مۇھەررىرلەر تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى چىقىش قىلىپ، ھامان كېيىنكى ئىش تەرتىپى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ ماڭىدۇ.
پېشقەدەم شائىر ۋە ئالىي مۇھەررىر مەھەممەت شاۋۇدۇن “مۇھەررىر ۋە ئاپتور” دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ “... ئاپتور مۇھەررىردىن ئايرىلسا كىتاب - ژۇرنال چىقمايدۇ، مۇھەررىر ئاپتوردىن ئايرىلسا سۇپرىسى قۇرۇق بولۇپ قالىدۇ... مۇھەررىر بىلەن ئاپتور پولات چىۋىق بىلەن سېمونتقا ئوخشايدۇ، پولات چىۋىق بولمىسا خاتىرە مۇنار قەد كۆتۈرەلمەيدۇ ياكى ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ...”.
مېنىڭچە، بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق، ئوبرازلىق ئوخشىتىش. ھەقىقەتەنمۇ مۇھەررىر بىلەن ئاپتور بىر - بىرىنى يۆلەپ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر گەۋدە. مۇھەررىرلەر ئاپتورلارنى كۆڭۈل قويۇپ بايقىشى، ئۇلارغا كۆيۈنۈشى، سەمىمىي ياردەم بېرىشى لازىم. ئاپتورلارمۇ مۇھەررىرلەرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ ئەسەر - ماقالىلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆزگەرتىشى، كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، مۇھەررىرلەر بىلەن ئاپتورلارنىڭ گۆش بىلەن قاندەك بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تالانت ئىگىلىرىنى بايقاشمۇ مۇھەررىرلەرنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئامىل. “تونۇيدىغان كۆز بولسىلا يىلقىدا تۇلپار كۆپ”، “ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ” دېگەن گەپ بار. تونۇش، بايقاش، پەرق ئېتىش ماھارىتى بولمىسا گۆھەرمۇ كۆمۈلۈپ قالىدۇ، شۇڭا مۇھەررىرلەر سىنچى بولۇش كېرەك.
ئامېرىكىلىق مەشھۇر نەشرىياتچى ۋە ئاتاقلىق مۇھەررىر ساكىس ئەپەندى “مۇھەررىرنىڭ قىلىدىغان ئىشى نېمە؟” دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: “مۇھەررىر ئالدى بىلەن بىر ئىشچى بولۇشى، ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن پەخىرلىنەلىشى، ھەر خىل پىكىر ۋە ئىدىيەلەرنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن بايقاپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ئۇ ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەڭ كەڭ بىلىم تارقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. مۇھەررىردە ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەن ھەققىدە مۇئەييەن دىت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرگەن مەلۇم قاتلام ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەر بولۇشى بىلەن بىللە كەلگۈسىدە بولۇشقا تېگىشلىك غايىۋى ئاپتورلارمۇ بولۇشى كېرەك ھەمدە بۇنداق ئاپتورلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىشى لازىم.”
ئاتاقلىق يازغۇچى باجىن يې شىڭتاۋ ۋاپات بولۇپ يېرىم ئەسىردىن كېيىنمۇ مۇنداق دېگەن: “يې ئاقساقال مېنىڭ ئەسىرىمنى بايقىمىغان بولسا، مەن ئەدەبىيات يولىغا مېڭىپ يازغۇچى بولمىغان بولاتتىم...”
يۇقىرىدىكى نەقىللەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، مۇھەررىرنىڭ نەتىجىسى ئەسەر تەھرىرلەشلا بولۇپ قالماستىن، يېڭى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، ئۇلارنىڭ يېڭى - يېڭى ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا كۆرۈلىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نەچچە ئونلىغان مۇنەۋۋەر يازغۇچى - شائىرلارنىڭ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىمۇ مۇھەررىرلەرنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە كۆيۈمچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئاتاقلىق يازغۇچى - شائىرلىرىمىزدىن ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئېلىيېف، ئابدۇكېرىم خوجايوف، ئابلىز نازىرى، ئابدۇۋەلى خەلپەت، مۇھەممەد رېھىم قاتارلىقلار ئۇزاق يىل مۇھەررىرلىك قىلىش جەريانىدا زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، خالىدە ئىسرائىل، قۇربان بارات، ئوسمانجان ساۋۇت، بۇغدا ئابدۇللا، مۇھەممەدجان راشىدىن قاتارلىق تالانتلىق يازغۇچى - شائىرلارنى بايقىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىشقا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئەمگىكى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.


