يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىنتارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن دراماتورگلار ئۆتتى. بۇلار ئىچىدەزۇنۇن قادىر، ل.مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزى، قاسىمجان قەمبىرى، خەمىت ھېكىم، ئەھمەدزىيائى، تۇرسۇن يۇنۇس، مۇھەممەدئېلى زۇنۇن، تۇرسۇنجان لېتىپ، جاپپار قاسىمقاتارلىقلار نادىر درامىلىرى بىلەن ھازىرغىچە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپكەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيىسى، ئىجادىيەت مېتودى، ئەسەرلىرىنىڭئالاھىدىلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دراما تارىخىدا تۇتقان ئورنى، رولى قاتارلىقمەسىلىلەرگە باھا بېرىش، خۇلاسىلەش نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇھىمۋەزىپە ئىدى. مۇھەممەد ئەيسا جامى كىتابىدا بۇ ۋەزىپىنى خېلى ئوبدان ئورۇندىدى.كىتابتىكى مەزمۇن بىر قەدەر كەڭ، تۆھپىكار دراماتورگلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچەچۈشۈرۈپ قويۇلمىغان، ئاپتورنىڭ ئەسەرگە سىڭدۈرگەن يېتەكچى ئىدىيىسى ۋە قارىشىمۇتوغرا ھەم ئىلمىي. كىتابتا ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ 70 يىللىق تەققىيات تارىخىئاساسىي لىنىيىگە، دراماتورگلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ۋە ئەسەرلەر تەھلىلى تارماقلىنىيىگە قويۇلغاچقا، ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا. قىسقىسى، بۇ كىتابماتېرىياللىرىنىڭ موللۇقى، تەھلىلىنىڭ توغرا ۋە ئىشەنچلىك بولغانلىقى بىلەن خېلىزور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. مەنبە:«شىنجاڭ گېزىتى»
|