سوئال: يازغۇچى - شائىرلار قانداق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك؟
جاۋاب: “ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى” دەپ تەرىپلىنىدىغان يازغۇچى - شائىرلار كىشىلەرگە مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىدىغان، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىنسان ھەققىدە بىر قەدەر چوڭقۇر، ئەتراپلىق قاراشقا ئىگە بولغان، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر. يازغۇچى - شائىرلار يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە كىشىلەردۇر.
شائىر - يازغۇچىلار، ئوبزورچىلار يۈكسەك ئىلمىي روھقا، پىداكارلىققا، ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا، ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە بولۇشى، شەخسىي مەنپەئەت، خۇسۇسىي غەرەزلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم.
شائىر ئىليا بەختىيانىڭ:
“ئەڭ بولمىسا بىر تال كۆچەت شۇ تامچىدىن
ئۈنۈپ چىقسا...
سايە بولسا دوستلىرىمغا سايە بولسا
ئۆزۈم پىشىپ ئاپتاپتىلا ياتار ئىدىم.”
دېگەن مىسرالىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىنسانپەرۋەرلىك روھ، گۈزەل پەزىلەت ھەر بىر يازغۇچى - شائىرلارنىڭ قەلبىدە چېچەكلەپ مېۋە بەرسە، ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىز مىسلىسىز گۈللەنگەن، قوشۇنىمىز تېخىمۇ سەرخىللاشقان بولاتتى. بىزنىڭ نۇرغۇن يازغۇچى - شائىرلىرىمىزدا مۇشۇ خىل روھنى تاپقىلى بولىدۇ.
مۇھەممەد رېھىم، توختى باقى ئارتىشىغا ئوخشاش پېشقەدەم ئەدىبلىرىمىزمۇ ئۆمۈربويى قەلەم خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ ۋە تەرجىمە قىلىپ زور ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نام - مەنپەئەت قوغلاشماي كەمتەر بولۇپ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى، ئالغىنىدىن بەرگىنى كۆپ بولدى. پېشقەدەم شائىرىمىز مۇھەممەد رېھىم ئاكا توغرىسىدا گەپ بولغاندا: “... مەن ئۆزۈمنى شائىر دەپ قارىمايمەن. خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالايدىغان ھەقىقىي شائىر بولۇش ئاسان ئەمەس، شائىر دېگەن ئۇلۇغ نام. بۇ نام ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيېفلار ئەنە شۇ ئۇلۇغ نامغا مۇناسىپ شائىرلار ئىدى. ئۇلار بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەم، ئۆزۈمنىڭ تېخى ھەقىقىي شائىر ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلىمەن. مەن >شىنجاڭ مەدەنىيىتى< ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان >شائىر ئەمەسمەن< دېگەن ماۋزۇدىكى چاتما شېئىرىمدا بۇ كۆز قارىشىمنى ئېنىق شەرھلەپ ئۆتكەنىدىم” دەيدۇ. بۇ پېشقەدەم شائىرنىڭ سۆزلىرى بىر نەچچە پارچە شېئىر يېزىپلا ئۆزىنى شائىر چاغلاپ يۈرگەنلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئەينەك. تەرجىمانلار جەمئىيىتى، “ئىزچىلار” شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار پېشقەدەم ئەدەبىي تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئاكىغا: “80ياشقا كىرگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرەيلى” دېگەندە، ئۇ: “مەن تېخى تون كىيىپ ماختانغۇدەك تۆھپە ياراتقىنىم يوق، قىلىۋاتقىنىم ئادەتتىكى ئىشلار، شۇنچىلىك قىلغىنىڭلارغا رەھمەت ...” دەپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى رەت قىلغان. مېنىڭچە يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن مىساللاردىن ھەقىقىي بىر ئەدىبتە بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەت چاقناپ تۇرىدۇ.
شائىر - يازغۇچى بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزىدە ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئاۋام - خەلققە ئۈلگە بولۇشى، ئۆزىدە شۇ كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، ئىشەنچ تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئاۋام - خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىدىغان، خەلق ئويلىغاننى ئويلايدىغان، تىرىشىپ بىلىم ئىگىلەش، بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاپ قىيىن مەسىلىلەرنى توغرا، ئىلمىي بىر تەرەپ قىلالايدىغان سەۋىيە يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم. قىزغىنلىق، ئىشەنچ، بىلىم ئاساسىي شەرت بولسىمۇ، لېكىن پەزىلەت بولمىسا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا دانىشمەنلەرنىڭ “ئالىم بولۇشتىن بۇرۇن ئادەم بول” دېگەن ئىبرەتلىك سۆزى ناھايىتىمۇ توغرا ئېيتىلغان.


سوئال: ھازىرقى نەشرىياتچىلىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قايسى؟
جاۋاب: ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمىز مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. لېكىن ئەدەبىي كىتابلار بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەندىن كېيىن، كىتابلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تەكىتلىنىپ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە سەل قاراشتەك خاھىش شەكىللىنىپ، بىر قىسىم ئىلمىي قىممىتى بار، نەشر قىلىنسا بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر چەتكە قېقىلىپ قالدى. بەزى نەشرىياتلار ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلىشىپ، بەزىبىر سۈپەتسىز مەنىۋى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويدى. شۇڭا نەشرىيات ئورۇنلىرى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگىمۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگىمۇ قاراش، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئاساس قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نەشر قىلىشقا تېگىشلىك يېڭى كىتابلارنى كۆپرەك چىقىرىشى لازىم. بەزى نەشرىياتلار ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ نەشر قىلىنىپ بولغان كىتابلارنى قايتا - قايتا بېسىشقا بېرىلىپ كەتتى. مېنىڭچە، ئاساسىي نۇقتىنى يېڭى كىتابلارنى نەشر قىلىشقا قارىتىش لازىم، ئىلاجى بار شەخسلەر پۇل تۆلەپ چىقىرىدىغان كىتابلارنى چىقارماسلىقى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا كىتابلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.


سوئال: سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب ئوقۇش بىلەن ئىجادىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىشقا بولامدىكىن؟
جاۋاب: تارىختا ئۆتكەن بۈيۈك داھىيلار، تۆھپىكار ئالىملار، ئاتاقلىق يازغۇچى - شائىرلار كىتاب ئوقۇش، تەكرار ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كامالەتكە يەتكەن. ماركس “كاپىتال”نى يېزىش ئۈچۈن 1400خىلدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇپ، نەچچە يۈز دانانىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى نەقىل كەلتۈرگەنىدى. مەشھۇر تارىخشۇناس فەن ۋېنلەن: “ئون يىل بېسىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇدۇم كىتاب، قىلغان ئىشىم زايە كەتمىدى بېھىساب” دېگەن ئىككى مىسرا شېئىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاتاقلىق تارىخشۇناس بولۇشىدا كىتابنىڭ نەقەدەر زور رول ئوينىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ماكسىم گوركىي: “بىلىم مەنبەسى كىتابنى سۆيۈڭ، پەقەت بىلىملا نىجادلىق بەخش ئېتىدۇ. ئۇ سىزنى ئىنساننى ساداقەت بىلەن سۆيىدىغان، ئۇنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيدىغان ۋە شۇ بىر تۇتاش ئۇلۇغۋار ئەمگەك مېۋىلىرىگە يۈرەكتىن زوقلىنىدىغان، مەنىۋى جەھەتتە كۈچلۈك، نومۇسچان، ئەقىللىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ!” دېگەنىدى.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دېگەن كىشى ئېسىل ئەسەرلەردىن روھىي ئوزۇق ئېلىشى، يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئۆگىنىشى لازىم. “ئاننا كارىنېنا”، “ئۇرۇش ۋە تىنچلىق”، “تىنچ دون”، “دونكىخوت”، “پولات قانداق تاۋلاندى”، “زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى”، “تاراس بولبا” قاتارلىق كىتابلار بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت دەرسلىكىگە ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولغانىدى.
بىزنىڭ بىر مۇنچە ئاتاقلىق شائىرلىرىمىز پۇشكىننىڭ، لېرمونتوفنىڭ، گىيوتىنىڭ، نەۋاينىڭ، ئابدۇللا توقاينىڭ شېئىر توپلاملىرىنى قايتا - قايتا ئۆگىنىپ ئۇلارنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشتىكى ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەلىم ئالغان.
دېمەك، ئېسىل ئەسەرلەرنى قايتا - قايتا ئوقۇش، خاتىرە يېزىش، مۇلاھىزە قىلىش ئىجادىيەتنى يېڭى بالداققا كۆتۈرۈشتە شوتىلىق رول ئوينايدۇ. كىتاب ئوقۇغاندا تاللاپ ئوقۇش، مەقسەتلىك ئوقۇش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش لازىم.


سوئال: ئاڭلىسام سىز خەنزۇ تىلى بىلەن تۈرك تىلىنى ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگىنىپ، خەنزۇچە، تۈركچە نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپسىز. قانداق بولۇپ تىل ئۆگىنىش ۋە ئەدەبىي تەرجىمىگە قىزىقىپ قالغانتىڭىز؟
جاۋاب: مېنىڭچە، مۇھەررىرلىك ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولمىسا بولمايدۇ، ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن بىر قانچە تىلنى ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم. مەملىكىتىمىزدە خەنزۇ تىلى ئاساسىي تىل بولۇپ، خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان ماتېرىياللار ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا مەن مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئاز - تولا خەنزۇچە ئاساسىمنى خىزمەت ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق تېخىمۇ تولۇقلاپ ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. دەسلەپتە ئاددىي تەرجىمە كىتابلىرىنى خەنزۇچە نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ ئۆگەندىم. بىلمىگەن خەت - سۆزلەرنى پېشقەدەم تەرجىمانلاردىن سورىدىم، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەتكە قاراپ بىلمىگەن سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ھەر ھالدا چۈشىنەلەيدىغان، ئاددىي نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلالايدىغان بولدۇم. كېيىنچە “بىڭ شىننىڭ بالىلار ھەققىدە سەنۋېنلىرىدىن تاللانما” قاتارلىق كىتابلارنى ۋە خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلدىم. تۈركچىنىمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئىشتىن سىرتقى ئالتە ئايلىق كۇرستا مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتابلارنى سېلىشتۇرۇش، لۇغەت ئاختۇرۇش ئارقىلىق پەيدىنپەي ئۆگىنىپ، ئاددىي كىتابلارنى تەرجىمە قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتتىم. كېيىنچە “مۈڭگۈزلۈك قىز”، “تۈرك خەلق مەسەللىرى”، “تۇنجى جىنايەت” قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلدىم. مېنىڭ تىل ئۆگىنىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىم ئىجادىيىتىمگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.


سوئال: بۇرۇن قۇرۇلمىسى ئاددىي، تىلى ئاممىباب ھەم چۈچۈك، ھەجمى قىسقا شېئىر، ھېكايىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. يېقىندىن بۇيان شېئىر، ھېكايىلىرىڭىزنى مەتبۇئاتلاردا ئۇچراتماس بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟
جاۋاب: ئىلگىرى خېلى يامان ئەمەس شېئىرلارنى يازغانىدىم. بەزى شېئىرلىرىم مۇكاپاتلانغان، بەزى شېئىرلىرىم دەرسلىكلەرگىمۇ كىرگۈزۈلگەنىدى. بىر مۇنچە شېئىرلىرىم خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. يېقىندىن بۇيان شېئىر يازمايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم ياشانغاندا ھېسسىياتمۇ قېرىيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىرغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرىلاپ كەتتى، بىر مۇنچە ياش شائىرلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، چوڭقۇر، ھېسسىياتلىق، يېڭى پىكىرلىك، تەپەككۇر دۇردانىلىرىغا تولغان شېئىرلارنى يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئادەتتىكى شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلىشنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم، ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلالىغۇدەك يېڭىچە ئوي - پىكىر، يېڭىچە ھېس - تۇيغۇلار كاللامغا كېلىپ قالسا يېزىشىم مۇمكىن.
كېيىنكى چاغلاردا كۆپرەك قىسقا ھېكايە ۋە تەقرىز - ماقالىلەرنى يازدىم. بىر قىسىم قىسقا ھېكايىلىرىم ۋە بەزى ماقالىلىرىم ئوقۇرمەنلەرگە يارىغان بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ قىسىم ھېكايە ۋە ماقالىلىرىمنى ئادەتتىكىدەك دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، ئوقۇرمەنلەر رازى بولغۇدەك ھېكايە، ماقالىلەرنى يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.


سوئال: ئۆزىڭىز رازى بولغان ئەسەرلىرىڭىز قايسى؟
جاۋاب: 50نەچچە يىللىق ئىجادىيەت مۇساپەمگە سېلىشتۇرغاندا يازغان ئەسەرلىرىم بىر قەدەر ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىرىك ئەسەرلىرىم يوقنىڭ ئورنىدا. مېنىڭچە ئەسەرلەرگە باھا بەرگەندە ۋاقىت، ماكان، شارائىتنىمۇ كۆزدە تۇتۇش كېرەك. 60- يىللاردا يازغان ئەسەرلەرگە 80- يىللارنىڭ، 80- يىللاردا يېزىلغان ئەسەرلەرگە بۈگۈنكى دەۋرنىڭ تەلىپىنى قويۇشقا بولمايدۇ. بەزى ئەسەرلەر ئۆز دەۋرىدە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھازىرقى تەلەپ ۋە بەدىئىي ئۆلچەملەر بويىچە قارىساق ئادەتتىكىدەك ئەسەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئۆزگىرىپ بارىدۇ.
مەن يازغان شېئىرلىرىم ئىچىدە “دەريا ۋە بۇلاق”، “شارقىراتما”، “ياشايسەن تاغ بولۇپ”، “زېمىن سۆزى” قاتارلىق شېئىرلارنى، ھېكايىلىرىم ئىچىدە “بازار نەرخى”، “ساتىراشنىڭ ھۈنىرى”، “سائەت 11دە كېلىڭ” قاتارلىق ھېكايىلەرنى بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان دەپ قارايمەن. بۇ ئەسەرلىرىم ھەققىدە تەقرىزلەرمۇ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا “زېمىن سۆزى” دېگەن شېئىرىمنى خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان دەپ قارايمەن، چۈنكى بۇ شېئىرىمدا خاسلىق ۋە پەلسەپىۋى پىكىر بار.


سوئال: سىزدىمۇ باشقا ئەدىبلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىڭىزگە خاس ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ جەھەتتە سۆزلەپ بېرىشنى خالامسىز؟
جاۋاب: ياش ۋاقىتلىرىمدا، خىزمەت ئالدىراش چاغلاردا كۆپىنچە ئەتىگەن تۇرۇپ ئىشقا ماڭغىچە بىر - ئىككى سائەت، كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن بىر - ئىككى سائەت ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىناتتىم. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەتىگىنى يېرىم سائەت چېنىقىپ كىرىپ، چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن چۈشتىن بۇرۇن ئاز بولغاندا ئىككى سائەت ئۆگىنىش، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولدۇم. چۈشتىن كېيىن باشقا مۇھىم ئىشلىرىم بولمىسا ياشانغانلار پائالىيەت ئۆيىگە كىرىپ ھەر خىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىمەن، گېزىت - ژۇرنال كۆرىمەن، كەچتە تېلېۋىزور كۆرىمەن. “شىنجاڭ خەۋەرلىرى” ۋە “مەملىكەت خەۋەرلىرى”نى ئاڭلايمەن، “مەدەنىيەت بوستانى”، “سەنئەت گۈلزارى”، “ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار”، “كۆڭۈلدىكى سۆز” قاتارلىق مەخسۇس پىروگراممىلارنى كۆرىمەن. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى كۈنلىرىم شۇنداق ئۆتۈۋاتىدۇ. ياشىنىپ قالغاندا تۇرمۇشنى رىتىملىق ئۆتكۈزۈش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش، ھېرىش - چارچاشتىن ساقلىنىش سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.


سوئال: ئابدۇرۇسۇل ئاكا، يېشىڭىز 70كە ئۇلىشىپ قالغاندىمۇ، ئەدەبىي تەقرىزلەرنى يېزىپ كېلىۋاتىسىز. سىزدىكى بۇنداق غەيرەت - شىجائەت نەدىن كەلگەن؟
جاۋاب: 1981- يىلى يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ “ئىلى دولقۇنلىرى” رومانى ھەققىدە “ياخشى باشلىنىش” ناملىق تەقرىزنى يازغانىدىم. 1984- يىلى ۋاپات بولغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن “گۈدۈك” ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە “قۇربانلارنىڭ يۈرەك ساداسى” ناملىق يەنە بىر تەقرىزنى يازدىم. بۇ تەقرىزلەر ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى خېلى يامان ئەمەس بولغانىدى. لېكىن خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 90- يىللارغىچە ماقالە، تەقرىزلەرنى يازمىدىم. 90- يىللاردىن كېيىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە، بەزى ئەسەرلەر ۋە ئاپتورلار ھەققىدە قىسقا ماقالە ۋە تەقرىزلەرنى يېزىشقا باشلىدىم، بولۇپمۇ پېنسىيەگە چىققاندىن باشلاپ يازغان ماقالە، تەقرىزلىرىم بىر قەدەر كۆپ بولدى. مېنىڭ تەقرىز، ماقالىلەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىم ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى خاتا خاھىشلارنى تۈزىتىش، بەزى مۈجمەل مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ھەمدە ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە تەھلىل - تەنقىد ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشتىن ئىبارەت.
ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر نەشر قىلىندى. لېكىن ئاز ساندىكى ئەسەرلەردىن باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەسەرلەر ھەققىدە ھېچقانداق تەقرىز يېزىلمىدى، ھەتتا قىسقا تەسىراتمۇ يېزىلمىدى. بۇ خىل ھالەت ئاپتورلىرىمىزنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ قۇيۇش رولىنى ئويناپ قالدى، ھەتتا پېشقەدەم شائىر - يازغۇچى مىزاھىد كېرىمى “مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر؟” دەپ ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەن مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ بەزى ئەسەرلەر ھەققىدە تەقرىز، تەسىرات يېزىشقا كىرىشتىم.
 

سوئال: ھازىرغا قەدەر قانچە كىتابىڭىز نەشر قىلىندى؟ مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالىڭىز قانداق؟
جاۋاب: مېنىڭ ھازىرغا قەدەر “ئۈمىد چېچەكلىرى”، “دەريا ۋە بۇلاق” )شېئىر – ھېكايىلەر توپلىمى(، “كۆڭۈل سۆيگۈسى”، “ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى” )خەنزۇچە توپلام( قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىم، “بازار نەرخى”، “ئالما” قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمىم، “قۇربانلارنىڭ يۈرەك ساداسى”، “ئەدىب ۋە پەزىلەت”، “قۇتادغۇبىلىكتىكى رۇبائىيلار” ناملىق تەقرىز ۋە ماقالىلەر توپلىمىم نەشر قىلىندى، يەنە بىر ھېكايىلەر توپلىمىم نەشرگە بېرىلدى.
مېنىڭ “شارقىراتما”، “دەريا ۋە بۇلاق”، “باھار چىرايلىق” قاتارلىق شېئىرلىرىم ۋە “مۇبادا قايتىدىن تۇغۇلسام ئىدىم” ناملىق تەرجىمە شېئىرىم ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتلاندى. مەن مەسئۇل مۇھەررىر بولغان “ئىلى خەلق ناخشىلىرى”، “ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى”، “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە”، “ئىزدىنىش”، “ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى”، “ھېسام چاقچاقلىرى”، “بۇ مۇھەببەت −− بۇ ياشلىق”، “ئىلى دولقۇنلىرى”، “ۋاپا ۋە مەردلىك”، “ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى”، “قۇمۇل نەزمىسى” ناملىق كىتابلار مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب باھالاش پائالىيەتلىرىدە مۇكاپاتلاندى. مەن تۈزۈپ نەشرگە تەييارلىغان “ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىدىن تاللانما” دېگەن كىتاب مەملىكەت بويىچە كىتاب باھالاشتا ئالاھىدە تەقدىرلەندى.

 




ھالقىلىق سۆزلەر : سۆھبەت، ئەدىب


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار